ئەلشىر ناۋائى نىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

بۈيۈك شائىر مۇتەپپەككۇر نىزامىدىن ئەلىشىر ناۋائىي مىلادى 1441 - يىلى ھېرات ( ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى قەدىمكى بىر شەھەر ) شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن . ئەلىشىر ناۋايىنىڭ ئۇرۇق - تۇققانلىرى تۆمۈرىيىلەر سارىيىغا يېقىن كىشىلەردىن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاتىسى غىياسىدىن بارلاسمۇ خۇراسان شاھى ئۇبۇلقاسىم بابۇر سارىيىدا ھەربىي ئەمەلدار بولغان ئىدى . ئەلىشىر ناۋايى باشلانغۇچ بىلىمىنى ھېراتتا ئالدى . ئۇنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتى مەكتەپ يېشىدىكى يىللاردىلا نامايەن بولۇشقا باشلىغان ئىدى . پادىشاھ شاھرۇھ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەۋج ئالغان تاج - تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ناۋايى ئائىلىسىنىڭ ھېراتتىن ئىراقنىڭ تەفىت شەھىرىگە كۆچۈشى سەۋەبلىك ئەلىشىرگە ئۆز ئوقۇشىنى تەفتىدە داۋاملاشتۇرۇشقا توغرا كەلدى . ئۇ تەفت شەھىرىدە 15 - ئەسىرنىڭ مەشھۇر تارىخچىسى شەرەفىدىن ئەلى يەزدى بىلەن ئۇچراشتى ۋە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەردە بولدى . ئالىم ئەلىشىرنىڭ يۇقۇرى تالانتى ۋە ئۆتكۈر ئەقىل - پاراسىتىگە قايىل بولۇپ ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىلھام بەردى . شەرەفىدىن ئەلى بەزدى بىلەن ئۇچرىشىش ناۋايىنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش بولدى . ئەلىشىر 12 - 13 ياشلارغا كىرگەندە ئاتىسى ۋاپات بولۇپ ، ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ قولىدا قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بولىدۇ . 15 يېشىدىن باشلاپ شائىرلىق بىلەن شۆھرەت قازانغان ياش ئەلشىر ھۈسەيىن بايقارا ( سۇلتان ساھىبقىران ھۈسەيىن باھادىرخان ، 1469 - يىلى ھېراتتا تەختتە ئولتۇرغان ، 1505 - يىلى ۋاپات بولغان ، مەشھۇر شائىر بولۇپ ، بىرمۇنچە شېئىر ۋە غەزەللەرنى يازغان ) بىلەن بىللە ئۇبۇلقاسىم بابۇرنىڭ سارىيىدا خىزمەت قىلىشقا باشلايدۇ . 1456 - يىلى بابۇر بىلەن بىللە مەشھەدكە بارىدۇ . 1457 - يىلى بابۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ھۈسەيىن بايقارا تەخت ئىگىلەش ئۈچۈن كۈچ ئۇيۇشتۇرۇش نىيىتىدە مەرۋىگە كېتىدۇ . ناۋايى مەشھەدتە قېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . بۇ يەردە ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر شائىرى كامال تۇرباتى بىلەن ئۇچرىشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن دوستلۇق ئورنىتىدۇ . بۇ چاغدا ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ ، پەلسەپە ، مەنتىقە ، ماتېماتىكا پەنلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىدۇ . بولۇپمۇ ئىسلام پەلسەپىسىنى ، ئەرەب ۋە شەرق مۇسۇلمان ئەدەبىياتىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىدۇ . جۈملىدىن ئۇبۇلقاسىم فېردەۋسى ، نىزامى كەنجىۋى ، خۇسراۋ دېھلەۋى ، ئاتايى ، لۇتفى ۋە باشقا شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ . شۇنىڭدەك ئىجادىيەتكە قىزغىن كىرىشىپ ، پارىس ۋە تۈركىي تىللاردا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازىدۇ . شۇڭلاشقا ئۇ "زۇللىنەين" (ئىككى تىل ئىگىسى) دېگەن نام بىلەن شۆھرەت قازانغان . ئۇ ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلدا يازغان شېئىرلىرىغا "ناۋايى" ( كۈي ، ئاھاڭ دېگەن مەنىدە )، پارىس تىلىدا يازغان شېئىرلىرىغا بولسا "فانى" ( ۋاقىتلىق يوقالغۇچى دېگەن مەنىدە ) دەپ تەخەللۇس قويىدۇ . بۈيۈك شائىر 1501 - يىلى 1 - ئاينىڭ 3 - كۈنى 60 يېشىدا ھېراتتا ۋاپات بولغان .
|