ساقى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
غېرىب ھوجرامدا تەنھامەن قولۇمدا جام، شاراپ، ساقى، پىچىرلايمەن سۈكۈتلەرگە، دىلىستانىم خاراپ، ساقى.
خىزىرنىڭ سايىسى چۈشمەس بوسۇغامنىڭ داۋانىغا، قىلايمەن پايى خاكىڭنى سۈرۈپ كۆزگە تاۋاپ، ساقى.
نىگاھىمدا يېنىپ تۇرغان ۋىسالنىڭ شولىسى ئۆڭدى، ئەسەبلەردىن قىنىمدا چايقىلار ئاتەش ئازاب، ساقى.
مېنى چىللايدۇ ھېجرانىم باياۋانىدا تۈنلەرنىڭ، خىيال سەكراتلىرى باغرىمنى ئەيلەر كۈل-كاۋاپ، ساقى.
ئۆزۈمنى بەتلىگەن چۇقانلىرىمغا سالغىمەن ھەتتەڭ، تىۋىندىم تەڭرىگە، بەيئەتلىرىمگە يوق جاۋاب، ساقى.
قېنى بىر لەھزە مۇڭداش بول، پىغانىم تۇتتى ھەلقۇمدىن، ئىچەيلى قىبلىگە ئاسىي گۇناھكاردەك قاراپ، ساقى.
غەنىيلىكتىن، زەكىيلىكتىن، رىياكار بەندىلىكتىن ئاھ، ئۆزۈمگە، ئۆزگىگە ھەم تاپمىدىم زىنھار ساۋاپ، ساقى.
كېلە شەيتانلىرىمنى قۇترىتىپ زەردابىي ئابىمدا، قاناي ئادەملىكىمگە بىر ماڭا مەستلىك تاراپ، ساقى!
1998-يىلى، 9-ئاينىڭ 4-كۈنى، يېڭىسار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-29 12:00
|