پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2569 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ھەسەن6 تۈنۈگۈن 17:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    سۆيگۈ دېڭىز چوڭقۇرلۇقىدا مەن قايناپ تۇرسام ، ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.(ئېسىل

  • tarhanbag تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇدۇقنىڭ قەدرى چۆلدە بىلىنەر.

  • tarhanbag ئۈلۈشكۈن 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    كەسپى ئىمتىھان بەرگەن بارلىق كەسپداشلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • سىرداش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كەتكۈڭ كەلمەس كەلسەڭ  خۇتەنگە.... خۇتەنلىكلەر باردۇ  مۇنبەردە؟

  • ئالىم 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۈنۈگۈن،بۈگۈن ئىمتىھاننى ياخشى بىرىپ،بەك خشال بولدۇم!

  • Ziba 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(2)] [...]

    ھەرنېمە بولسا بۈگۈنكى كەسپى ئېمتىھاننى ياخشى بېرىپ،يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم...

  • Ziba 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ماقال-تەمسلدىن بىرى كەتتى:توكۇرنى ياردا تۇت،توشقاننى قاردا.

كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 4

ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان 21 خىل ئۇسۇل

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

140

تېما

9

دوست

6281

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
17
قىزغىنلىق
1359 سەر
تىللا
390 دانە
تۆھپە
1206 سەر
شۆھرەت
1186 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 17:15:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى ئەقىللىق قىلىدىغان 21 خىل ئۇسۇل


1. تېپىشماق ئويۇنى ئويناش.
2.كۆپ ھەرىكەت قىلىش.
3.ھەر خىل خەۋەرلەرنى ئوقۇش.


4.يانفوننى بىردەم ئارامىغا قويۇش، توختىماستىن يانفۇن ئوينىغاندا ئادەمنىڭ دىققىتى چېچىلىپ خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ.
5. ئۇخلاش، ئادەم ئۇخلىغاندا چوڭ مېڭە ئۆزلۈكسىز ھەر خىل ئەسلىمىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. سىز ئۇخلاپ قوپقاندا ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايسىز.
6.ياخشى بولغان ئەستە ساقلاش ئۇسۇلىنى يارىتىش، تېز ئەستە ساقلاشنىڭ سىرى، سىز ئەستە ساقلىماقچى بولغان شەيئىنى بىرەر جانلىق كۆرۈنۈش بىلەن باغلا
7. چەتئەل تېلى ئۈگىنىش، ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىدە تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ‹‹ماڭلاي پوستلۇقى›› بار. چەتئەل تىلى ئۆگەنگەندە بۇ بۆلەكنىڭ ئىقتىدارىنى يوقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
8.توقۇمىچىلىق، قولىڭىزغا يىپ-بىگىز ئېلىپ ئېسىل پوپايكىدىن بىرنى تۇقۇپ ئېرىڭىزگە سوۋغا قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنىڭ ماسلىشىش ۋە تۇنۇش ئىقتىدارىڭىزنى يوقىرى كۆتۈرەلەيسىز
9.ھەرىكەتلىك ئېتىشىش ئويۇنلىرىنى ئويناش، سىز خاتا ئاڭلاپ قالمىدىڭىز، ھەرىكەتلىك ئېتىشىش ئويۇنلىرى ئادەمنىڭ ئىنكاسىنى تېزلىتىپ، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.
10. ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ مىكرو بىلوگىنى ئوقۇش، بەزى كىشىلەرنىڭ ئالايلۇق، ئىقتىسادىي كاساتچىلىقنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان ئىقتىسادشۇناس، ئەدەبىيات مۇكاتلىرىغا ئېرىشكەن چوڭ يازغۇچى قاتارلىقلارنىڭ مىكرو بىلوگى نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتىدۇ.
11.شېكىسپىرنىڭ دىراممىلىرىنى كۆرۈش، كىلاسسىك دىرامما ئەسەرلىرىنى ئوقۇش سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىزنى تېخىمۇ روھلۇق قىلىدۇ. بۇ خىل دىراممىلارنى كۈرۈش ئارقىلىقمۇ ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.
12.كۆپ سۇ ئىچىش، سۇسىز ھالەتتە ئادەمنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ھەرىكىتى ئاستىلاپ قالىدۇ. پىلانلاش ئىقتىدارىمۇ ماس ھالدا زىيانغا ئۇچرايدۇ.
13. دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇق دەرسى، سىزنىڭ يالى ئۇنۋېرىستېتىدا ئوقۇيالمىغىنىڭىز ھەرگىزمۇ يالى ئۇنۋېرىستېتىنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلىيالمايدىغانلىقىڭىزدىن دېرەك بەرمەيدۇ. پۈتۈن يەر شارى خاراكتىرلىك كەڭ تارقالغان ‹‹دۇنيادىكى داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ ئۇچۇق دەرسىى›› ئارقىلىق ئۆيدىن سىرتقا چىقمايمۇ داڭلىق ئۇنۋېرىستېتلارنىڭ دەرسىدىن بەھرىلىنەلەيسىز.
14. سەنئەت سارىيىغا بېرىش، ئەقىللىق قىلىپلا قالماستىن، بەلكى بېسىمىڭىزنى يەڭگىللىتىدۇ. دىققىتىڭىزنى يىغىدۇ.
15. چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىش، چالغۇ ئەسۋابلارنى چېلىش ئارقىلىق سىز ئەقىل كۆرسەتكۈچىڭىزنى يوقىرى كۆتۈرەلەيسىز، چوڭ مېڭىدىكى ئەستە تۇتۇش ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كونتىرول قىلىدىغان قىسمىنى تېخىمۇ جانلاندۇرالايسىز.
16. قول ئارقىلىق خەت يېزىش، قولدا خەت يازغاندا چوڭ مېڭە كومپيۇتېردا خەت ئۇرغانغا قارىغاندا كۆپ قاتنىشىدۇ. قولدا يازغان نەرسىنى سىز تېخىمۇ ئاسان ئەستە تۇتۇۋالالايسىز.
17. ۋاقتىڭىزنى باشقۇرۇڭ، ئاشخانىڭىزدا ئىشلىتىدىغان ئاددىي ۋاقىت بەلگلىگۈچ ئارقىلىق خىزمەت ۋاقتىڭىزنى 25 مىنۇت قىلىپ بەلگىلەپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىت توشقاندا بىر نەچچە مىنۇت ئارام ئالسىڭىز، ئوي-پىكرىڭىز تېخىمۇ ئۆتكۈر بولىدۇ.
18.پىكرىڭىزنى چېچىپ تۇرۇڭ، ئوي-پىكىرنى ئىختىيارسىز چېچىپ تۇرغاندا، چوڭ مېڭىنى تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ ماكرو تەپەككۇرغا مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
19. ئالاھىدە ماھارەتلەرنى ئۈگىنىش، مۇبادا سىز ئۆزىڭىز قىزىققان بىر ئىشتا ئالاھىدە ماھارىتىڭىز بولسا، شۇ ئىشنى قىلغان ۋاقىتتا چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تېخىمۇ ئاشىدۇ.
20.ئوبزور يېزىش، مەيلى بىر كىنو، ئېسىل كىتاب ياكى تەملىك يېمەكلىك بولسۇن، ئۇلارغا قارىتا ئىنتېرنېت تورىدا تەسىراتىڭىزنى چۈشىنىشىڭىزگە پايدىسى بولىدۇ.
21.شەھەر سىرتىغا چىقىش، ئەگەر سىز قىستا-قىستاڭ كوچىلاردا بىر نەچچە مىنۇت تۇرسىڭىز، ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆزىڭىزنى كونتىرول قىلىش ئىقتىدارىڭىز زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، چوڭ شەھەرلەردە ئادەمنىڭ ئوي-پىكرىنى چاچىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سىزنىڭ چوڭ مېڭىڭىز بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەيدۇ. شۇڭا، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا ۋاقىت چىقىرىپ شەھەر سىرتىنى ئايلىنىپ تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىش لازىم. بۇ چوڭ مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالەتكە قايتىشىغا پايدىلىق.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   老兵 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-28 17:17  

0

تېما

0

دوست

31

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
11 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
5 سەر
شۆھرەت
2 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 21:24:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئۇسۇللارخىلى بولۇپ قالدىكەن. رەھمەت

364

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4239 سەر
تىللا
1230 دانە
تۆھپە
2514 سەر
شۆھرەت
2713 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 02:40:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ياخشى ساۋاتلار ئىكەن، رەخمەت سىزگە.
(تېما يوللىغاندا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇمىغايسىز.)
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

133

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2889 سەر
تىللا
531 دانە
تۆھپە
1966 سەر
شۆھرەت
1961 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 11:29:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلاپ باقمىغان ساۋاتلاركەن . مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەممەيلەننىڭ ئەقىللىق بولىشىنى تىلەيمەن . رەھمەت .

2

تېما

5

دوست

130

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

قىزغىنلىق
48 سەر
تىللا
12 دانە
تۆھپە
14 سەر
شۆھرەت
7 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 22:31:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ بولغىدەك ، سىناپ باقمامدۇق.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-11-14 07:36, Processed in 0.332603 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش