ۋېن جياباۋ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا خېبېي ئۆلكىسىدە خىزمەت تەكشۈردى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغان ۋە 27-ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، 26- ئاۋغۇستتىن 28-ئاۋغۇستقىچە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جىياڭجاكو شەھىرىدە خىزمەت تەكشۈرگەندە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ گۇيۈەن ناھىيەسى بىلەن جاڭبىي ناھىيەسىدە يېزىدىكى ياتاقلىق تۈزۈمدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلىرىنى يوقلىدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى، يېزا مائارىپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كەڭ ئوقۇتچىلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى. ۋېن جياباۋ 28-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن جىياڭبىي ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئاشخانىسىدا 100 دىن كۆپرەك ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى بىلەن يېزا مائارىپىنى چوقۇم ياخشى باشقۇرۇش دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: مائارىپ يېزىلارنىڭ ئۈمىد يولى ۋە پارلاق يولى. بىز مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز بىلەن مەجبۇرىيەت تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، يېزا مائارىپىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشىمىز: يېزا مائارىپى تەرەققىياتىدا يولۇققان يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ھەقىقى يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەستايىدىل ھەل قىلىشمىز كېرەك. نۆۋەتتە ئېلىمىز يېزىلىرىنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە يەنىلا ئومۇمىي مىقدار مەسىلىسى، شۇنداقلا مائارىپ مەبلىغىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، بولۇپمۇ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى يېتىشمەسلىك، شەھەر بىلەن بولغان پەرقى ئىنتايىن زور بولۇش مەسىلىسى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىلىمىز مائارىپىدىكى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان مەسىلە ، ئۆيلىرىدە قېپقالغان بالىلار ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىرگە كۆچۈپ ئوقۇش مەسىلىسى، ھەمدە مەكتەپلەرنىڭ تارقاق بولۇشىدىن كېلىپ چىققان ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش مەسىلىسى.
ئۇ مۇنداق دېدى: يېزىلاردا قېپقالغان بالىلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ، ئەڭ چوڭ مەسىلە ئۇلار ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىش مەسىلىسى. بۇندىن كېيىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھۆكۈمەت يىتەكچىلىك قىلىش، يېزىلاردا قېپقالغان بالىلارغا كۆڭۈل بىلىش ۋە مۇلازىمەت خىزمىتىنىڭ كۈچىنى زورايتىشتىن ئىبارەت.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: يېزىلاردىكى يەسلى مائارىپى ئىلىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقا. ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچ پاراۋانلىق نەپ يەتكۈزۈش تۈزۈمىدا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە سېلىنمىسىنى زورايتىپ ئائىلىلەرنىڭ يۈكىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يۈزلۈك قاپلىغان، ئاساسلىق كاپالەتلىك قىلغان، سۈپەتلىك بولغان يېزا يەسلى مائارىپىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىشتە.
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوقۇتقۇچىلار مائارىپنىڭ ئاساسىي، ياخشى ئوقۇتقۇچى بولغاندىلا ئاندىن مائارىپنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمىنى ۋە تەمىناتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، يېزىلاردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ داۋالىنىش، كۈتۈنۈش، تۇرالغۇ ئوي قاتارلىق ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ تۇرالغۇ ئوي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. شارائىتى بار جايلار يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئەرزان قۇلايلىق تۇرالغۇ ئويلىرىنى سالسا بولىدۇ.
ۋېن جياباۋ يەنە يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىغا خالىسانە ئۆزىنى بېغىشلاش، كۆيۈنۈش، ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، تەربىيەلىگۈچى بولۇشتىن ئىبارەت تۆت نۇقتىلىق ئۈمىدىنى ئوتتۇرغا قويدى. |