پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2690 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ھەسەن6 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس،دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس.

  • ھەسەن6 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا باق،كېچىسى گەپ قىلساڭ قولاقنى قولاققا ياق.

  • ھەسەن6 13 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەقىقەت قىلنى قىرىق يارىدۇ.-

  • خانىدان تۈنۈگۈن 22:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    بايغا كۈندە بايرام كۈندە توي ، كەمبەغەلگە كۈندە قايغۇ كۈندە ئوي .

  • ھەسەن6 تۈنۈگۈن 21:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئېگىلگەنگە ئېگىل ، بېشىڭ يەرگە تەگكۈچە . غادايغانغا غاداي ، بېشىڭ كۆككە يەتكۈچە .

  • ھەسەن6 تۈنۈگۈن 21:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆزۈڭ ئاغرىسا ،قولۇڭنى تارىت. قورسىقىڭ  ئاغرىسا ،نەپسىڭنى تارىت.

  • ھەسەن6 تۈنۈگۈن 21:35 [ئىنكاس(0)] [...]

    دەرەخ ھۆسنى ياپراق، ئادەم ھۆسنى ئەخلاق.

كۆرۈش: 57|ئىنكاس: 3

لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان 100 نەسىھىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

150

تېما

9

دوست

7017

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
21
قىزغىنلىق
1479 سەر
تىللا
412 دانە
تۆھپە
1460 سەر
شۆھرەت
1313 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 01:21:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ھەي پەرزەنتىم ، ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىڭنى چىن دىلىڭدىن تونىغىن .

      2.  سەن ئەگەر  بىرسىگە نەسىھەت قىلساڭ، ئاۋۋال ئۇنۇڭغا ئۆزۈڭ ئەمەل قىل .

      3. سۆزنى ئاۋۋال ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل .

      4.  ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل .

      5.  ھەممىنىڭ ھەققى - ھوقۇقىنى چۈشەنگىن .

      6.  سىرىڭنى مەخپى تۇت .

      7. دوستۇڭنى قىيىن كۈندە سىنا .

      8. دوستۇڭنى پايدا مەنپەئەت ئالدىدا سىنا .

      9. رەزىل ۋە نادان ئادەملەردىن يىراق بول .

      10.  دانا ۋە زېرەك ئادەملەرنى تاللاپ دوست تۇت .

      11. ياخشى ئىشقا ھۇجۇدۇڭنى بېغىشلا .

      12. زەئىپەڭگە قاتتىق ئىشىنىپ كەتمە .

      13. سەمىمى ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلىھەتلەش .

      14. سۆزنى دەلىل ئىسپات بىلەن سۆزلە .

      15. ياشلىقىڭنى غەنىمەت بىل .

      16. ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل .

      17. دوس - بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىز بىل .

      18. دوس ۋە دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت .

      19. ئاتا - ئاناڭنى غەنىمەت بىل .

      20. ئۇستازىڭنى ئاتاڭدىن ئەزىز بىل .

      21. خىراجەتنى كىرىمىڭگە قاراپ قىل .

      22. ھەر قانداق ئىشتا خالىس يول تۇت .

      23. ئالى جاناپلىقنى ئۆزۈڭگە شۇئار قىل .

      24. مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بويىچە قىل .

      25. بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە ، كۆز ۋە تىلىڭغا ئىھتىيات قىل .

      26. كىيىمىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت .

      27. جامائەت بىلەن ھەمدەرد بول .

      28. پەرزەنتىڭگە ئىلىم - ئەدەپ ئۈگەت .

      29. ئىلاج بولسا پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۆگەت .

      30. ئاياغ كىيمىڭنى كىيىشنى ئوڭ پۇتتىن باشلاپ كىي سېلىشنى سول پۇتتىن باشلا
.

      31. بىرى بىلەن ئىش قىلساڭ شۇ ئادەمگە لايىق ئىش قىل .

      32. كېچىسى گەپ قىلساڭ ئاستا، مۇلايىم سۆزلە ، كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ئەتراپىڭغا
      بېقىپ سۆزلە .

      33. ئاز يىيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل .

      34. ئۆزۈڭگە ياقمىغان نەرسىنى ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە .

      35. ئاۋۋال ئويلاپ ، چارە - تەدبىر تېپىپ ئىش قىل .

      36. ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما .

      37. خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما .

      38. ياخشىلىقنى باشقىلاردىن تەمە قىلما .

      39. پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە .

      40. ھەر قانداق ئىشقا بىپەرۋالىق قىلما .

      41قىلىنمىغان ئىشنى قىلىنغان ھېساپلىما .

      42. بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما .

      43. ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە چاقچاق قىلما .

      44. ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە دەيدىغان سۆزۈڭنى سوزما .

      45. ئاممىغا ( بولۇپمۇ ئاددى كىشىلەرگە ) يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش .

      46. ھاجەتمەن كىشىنى نا ئۈممۈت قايتۇرما .

      47ئۆتۈپ كەتكەن جېدەل ( كۆڭۈلسىز ئىشلار ) نى ئەسلىمە .

      48. باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ياخشىلىقىڭ بىلەن ئارلاشتۇرىۋالما .

      49. قانچىلىك بايلىقىڭ بارلىقىنى دوس - دۈشمىنىڭگە بىلدۈرمە .

      50. قېرىنداش (تۇققان) نى قېرىنداشتىن ئايرىما .

      51. ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادلىما .

      52. پەقەت ماڭىلا بولسۇن ) دېگەن خىيالنى قىلما .

      53.كۆپچىلىك ماڭغان بولسا سەنمۇ شۇلارغا ئەگەش .

      54. بارماقلىرىڭنى ئىغىز - بۇرنۇڭغا تەككۈزمە .

      55. ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كولىما .

      56. خەپرۈك ۋە پوتلاڭنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا چىقارما  .

      57. ئەسن
      ىسەڭ قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپ .

      58. باشقىلارغا قاراپ كېرىلمە .

      59. بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما .

      60جىددىي سۆزنى چاقچاققا ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىمە .

      61. بىرىنى بىرىنىڭ ئالدىدا خىجالەت قىلما .

      62 قاش - كۆزۈڭ بىلەن ئىملاپ چېقىمچىلىق قىلما .

      63. ئېتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما .

      64. باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۈرۈشتىن ساقلان .

      65. ئۆزۈڭنى ۋە يېقىن دوسلىرىڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما .

      66. ئۆزۈڭنى ئاياللاردەك ياسىما .

      67. بالىلىرىڭ نېمە دېسە شۇنى قىلىۋەرمە .

      68. تىلىڭنى ئايا .

      69. سۆزلەۋېتىپ قولۇڭنى شىلتمە .

      70. ھەممە ئادەمنى چوڭ - كىچىك دېمەي ئوخشاش بىلىپ ھۆرمەتلەشنى ئۇنۇتما .

      71. ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن ھەم سۆھبەتداش بولما .

      72. ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاپ ئەسلىمە ، ئۇنۇڭ پايدىسى يوق .

      73. ئىلاج بار بىرى بىلەن ئۇرۇشما ۋە ئاداۋەت ساقلىما .

      74. باشقىلارنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى سىنىغۇچى بولما .

      75. ئۇلۇغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ۋە گۇمان قىلغۇچى بولما
      .

      76. ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يېمە .

      77. ئىشتا ئالدىراقسانلىققا يول قويما .

      78. مال دۇنيا تاپىمەن دەپ ئۆزۈڭنى قىيناپ يۈرمە .

      79. كىمكى ئۆزىنى تونىمىسا، سەن ئۇنى تونۇ ،

      80. ئاچچىقىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ قىل .

      81. ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنىڭنى ئېرتما .

      82. كۇن قىزىل بولغىچە ئۇخلىما .

      83. كىشىلەر ئالدىدا يالغۇز بىر نەرسە يىمە .

      84. چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ماڭما .

      85. باشقىلار سۆزلەۋاتقاندا ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئارلىشىۋالما .

      86. بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما .

      87. كوچىدا ئوڭ - سولغا ئەلەڭلەپ قاراۋەرمەي ، يەرگە ئۇددۇل قاراپ يۈر .

      88. ئىلاج قىلىپ ياۋداق ئۇلاغقا مىنىپ ماڭما .

      89. مېھمان ئالدىدا باشقا بىرىگە غەزەپلىنىپ زەھرىڭنى چاچما .

      90. مېھماننى ئىشقا بۇيرىما .

      91.دىۋانە ۋە مەست ئادەم بىلەن سۆزلەشمە .

      92. مەھەلىدىكى بىكارچى ۋە بەڭۋاشلار بىلەن بىرگە ئولتۇرما .

      93. پايدا - زىيان قوغلىشىپ ئابرۇيىڭنى تۆمە .

      94. مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما .

      95. ئادەملەرنىڭ ساڭا خوشامەت قىلىشىدىن قاچ .

      96. جېدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر .

      97. پىچاقسىز ، ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە .

      98. ئۆزۈڭنى خار قىلماسلىققا تىرىش .

      99. ئۆزۈڭنى كەمتەر ھەم تۆۋەن تۇت .

      100. گۈناھدىن قورقۇش ، خەلىققە ئىنساپ قىلىش ، ئۇلۇغلارغا خىزمەت ،
      كىچىكلەرگە شەپقەت ، دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت ، دوس ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش ،
      دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش ، جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمىشىتىش ، ئالىملارغا
      ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا ، بىرەرسىنىڭ مال - دۇنيارىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز
      تىكمە .
      يەنە لوقمان ھېكىم ئېيتىدۇكى :
      _ نەسىھەت توغۇرلۇق ئۈچ مىڭچە سۆز يازدىم ، ئۈچ مىڭ سۆزدىن ئۈچ ئېغىز سۆزنى
      تاللىۋالدىم . بۇ ئۈچىدىن ئىككىسىنى ئېسىڭدە ساقلا ۋە بىرىنى ئۇنتۇپ كەت ،
      يەنە خۇدانى ۋە ئۆلۈمنىڭ ھەقلىقىنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت ، باشقىلارغا قىلغان
      ياخشىلىقىڭنى ئۇنتۇپ كەت .
      لوقمان ھېكىم يەنە ئىيتىدۇكى :
      جىملىقتا يەتتە خىل خاسىيەت بار بولۇپ ، ئۇنۇڭ بىرسى ، ئۇ زىبۇ - زىننەتسىز
      گۈزەللىك ؛ ئىككىنچىسى، سەلتەنەتسىز ھەيۋە - قۇدرەت ؛ ئۈچۈنچىسى ، مېھنەتسىز
      ئىبادەت ؛ تۆتىنچىسى ، سېپىلسىز قورغان ؛ بەشىنچىسى ئۆزىردىن قۇتۇلۇش ؛
      ئالتىنچىسى ، پەرىشتىدەك ئازادىلىق ؛ يەتتىنچىسى ئەيىپلەردىن خالىلىق .
      نەسىھەتلەر تۈگدى .





مەنبە   تىبابەت  تورى  

105

تېما

20

دوست

4780

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1256 سەر
تىللا
320 دانە
تۆھپە
866 سەر
شۆھرەت
936 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 01:59:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئىسىل ،ئەھمىيتى بار ھىكىمەتلەر ئىكەن . رەھمەت سىزگە.
بايقاش چولپانلىرى ھىرىپ قالمايلى !

99

تېما

53

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3983 سەر
تىللا
534 دانە
تۆھپە
2661 سەر
شۆھرەت
2516 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-6 08:32:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيتى بار ھىكىمەتلەر ئىكەن . رەھمەت سىزگە.

21

تېما

1

دوست

1907

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 4

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
145 دانە
تۆھپە
270 سەر
شۆھرەت
297 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-10-7 11:04:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ھايات دۇردانىلىرى ئىكەن. مۇشۇ بويىچە نەسىھەتنى كۈچەيتىش كىرەك.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-11-17 14:49, Processed in 0.270730 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش