پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2740 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 52|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

369

تېما

15

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
25
قىزغىنلىق
4459 سەر
تىللا
1109 دانە
تۆھپە
3281 سەر
شۆھرەت
2971 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 22:15:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپ (شوئۇكھرات مىتالىپوۋ) قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1995-يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا كەلگەن. ئۇ 1987-يىلى رۇسىيىنىڭ موسكۋا شەھىرىدىكى تىمىرىئاسەۋ ئاكادېمىيىسىدە (تىمىرىئاسەۋ ئاادەمي) كۆپىيىش بىئولوگىيىسى پېنىدىن ماگىستېرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1994-يىلى يەنە رۇسىيە تىببىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ (رۇسسىئان ئاادەمي ئوف مەدىال سىئەنەس) تېببىي گېنېتىكا تەتقىقات مەركىزىدە يېتىلىش گېنېتىكىسى (دەۋەلوپمەنتال گەنەتىس) ۋە غول ھۈجەيرە (ستەم ەلل) بىئولوگىيىسى پېنىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. كېيىن ئۇ گېرمانىيىنىڭ مۇەنستەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ غول ھۈجەيرە ۋە گېن تەرەققىياتى بىئولوگىيە ئۈستىدە دوكتور ئاشتى باسقۇچىدىكى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان.




دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ 1995-يىلى ئامېرىكىدىكى ئۇتا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەن ۋە 1998-يىلى ئورېگون شىتاتىغا يۆتكىلىپ، ھازىرغىچە ئورەگون شىتاتىدىكى دۆلەتلىك مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانات تەتقىقات مەركىزىدىكى كۆپەيتىش تېخنولوگىيىسى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى مەركىزى تەجرىبىخانىسى ۋە ئورەگون ساغلاملىق پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورېگون ھۈجەيرە مەركىزىدە ياردەمچى پروفېسسور بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر مايمۇن تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى، تۆرەلمە غول ھۈجەيرە (ئەس ەلل) قاتارلىق تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. غول ھۈجەيرە: توقۇلما ۋە ئىچكى ئورگانلارغا تەرەققىي قىلىش ئالدىدىكى دەسلەپكى ھۈجەيرىدۇر. يەنى بىر تال ھۈجەيرە نۇرغۇن ھۈجەيرىگە كۆپىيىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ كەتمەي ئەسلىدىكى ماھىيىتىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھۈجەيرىدىن ئىبارەت. تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرىسى: ھەرقانداق توقۇلمىغىمۇ تەرەققىي قىلالايدىغان، كۆپىيىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇرۇق قوبۇل قىلغان تۇخۇمدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەس ھۈجەيرە ھەر خىل ھۈجەيرىگە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئىقتىدارىنى يوقاتقان ئىچكى ئەزالار ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئورنىنى تولۇقلاش ناھايىتى مۇھىم دەپ قارىلىپ، تەتقىقاتلار ئىشلەنمەكتە. لېكىن كلىنىكىدا رەسمى ئىشلىتىشكە تېخى ۋاقىت كېتىشى مۈمكىن.




ئۇنىڭ تەھرىردىن ئۆتكەن (خەلقئارادا ياكى ئامېرىكىدىكى يىغىنلاردا ئوقۇغان ماقالىسىدىن سىرت) ماقالىسى 26 پارچە، 4 پارچە كىتاب يازغان. بىر پاتېنتى بار. ھازىر 6 تەتقىقات تۈرىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 3 تەتقىقاتقا ئىلتىماس قىلىپ قويۇقلۇق. بىر تەتقىقاتنى ئىشلەپ پۈتتۈرگەن. دوكتور شوئۇكھرات مىتالىپوۋ ھايۋانلارنىڭ گېن تەرەققىياتى ۋە تۆرەلمە گەۋدە ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا.




ئۇنىڭ ئايالى گۈلنۇر ناسىروۋامۇ ئالمۇتىلىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ لىندا ۋە نەرگىز ئىسىملىك ئىككى قىزى ۋە پائۇل ئىسىملىك بىر ئوغلى بار.




بىز ئالىمىمىز شوئۇكھرات مىتالىپوۋنىڭ تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.





تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئالىمى شۈھرەت مۇتەللىپ كلون تېخنىكىسدا چوڭ بۆسۈش ھاسىل قىلىپ دۇنيادا غول ھۈجەيرە ساھەسى غۇلغۇلا ھاسىل قىلدى ۋە دۇنيادا قايتىدىن كلون تېخنىكىسى توغرىلىق بىر مەيدان مۇنازىرە قوزغىلىشقا سەۋەپ بولدى. يىل ئاخىرىدا ئالىم قولغان كەلتۈرگەن نەتىجە ئامرىكا دەۋىر ژورنىلى تەرىپىدىن 2007 – يىللىق دۇنيا ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۈسۈشىنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى. بىزمۇ شۇ ۋاقىتتا ئالىمنىڭ تۇرۇۋاتقان جايىغا بېرىپ ئالىمنى يۈزمۇ-يۈز زىيارەت قىلىپ 9-قىسىملىق بىر فىلىم ئىشلەپ تارقىتىپ ئالىمنىڭ تۇرمۇش، تەتقىقات ئەھۋالى توغرىسىدا  تورداشلارنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن بىرىنچى قول ئوچۇرلار بىلەن تەمىنلىدۇق. ئەنە شۇ زىيارىتىمىزدە  ئالىم ئۈزىنىڭ ئاتا – ئانىسى ياشاپ ئۆتكەن تۇپراققا قەدەم بېسىپ ئۆز خەلقىنى كۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. مانا بۈگۈن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالىمنىڭ ئارزۇسى رىئاللىققا ئايلاندى. ئالىمنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بىلەن تېخىمى ئىچكىرلەپ تونۇشۇش، ئۆز- ئارا ئىلىم ئالماشتۇرۇش، بۇندىن كىيىنكى تەتقىقاتلاردا ئىلاجى بولسا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەقسىتى بىلەن  شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى ئالىم شۈھرەت مۇتەللىپنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتگە كىلىپ ئىلمى دوكلات بىرىش ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. مانا بۇ ھەپتە ئالىم تەكلىپكە بىنائەن زىيارەتنى باشلىۋەتتى. ھاياتلىق پەنلىرى ۋە تېخنىكىسى ئىنستىتوتى بېيجىڭغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ ئالىمنىڭ ئالدىغا چىقتى. بېيجىڭدىكى يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىمىز زەپەر ئابلىز بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپكە ھەمرا بولدى. بېيجىڭدا شۈھرەت مۇتەللىپ جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىميسىنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن 9 – چىسلا ئۇ يەردە ئىلمى دوكلات بەردى ۋە بۇ ئاكادىمينىڭ پەخرى پروفىسسورلىقىغا تەكلىپ قىلىندى. جۇڭگۇ خەلىق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە بۈلۈمى مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ 9- ئاينىڭ 8 – ۋە 9- كۈنى ئىككى كۈن ئارقىمۇ ئارقا تارقاتتى. شۇ كۈنى كەچتە زەپەر ئابلىز باشچىلىقىدىكى بېيجىڭدىكى بىر قىسىم زىيالىلار زىياپەت ئويۇشتۇرۇپ ئالىم بىلەن قىزغىن سۈھبەتتە بولدى. 10-چىسلا ئالىم ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا نۇتۇق سۈزلەپ زالنىڭ ئىچى- تېشىغا پاتماي قالغان ئوقۇغۇچى- ئوقۇتقۇچى ۋە باشقا ھەۋەسكارلارغا ئۈزىنىڭ تەتقىقات ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، دوكلات ئاخىرىدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن مىھمان پروفىسسورللۇققا تەكلىپ قىلىندى. ئالىم يەنە شىنجاڭد بىر نەچچە كۈن زىيارەتتە بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئامرىكىغا قايتىدۇ. ھازىرقى ئەڭ يىڭى ئوچۇرغا قارىغاندا ئالىم بۈگۈن تۇرپان زىيارىتىنى باشلاپتۇدەك. بىلىۋال تورى ۋە Jeck بلوگى ئالىمنىڭ ۋەتەن زىيارىتى توغرىلىق ئەڭ يىڭى ئوچۇرلارنى بۇندىن كىيىن يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ.

تۈۋەندىكىسى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بېيجىڭدا چۈشكەن بىر نەچچە پارچە سۈرىتى. گەرچە قالايمىقانراق چىقىپ قالسىمۇ رەسىمنى ئىنىق كۆرسىتىش ئۈچۈن رەسىم چوڭلۇغىنى كىچىكلەتمەي ئۈز پېتى بەردىم.

بېيجىڭدا ئالىم زەپەر ئابلىز بىلەن بىللە.




جۇڭگۇ تىببى پەنلەر ئاكادىميسىدىمكى تەتقىقاتچىلار بىلەن بىللە.




بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بللە. بۇ رەسىمدىن ئەڭ ھەيران قالغىنىم ۋە ھاياجانلىق ھىس قىلغىنىم جۇڭگۇ ۋاسكىتبول چولپىنى ، بىرىنچى ئاۋغۇسىت دۈلەت كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى ئادىلجاننىڭ بۇ سورۇندا بولغانلىقى بولدى. تەنتەربىيە ساھەسىدىكى داڭلىق ئوغلاننىڭ گەرچە ئۈزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ساھە بولسىمۇ يەنە بىر ئۇيغۇر ئالىمىنىڭ ھۈرمىتىگە كەلگەنلىكى ئۇنىڭ قەلبىمدىكى ئوبرازىنى يەنە بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈردى.






تۈۋەندىكىسى ھەممىسى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدىكى دوكلات بەرگەندىكى نەق مەيداندىن سۈرەتلەر.













مەنبە:ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-30 21:22  

باسقۇچلۇق ئىمتاھان قەغىزنى تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنبەرگە 2كۈن تۇلۇق كىرەلمەسلىكىم م...

364

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4262 سەر
تىللا
1234 دانە
تۆھپە
2921 سەر
شۆھرەت
2751 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 01:18:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزدىن چىققان داڭلىق ئالىملىرىمىزنى تونۇش پۇرسىتى ياراتقىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

156

تېما

11

دوست

7912

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1581 سەر
تىللا
423 دانە
تۆھپە
1962 سەر
شۆھرەت
1415 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 01:23:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە   رەھمەت

118

تېما

16

دوست

3595

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
818 سەر
تىللا
201 دانە
تۆھپە
1076 سەر
شۆھرەت
484 سەر

مائارىپچىتىرىشچان ئەزابايقاش شائىرىكومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 11:03:10|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىزدىن چىققان داڭلىق ئالىملىرىمىزنى تونۇش پۇرسىتى ياراتقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
بەختىيار ئوبۇلقاسىم

105

تېما

28

دوست

5129

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1161 سەر
تىللا
367 دانە
تۆھپە
950 سەر
شۆھرەت
944 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-30 15:32:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغا رەھمەت!ئالىملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەي! تىما يوللىغۇچىغا رەھمەت!
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-11-24 18:27, Processed in 0.266813 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش