پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 38|ئىنكاس: 0

ھاراقكەش ئىشەك(ھېكايە)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
37
قىزغىنلىق
647 سەر
تىللا
534 دانە
تۆھپە
461 سەر
شۆھرەت
531 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 20:33:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھاراقكەش ئىشەك



ئاپتۇرى : ئەزىز ئىمىر يانغىن



يالغۇزلۇقتىن ئىچىم پۇشۇپ ، كىتابخانىغا بېرىپ كىلىش ئۈچۈن يولغا چىقتىم . ھاۋا شۇنچە ئىسسىق ، قۇياش ئۆتكۈر نۇرلىرىنى يەر يۈزىگە چېچىپ ، جاھاننى بار كۈچى بىلەن ئىسىتماقتا .     بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى بولغاچقىمىكىن ، بازار تۇلىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ، كوچا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغانىدى . سودىگەرلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىپ ۋارقىراشلىرى ، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى .    توساتتىن 25-26ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت كۈزۈمگە چېلىقتى . ئالدىمدىكى بۇ يىگىتكە قاراپ ، ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . بۇ يىگىتنىڭ چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشكەن بۇلۇپ ، چېچىنى قىزىل ، سېرىق ، يېشىل رەڭلەردە بۇيىۋالغان ئىدى . ئۈستىگە تار بىر قىپقىزىل كاستيۇم كىيىۋالغان ، سېرىق -جىگەررەڭ ئالا -بۇلماچ گالاستۈكى تىزىغا يىتىپلا قالغان ئىدى . ئىككى غېرىچ كىلىدىغان ئۇچلۇق ئاياغلىرى ئىسىلزادە خېنىملار يىتىلىۋالىدىغان قاپقارا تۇمشۇقلۇق ئىتلارنى ئەسلىتەتتى . - ياخشىمۇسەن ، يازغۇچى ئەپەندى ، دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاپ ،سەل ئېسىمنى يىققاندەك بولدۇم . ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ ساپسىرىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجىيىپ تۇراتتى .ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، بۇ باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم مۇقارىپ ئىدى . - ھەئە ،ياخشى ،-دېدىممەن سوغۇققىنا ئاھاڭدا . ئۇنىڭ بۇ چاكىنا سىياقىغا قاراپ ،ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى يوقاتقانلىقىغا نەپرەتلەنگەن ئىدىم . - قانداق ،قوڭالتاق ، ئەھۋالىڭ ياخشى ، خۇتۇن ، بالا -چاقىلىرىڭ سالامەت ، يازغۇچىلىقىڭ ئىقىۋاتامدۇ ؟،-دېدى ئۇ كىنايە تەلەپپۇزدا. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ، ئەرۋاھىم قىرىق ئۆرلەپ ، ئۆزەمنى ئارانلا بېسىۋىلىپ ،بېشىمنى لىڭىشتىپ قويدۇم . - ھەئە ،ئۆزەڭنىڭ ئەھۋالى قانداق ؟ ئەجەپ <<پۇزۇر >>ياسىنىۋاپسەن . شۇنىڭغا  قارىغاندا ئەھۋالىڭ يامان ئەمەس ئوخشىمامدۇ ،-دېدىم تەنە ئارلاش . بۇ دوستۇم ئۇيۇن -تاماشىنى تولا ئويناپ بېشى ئايلىنىپ قالدىمۇ ، ئەيتاۋۇر گىپىمنى چۈشەنمىگەن ئىدى . - ئەلۋەتتە . ماڭا مەستلىكىڭ كىلىۋاتىدۇ ھە ئاداش ، بۇنداق ياسىنىش چەتئەلچە ياسىنىش دىيىلىدۇ . بۇ ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە ئەڭ مودا بۇلىۋاتىدۇ ، خالىساڭ سەنمۇ مەندەك ياسانغىن . قىز -چوكانلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋىتىسەن . بىزدە كونىلاردىن قالغان <<ئۈلۈمدىن باشقا ھەممىسى تاماشا >>دەيدىغان گەپ بارغۇ ! قاچانغىچە مۇنبەرگە ئەسەر يوللاپلا ئۈتىسەن . يا ساڭا پۇل بەرمىسە ئۇ خەق . مەنمۇ بىر چاغلاردا يېزىپ باقاي دەپ قايسىبىر مۇنبەرگە  <<دوڭغاق سۆگەت تۈۋىگە بارماڭ >>دەپ بىر ئەسەر يازسام ، ماۋۇ ئىنكاسچىلار <<بەك ياخشى يېزىپسىز ، تېخىمۇ تىرىشىڭ >>دىگەن بىرمۇنچە قۇرۇق گەپكە تولدۇرۋىتىپتىكەن . ئاچچىقىم نەدىن كەلدى ، قەلەم -پەلەم دىگەنلەرنى تاشلاپلاۋەتتىم . ماڭا قارا ،ماۋۇ ئۇچامدىكى كاستيۇم -بۇرۇلكا ياۋرۇپادا ئەڭ مودا بۇلىۋاتقان <<يالىڭاچ سەتەڭ ماركىلىق كاستيۇم >> ، تېخى ماۋۇ ئىسپانىيەنىڭ <<تۈمۈر تۇمشۇق >>ماركىلىق شىبلىتى ... <<توۋا ! بىزنىڭ ھازىرقى ياشلىرىمىز نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە، چەتئەلدىن ئۆگىنىمىز دەپ ئۆزىنى بازارغا سېلىپ ، ئۆزىچە پەخىرلىنىپ يۈرگىنىنى كۆرمەمدىغان ...>> كۆڭلىمدە شۇلارنى ئويلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغىنىمدىن خىجىل بۇلۇپ كەتتىم . - خوش ئاغىينە ، بۈگۈن كىتابخانىغا بېرىپ جەمىيەت كۆزىتىپ ، بىرەر ياخشى تېما تاللاش ئۈچۈن چىققان ئىدىم . كىيىن ۋاقىت بولسا كۈرۈشەرمىز ،-دېدىم ئۇنىڭدىن بىزار بۇلۇپ تېزراق قۇتۇلۇش ئۈچۈن . - ئالدىراپ نەگە بارىسەن ؟ بىرەر يەرگە بېرىپ ھال -مۇڭ بۇلۇپ ئولتۇرۇپ كەيىپ سۈرۈپ كەلمەيمىزمۇ ، يازىمەن دىسەڭ مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن . بىر چاغدا ئىلھامىم كىلىپ كىلىپ بىر نەرسە يېزىۋىدىم . ساڭا بېرىپلىۋىتەي ، ئانچە -مۇنچە <<خودۇڭ -پودۇڭ >>قىلىپ ئۆزەڭنىڭ نامىدىلا بىرەر مۇنبەرگە يوللىمامسەن ،-شۇنداق دىگىنىچە ئۇ قوللىرىنى كىشىلەر بار يەردە ئاپارغىلى بولمايدىغان بىر يەرگە سۇنۇپ ، بىر قىزىل لاتا بىلەن ئورالغان بىر نەرسىنى ئېلىپ ماڭا ئۇزاتتى . مەن نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرغىنىمدا ،خۇددى خورازدىن ھۈركۈپ كەتكەن مىكيانلاردەك قاقاقلاپ سەت كۈلۈشكىنىچە بىر نەچچە قىزلار يىتىپ كەلدى . ئۇلارنىڭ ئۈتۈپ كىتىۋاتقىنىنى كۆرگەن مۇقارىپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتقىنىچە <<خوش ئاداش ، كىيىن كۆرىشەرمىز >>دىگىنىچە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كىتىپ قالدى . ئۆزەممۇ بىلمەي جايىمدا تۇرۇپ قاپتىمەن . بايا ئۇ بەرگەن نەرسىنى ئېچىپ ، كۈرۈشكە باشلىدىم . ئىسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە بىر قارا تەخەي بولغان ئىكەن . دادامدىن ئاڭلىسام ئانىسى بۇ تەخەي  تۇغۇلۇپلا ئۈلۈپ كەتكەن ، شۇڭا ئۆيدىكىلەر بۇ تەخەيگە بەك ئامراق ئىدۇق . لىكىن نىمىشقىكىن قارا تەخەي مىنى كۆرسىلا ئارقامدىن قوغلاپ مىنى<< ئۈسۈپ>> -تىپىپ كىتەتتى .ئۆيدىكىلەر يوق بولدىمۇ ، تازا ئۇرۇپ ئاچچىقىمنى چىقىرۋالاتتىم . كىيىن بولسا مەھەللىدىكى بالىلارنىڭ كەينىگە كىرىۋىلىپ چۇرقۇراشلىرى ، پات -پات ساغرىسىغا ئۇرۇشلىرى قىزىق تۇيۇلدىمۇ ، بارا -بارا مىنى كۆرسە ئويناقشىپ ئالدىمدا يۈگرەيدىغان بولدى . بىر كۈنى مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن قارا تەخەينى يىتىلەپ ،ئۆستەڭ بۇيىغا سۇغا چۈمۈلگىلى باردۇق . تەخەينى بىر مايماق سۆگەتكە باغلاپ قۇيۇپ ئۇيۇننى باشلىۋەتتۇق . بىر چاغلاردا ئۇيۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا بالىلار چۇرقۇرشقىلى تۇردى. نىمە بولدىكىن دەپ شۇنداق قارىمامدىم ، ھەيران بولغىنىمدىن قاتتىق ۋارقىرىۋەتتىم . تەخەي قانداق بوشانغانكىن ، بىز باياتىن بېرى سۇغا سەكرەپ چۈشىۋاتقان كۆۋرۈك بېشىغا بېرىپ ، بىزگە ئوخشاش سەكرەشكە تەمشىلىۋاتقان ئىكەن . - ياق ...ياق...سەكرىمە ! شۇنداق دەپ تۇرىشىم بىلەن تەڭ قارا تەخەي كۆۋرۈكتىن سەكرەپ چۈشمەمدۇ ، قورقۇنچلۇقىمدا كۆزۈمنى يۇمىۋالدىم . - ماۋۇ كارامەتنى كۈرۈڭ . بىزنىڭ تەخەي ئالاھىدە سۇ ئۈزۈش ماھىرى ئىكەن ئەمەسمۇ ! ئۇنىڭ سۇ ئۈستىدە پۇتلىرىنى كىرىپ ، <<غۇلاچلاپ >> ،ھەرخىل ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ سۇ ئۈزۈشلىرى ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇردى . شۇنىڭدىن كىين بىز ئۇنى قارا تەخەي دەپ چاقىرماستىن <<دىڭىز ئىشىگى >>دەپ چاقىردىغان بۇلۇشتۇق . شۇ يىلى ياز چىققىچە قارا تەخەي بىلەن سۇغا چۈمۈلدۇق .ئۇ تېخى بىر نەچچىمىزگە سۇ ئۈزۈشنىمۇ ئۈگىتىپ قويدى . مەن بالىلىق دەۋرىدىن ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويدۇم . يېشىممۇ چوڭىيىپ 18ياشلارغا بېرىپ قالدىم . قارا تەخەيمۇ چوپچوڭلا ئىشەك بۇلۇپ قالدى . ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ، تۇرۇپ -تۇرۇپ قاتتىق ئاۋازدا ھاڭراشلىرى ئادەمنىڭ بىزارلىقىنى كەلتۈرەتتى . لىكىن ئۇ ھازىرمۇ مەن قەيەرگە بارساملا ،ئارقامدىن ئەگىشۋالاتتى . ئاغىينىلىرىم زاڭلىق قىلىپ : - قارا ..قارا ئاداش ، <<خۇتۇنۇڭ >> ساڭا نىمانچە ئامراق . سەن نەگە بارساڭ شۇ يەرگە ئەگىشلاۋالىدىكەن . ئوبدان كۈيۈنۈپ ھاجىتىدىن چىققىن جۇمۇ ،-دېيىشەتتى .  بىر كۈنى ئاغىينەم يەنە شۇنداق دىمەمدۇ ، جان -جېنىمدىن ئۈتۈپ كەتتى . شۇ ئاچچىقىمدا ئىشەكنى ئۆيگە سولىۋىلىپ تازا ساپتىمەن . بىر ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن سىرغىپ چۈشكەن ياشلارنى كۈرۈپ ،سەل ئىچىممۇ ئاغرىپ قالدى . شۇنداق بولسىمۇ بىز ئۇزۇن يىللىق قەدىناسلاردىن -دە! شۇنىڭدىن كىيىن بىر يەرگە چىقسام ئۇنى سولاپ قۇيۇپ چىقىدىغان بولدۇم . بىر كۈنى بىرنەچچە ئاغىينىلەر بىلەن تازا ئىچىشىپ ،مەست بۇلۇپ يولدا يېتىپ قاپتىمەن . ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ئىشەك ئىغىلىدا ياتىمەن . ماۋۇ ماز ئىشەك تىللىرىدا  يۈزلىرىمنى يالاۋاتقان ... باشقىلاردىن ئاڭلىسام ئىشەك مىنىڭ قايتىپ كەلمىگىنىمنى كۈرۈپ ، بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بۇلۇپتۇ -دە ،مىنى ئىزدەپ چىقىپ كىتىپتۇ . بىر چاغدا ئەسكى -تۈسكى لاي -پاتقاقنىڭ ئارىسىدىن مىنى تېپىپ ،ئۆيگە سۆرىگىنىچە ئېلىپ كەپتۇ .   ئۇ ئىش ئۈتۈپ بىر مەزگىلدىن كىيىن قوشنىمىز زورەم نايناق بىر ئىشەكنى يىتىلىگىنىچە ھويلىمىزغا كىرىپ كەلدى . - مۇقارىپ ، بۇ ئىشەكنى تۈنۈگۈن سېتىۋالغان ئىدىم ، سىلەرنىڭ ئۆيدىكى قارا ئىشەك بىلەن چېتىشتۇرايلىمىكىن دىگەن ... بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ، ماۋۇ زورەم نايناقنىڭ ئەركەك ئىشەكنى ئەكىرىپ بىزنىڭ ئىىشەك بىلەن چېتىشتۇرايلى دىگىنىگە ھەيران بۇلۇپ ، چىرايلىقچە رەت قىلاي دەپ ئەمدى ئېغىز ئېچىشىمغا ، قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە بىردەمدىلا ھېلىقى قوتۇر رەزگى ئىشەك بىلەن ئاپئاق -چاپپاق بۇلۇپ ، بىر -بىرىگە ئېسىلىپلا قاپتۇ . ئۇلارنى تەسلىكتە ئاجرىتىپ ، قارا ئىشەكنىڭ كۆتىگە بىر نەچچىنى تېپىۋەتتىم . قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە ئەتراپىمدا چۆرگىلەشكە باشلىدى . ئەتىسى ،سەھەردە ئورنىمدىن تۇرۇپ ، قارا ئىشەكنىڭ قېشىغا كىرىپلا ،قاققان قۇزۇقتەك تۇرۇپلا قالدىم . ماۋۇ سەتچىلىكنى ئەمدى نىمە دەي ، ھېلىقى قۇتۇر ئىشەك بىلەن قارا ئىشەك ئۇزۇندىن بېرى كۆرىشەلمىگەن ئاشىق -مەشۇقلاردەك بىر -بىرىگە ئېسىلىپ ،سۈركىلىشىپ يېتىپ كىتىپتۇ . شۇ ئىشتىن كىيىن قارا ئىشەكنىڭ ئۇ ئىشەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قاتتىق توستۇم . بىر كەچلىكى ئولتۇرۇشتىن قايتىپ كەلسەم ، قارا ئىشەك ئۆيدە يوق . كاللامدىن تۈتۈن چىقىپ ، ئىزدىمىگەن جاي قالمىدى . ئۇنى ھېچيەردىن تاپالماي ، جىلە بۇلۇپ ھارغانلىقىمدىن يېتىپ ئەمدىلا ئۇخلاي دەپ ،كۈزۈم ئۇيقۇغا ئىلىنىشى بىلەن ئۆگزىدىن <<دۈپۈر -دۈپۈر >>قىلغان ئاۋازلار ئاڭلاندى . <<ئوغرى >>دىدىممەن كۆڭلىمدە . كالتەكتىن بىرنى كۆتۈرۈپ ، ئاۋايلىغىنىمچە ئىشىك ئارقىسىغا ئۈتىۋىلىپ ،دېرىزىدىن ماراپ تۇردۇم . بىر چاغدا بىر قاپقارا كۆلەڭگە <<گۈپ >>قىلىپ ئۆگزىدىن سەكرىدى -دە ، ئېغىلغا قاراپ مېڭىشقا باشلىدى . ئىشىكتىن چىقىپ شۇنداق قارىمامدىم . - قارا ئىشەك ! شۇ چاغدا بىلدىمكى ، قارا ئىشەك ھېلىقى قۇتۇر ئىشەك بىلەن ئۆگزىگە چىقىۋىلىپ ... بۇ ئىش ئۇزۇنغا ئۆتمەي مەھەللە ئارىسىدا پۇر كەتتى . شۇ سەتچىلىكتىن كىيىن ، مەھەللىدە يۈزىمنى كۆتۈرەلمەي يۈردۈم . ئەل -ئاغىينىلەر بىلەن پات -پات يىغىلىپ ئولتۇرۇش قىلاتتۇق . بىر كۈنى ،بىرنەچچە ئاغىينىلەر مەھەللىمىزنىڭ يۇقىرسىدىكى ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسدا ئولتۇرۇپ قالدۇق . سورۇن تازا ئەۋجىگە چىققاندا قارا ئىشەك ھاڭرىغىنىچە يېنىمىزدا پەيدا بولدى . - قاراڭلار ، ئاۋۇ قارا ئىشەكنى ... مۇقارىپقا بەكمۇ سادىق جۇمۇ . مانا مۇشۇ يەرگىچە ئىزدەپ كەپتۇ. - خوش بولساڭ بۇلىدۇ ئاغىينە . بۇ ئىشەك نەچچە يىلدىن بۇيان ساڭا سادىقلىق بىلەن <<خۇتۇن >>بۇلۇپ كەلدى . - ھا...ھا...ھا... ئۇلارنىڭ ماز گەپلىرى يەنە باشلاندى . بىر چاغلاردا ئىچىشۋازلىق تازا قىزىغاندا ،ھاشىم كىگىزنىڭ كاللىسىغا مۇنۇ قارا ئىشەككىمۇ بىر -ئىككى رومكا ئىچۈرۈپ باقمامدۇق ،دىگەن خىيال كىلىپ قالسا بۇلىدۇ . ئەل -ئاغىينىلەر بۇنى ئاڭلاپ دۈپۈرلىشىپ كەلگىنىچە قارا ئىشەكنى تۇتىۋىلىشتى . ھېچ گەپ قىلىپ ئۇلارنىڭ رايىنى ياندۇرالمىدىم ، ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي ، كۈلكە -چاقچاق ، ھە -ھۇ بىلەن قارا ئىشەككىمۇ بىر نەچچە رومكا <<دولان روھى >> ئىچكۈزۋىتىشتى . قارا ئىشەك ئازراق ئىچىۋىلىپ قىزىپ قالغان چېغى <<يەنە ئىچىمەن >>دىگەندك ھاڭراشقا باشلىدى . ئۈنئالغۇدا چەتئەلنىڭ دىسكۇ مۇزىكىسى قۇيىلىۋاتاتتى . قارا ئىشەك نايناقلاپ ئوتتۇرغا چۈشۈۋىلىپ ، دۇنياغا داڭلىق تولغىما ئۇسسۇل چولپىنى مايكىل جىكسۇننى دوراپ ساغرىلىرىنى تولغاپ ئويناشقا باشلىدى ... سورۇن ئاخىرلىشىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتتۇق ، شۇ كىچە قارا ئىشەك توختىماي ھاڭراپ ،ئۇسسۇل ئويناپ چىقسا بۇلىدۇ .   ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرسام ، قارا ئىشەك ئىشىك ئالدىغا ئازراق قەي قىلىپ شۇ يەردىلا ئۇخلاپ قاپتۇ . شۇ كۈندىن كىيىن قارا ئىشەك تۇيۇقسىز يوقاپ كىتىدىغان بۇلۇپ قالدى . ھەرقېتىم ئۇنى ھېلىقى ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسىدىن تاپاتتىم .ھاشىم كىگىزمۇ قىزىق ئادەم ، ئۇنى ھايدىۋەتمەي ھاراق بىرىپ يۈرسە بۇلىدۇ . ئۇنى سۆرەپ ئېلىپ ماڭغىنىمدا <<بىردەم ئىچىۋالايچۇ ! >>دىگەندەك كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ، تىپىرلاپ يەردە يېتىۋالاتتى . بىر كىچىسى قارا ئىشەك ئادىتى بۇيىچە ئۆيدىن قېچىپ ھاشىم كىگىزنىڭ قاۋاقخانىسىغا بېرىپ ، ئۇيەرنى ئوڭتەي -توڭتەي قىلىپ ، ھاراقلارنى بۇلىشىغىچە ئىچىپ ئۇخلاپ قاپتۇ . شۇ ئىش سەۋەبىدىن 2ئايلىق كىسىلىپ كەتتىم . ساقچىخانىدىن چىقىپ ،تارتقان ئازابلىرىم ئۈچۈن ،قارا ئىشەكنىڭ تازا ئەدىبىنى بەرمەكچى بۇلۇپ ، دەرغەززەپ ھالدا ئۆيگە كەلدىم .  قارا ئىشەك ئېغىلدا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىتقۇدەك دەرىجىدە ھاڭرىغىنىچە پۇشۇلداپ ياتاتتى . - ئۆلسەڭ ئۆل ! خوپ بولدى ،-دېدىممەن ئۇنىڭغا قاراپ . ئۇ مىنى كۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشىلىۋىدى ، يەنە يىقىلىپ چۈشتى . قارا ئىشەكنىڭ قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغان ئىدى . بۇنى كۈرۈپ باياتىنقى ئاچچىقلىرىممۇ نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى . - بەلكىم ھېلىقى قوتۇر ئىشەكنىڭ ئىشى بولسا كىرەك ،-دەپ ئويلىدىم كۆڭلىمدە . ئىشەكنىڭ بىچارىلەرچە تەلمۈرۈپ ھاڭراشلىرى ئىچىمنى ئىزىۋەتتى ، دەرھال قوشنىلاردىن بىر ھارۋا سوراپ ،قارا ئىشەكنى ھارۋىغا بېسىپ <<چارۋا -ماللار دوختۇرخانىسى>>غا قاراپ يولغا چىقتىم . - مۇنداق دەڭ ، ئىشىكىڭىزنى دەرھال ئوپراتسىيە قىلمىىساق بولمايدۇ ،-دېدى يوغان قوساق دوختۇر ئىشەكنى تەكشۈرۈپلا . -بۇ ..بۇ ...قانداق بولغىنى . ھايۋاننىمۇ ئوپراتسىيە قىلغان بارمۇ ؟ ،-دېدىم ھەيران بۇلۇپ . - قانداق تومپاي ئادەمسىز . ھازىر دىگەن قايسى زامان . ئوپراتسىيە قىلامسىز -قىلمامسىز ؟،-سورىدى دوختۇر ماڭا ئالىيىپ . - بوپتۇ ..مەيلىلا . شۇنداق دەپ ئىشەكنى ئوپراتسىيە بۈلۈمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتتى . بىر كەمدە دوختۇر ئىشەكنىڭ ئۈلۈگىنى ئېلىپ چىقمامدۇ ...ئۈزەمنى تۇتىۋالالماي ئىشەككە ئېسىلىپ يىغلاپ كىتىپتىمەن . شۇنداق قىلىپ مىنىڭ جان-جىگەر ھايۋىنىم ، ھاراقكەش ئىشكىمىدىن شۇنداقلا ئايرىلىپ قالدىم . ئۇنىڭ يازغانلىرىنى ئۇقۇپ ھېچنىمى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالدىم . مىنىڭ كاللام بەك ئاددىيمۇ ياكى ... قېنى سىلەر بىر نىمە دەپ بېقىڭلارچۇ !!
مەنبە : ئىز تورى

بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 01:59, Processed in 0.273176 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش