پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 101|ئىنكاس: 2

جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك! (ئاۋازلىق ئەسەر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
68
قىزغىنلىق
2839 سەر
تىللا
2950 دانە
تۆھپە
2171 سەر
شۆھرەت
2594 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-5 15:27:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

جاپاكەش ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك!





يۈرىكى يېغلىمىسۇن مۇئەللىمنىڭ ،مۇئەللىمنىڭ !ياق! كائىناتنىڭ !

ئاپتورى-ھايات
لىنتىغا ئالغۇچى-ھايات



بىردانادىن سورىدىم :
-دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر گۇناھ نېمە ؟
-ئائىلىدىكىلىرىنى نادانلىقتا قالدۇرۇش .
-ئەڭ ساۋاپلىق ئىش نېمە ؟
-ئازغاننى يولدىن قايتۇرۇش ،قاراڭغۇ دىللارغا ھېكمەت ئۇرۇقلىنى چېچىپ نۇرانە قوياشنى ئاسماندا پارلاتقۇزۇش .
-بۇنداق قۇدرەت كىمنىڭ قولىدىن كەلسۇن ؟
-مۇئەللىمنىڭ !
-مۇئەللىم ؟!
مۇئەللىم ! ئۆزى ئاستا –ئاستا يېقىلىش بەدىلىگە تۈمەنمىڭ يىمىرىلمەس گىگانىت دەرەخلەرنى يېتىشتۈرگۈچى ! مۇئەللىم ! مول –ھوسۇلنىڭ نامايەندىسى ئەڭ سورتلۇق ئۇرۇق . مۇئەللىم ! ئۆزىنىڭ كىچىككىنە قانىتى سايىسىنى تۈمەنمىڭ ئاپئاق تۇرنىغا پاناھ قىلالىغۇچى ! بىر تامچە كۆز يېشى بىلەن پۈتكۈل زېمىننىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغۇچى ! بىر تال ئاق چېچىغا تالاي غۇنچىنىڭ خۇش تەبەسسۇمى بىلەن تولغاەن ئۆلمەس تارىخلارنى يۇشۇرغۇچى ! يۈزىدىكى ھەربىرتال قۇرۇققا جاھان ئەركىلىرىنىڭ ،ئالىم ،مۇتەخەسسى ،پەيلاسۇپلارنىڭ شانلىق غەلبە خەرىتىلىرىنى سىزغۇچى ! بىر جۈپ خاسىيەتلىك قولى بىلەن سىيلانغان باشلارنى كۆكلەرگە تاقاشتۇرغۇچى !
مۇئەللىم ! ئۇ يەرشارىنىڭ تىنىقى ،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن گىگانىتلارنىڭ سىيماسىنى كۆرىسىز! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز شوتا ، ئاي شارىغاچىققۇچىلارمۇ ئۇنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ چىقىپ كائىنات بىلەن مۇڭداشقان!
مۇئەللىم ! ئۇنىڭ يۈرىكى سوقماقتا ! ئۇنىڭ ئەمەس ئىنسانىيەتنىڭ يۈرىكى سوقماقتا! ئۇنىڭ نۇرانە يۈزلىرى سەبىيلەرنىڭ كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بەرگۈچى سېھىرلىك ئەينەك!
مۇئەللىم! ئۇ ئاددىي ئىنسان ئەمەس! ئۇ ئىنسانلار ئارىسىغا ئەۋەتىلگەن قۇتقازغۇچى پەرىشتە !
مۇئەللىم ! ئۇ دەسسىگەن ئىزىدىن بوستان بەرپا قىلغۇچى سېھىرگەر ! ئۇ ئۆلگەن قەلبلەرنى تىرىلدۇرگۈچى ! ئۇ جاھالەت قاراڭغۇلۇقىنى تولۇن ئاي ۋە يولتۇزلار بىلەن بىزىگۈچى !
مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا رەسسام . چۈنكى ئۇ تېخى ھېچقانداق بىر رەسسام سىزىپ ئۈلگۈرمىگەن ھاياتلىق كارتىنىسىنى بور بىلەن دوسكىغا سىزىپ چىققۇچى!
مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ماھىر ھەيكەلتاراش ! ئۇ ھاياتلىقنىڭ غەلبە ھەيكىلىنى مارىسقا ، يۇپىتىرغا قاتۇرغۇچى !
مۇئەللىم ! ئۇ ئەڭ ئىلغار مۇزىكانىت ،شۇنچە زور ئوركىستىرغا ئۆزى يالغۇز مەسئۇل بولغۇچى !
مۇئەللىم !ئۇ بىر مەزمۇت تاغ ! ئۇ باغرىغا تالاي ھىكمەتلەرنى يۇشۇرغۇچى ، ئۇ بىر پارچە ئېسىل چىمەنزار ! ئۇنىڭ خۇشبۇي ھىدى ،دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل ھوزۇر ! ئۇ ئىنسانىيەتتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا ! ئۇنىڭدەك كىسەلگە ھەقىقى شىپالىق دورىنى ھېچكىم ياساپ چىقالىغىنى يوق !

مۇئەللىم ! ئۇ تاتلىق ئەسلىمىلەرگە تولغان تۈنۈگۈن ، ئۇنىڭغا ئەڭ بۈيۈك تارىخلار يېزىلغان ! مۇئەللىم ! ئۇ يېقىملىق بۈگۈن ! ئۇ تېنىمسىز ھالدا كائىنات چوڭقۇرلۇقىغا ،يەر قاتلاملىرىغا سېڭىپ كىرمەكتە ! مۇئەللىم ! سۆيۈملۈك ھەم گۈزەل ئەتە ! ئۇنىڭ باغرىدا تۈمەن غەلبە جىلۋىلىرى جۇش ئېتىپ تۇرماقتا!
«بىز مۇئەللىم يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز ،خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە نۇرلار چاچىمىز »
مۇئەللىم ! ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق شائىر ! ئۇ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ،لىرىكىغا تولغان رەڭدار ھاياتنى ئەڭ يېقىملىق تىللار بىلەن مىسرالار باغرىغا پاتۇرغۇچى!  
كىمدە بار شۇنداق خىسلەت ،كىشى بالىسىنى ئۆز بالىسىدىن ئەزىز كۆرەلەيدىغان ! كىمدە بار شۇنداق قۇدرەت ،بارچە قايغۇ ئەلەمنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرۇپ گىگانىت قەدەملەر بىلەن سىنىپقا كىرىپ كىلەلەيدىغان ! كىمدە بار شۇنداق جاسارەت ،قانغا تولغان يۈرەكلىرى بىلەن مۇنبەرگە چىقىپمۇ چېھرىدە تەبەسسۇم نامايەن قىلالايدىغان ؟! كىمدە بار شۇنداق ساداقەت ،ئۆزىنىڭ ئاددىيلىقى بىلەن مۇقەددەس ئەتىنى بەرپا قىلالايدىغان ...
پاك ،سەبىي دىللاردىن شاتلانغان ئۇستاز ،  
ئەۋلاتلار بەختىگە ئاتلانغان ئۇستاز .  
ئۆتسىمۇ تالاي يىل ،تالاي ئەسىرلەر ،
ئەۋلاتلار قەلبىدە يادلانغان ئۇستاز .   
مۇئەللىم ! مىللەتنىڭ ھايالىق نوزۇكلىرى ! يەتتە قىزلىرىم ،رىزۋانلىرى ! ئايخانلىرى ،خۇش مېھرىبان ئانىلىرى ! چىن تۆمۈردەك باتۇرلىرى ،سىيىت ،سادىر،تۆمۈرلەردەك گاڭگۇڭلىرى ! تاڭ سەھەرنىڭ بۇلبۇللىرى ! گۈل –ھاياتنىڭ دۇلدۇللىرى ! كۆكتە نورلۇق يولتۇزلىرى !
شۇڭا دەيمەن ! يۈرىكى توختىمىسۇن مۇئەللىمنىڭ ! مۇئەللىمنىڭ ! ياق ،كائىناتنىڭ !
مەنبە: چىمبۇلاق تورى (چىمبۇلاق تورى ۋە ئاپتورنىڭ ئالاھىدە روخسىتىنى ئېلىش ئارقىلىق مۇنبىرىمىزگە قۇيۇلدى. باشقا مۇنبەرلەرگە قويماقچى بولسىڭىز ئىگىسىدىن سۇراپ قۇيۇڭ!)
بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز!

Rank: 1

قىزغىنلىق
7 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
6 سەر
شۆھرەت
6 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-7 12:56:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشمىدى بۇ  ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ئ

ئاتامان

ئاتامان

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
2839 سەر
تىللا
2950 دانە
تۆھپە
2171 سەر
شۆھرەت
2594 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-14 00:22:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


بۇ ئادرىستىن چۈشۈرسىڭىز بۇلىدىغۇ؟

http://mp3.elqut.cn/uploads/medias/baxkilar/okutkuqi.mp3
بايقاش سىزنىڭ ئىللىق ئائىلىڭىز!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 11:46, Processed in 0.269385 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش