پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2690 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ھەسەن6 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس،دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس.

  • ھەسەن6 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق،كېچىسى گەپ قىلساڭ قولاقنى قولاققا ياق.

  • ھەسەن6 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ.-

  • خانىدان تۈنۈگۈن 22:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايغا كۈندە بايرام كۈندە توي ، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ كۈندە ئوي .

  • ھەسەن6 تۈنۈگۈن 21:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .

  • ھەسەن6 تۈنۈگۈن 21:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.

  • ھەسەن6 تۈنۈگۈن 21:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    دەرەخ ھۆسنى ياپراق، ئادەم ھۆسنى ئەخلاق.

كۆرۈش: 47|ئىنكاس: 1

ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

150

تېما

9

دوست

7017

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
21
قىزغىنلىق
1479 سەر
تىللا
412 دانە
تۆھپە
1460 سەر
شۆھرەت
1313 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 17:41:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى
            


   دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە، ھەمىشە بەزىلەرنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەمما ئاغرىقنىڭ ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ ياكى بەزىلەر كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان چاغدا ئاندىن ئىلگىرى ئۆزىدە كېسەل ئالامىتى ياكى بېشارىتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئېرەڭ قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. شۇڭا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم. يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئۆزى كۆزىتىپ ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالسا، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەردائىم چۈشىنىپ تۇرۇشقا، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بالدۇر بايقاشقا ياردىمى بولىدۇ.
   1. تومۇر سوقۇشقا ئاساسەن ئېنىقلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن، بەش مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن 30 قېتىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن بىر سائەت جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئۆلچەپ چىقىلغان تومۇر سوقۇش قېتىم سانىدىن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۆلچەپ چىقىلغان ئىككى قېتىملىق تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنىڭ ئايرىمىسىنى ئېلىۋېتىپ، چىققان ساننى ئونغا بۆلسەك، كېلىپ چىققان نەتىجە 5 ~ 1 بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كېلىپ چىققان نەتىجە 10 ~ 6 بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كېلىپ چىققان نەتىجە 16دىن چوڭ بولسا، بۇ يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   2. پەلەمپەيدىن چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلاش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا ئادەتتىكى تېزلىكتە بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن تۆتىنچى قەۋىتىگە (ئەگەر بىنانىڭ قەۋىتى پاكارراق بولسا بەشىنچى قەۋىتىگە) چىقىش، ئارىلىقتا توختىماسلىق كېرەك. بۇ چاغدىكى يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئاز بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 120 ~ 100  قېتىم بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشىراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140 ~ 120  قېتىم بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛  يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140 قېتىمدىن كۆپ بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ  ناچارراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.  
مەنبە:   باس باس  تورى

364

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4246 سەر
تىللا
1234 دانە
تۆھپە
2633 سەر
شۆھرەت
2725 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-8 23:49:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساغلاملىق بىباھادۇر.
سىناپ كۆرۈشكە تېگىشلىك ياخشى ئۇسۇللار ئىكەن، رەخمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-11-17 14:42, Processed in 0.234749 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش