پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2740 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 52|ئىنكاس: 3

سەرداھى: كۆر (غەزەل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

1

دوست

108

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

يوقلىما
1
قىزغىنلىق
25 سەر
تىللا
11 دانە
تۆھپە
20 سەر
شۆھرەت
22 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 16:25:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆر

باشىمە چىقتىم ئېلىپ قاپقارا تۈنلەرنى كۆر،
يارىسىز پەسلى گۆرۈستان بىناۋا كۈنلەرنى كۆر.

شاخلىرى سۇندى بېغىمدا ئول ئىشىق چىنارىنىڭ،
دىل قۇشۇم سايرارغا قىزغىن پۈتمىگەن ئۈنلەرنى كۆر.

بەرگىدە دۇنيا ياتۇر، تىكىنى جانغا پاتۇر،
غۇنچىسى تاشنى يېرىپ يىغلىغان گۈللەرنى كۆر.

تەن شۇدەم قاخشال دەرەخ چاكۇ-چاك يېرىلغىلى
مەن تامان ئاچقان قۇچاق تەپتى چوغ چۆللەرنى كۆر.

كۆز يېشىم دەريا ئىرۇر، دەردۇ-بالالەر رەنجىدىن،
بېلىقى باقماي ئۈزۈپ قۇرىغان كۆللەرنى كۆر.

بۇ جۇنۇن دەشتى ماڭا ئىشقى قىيامەت ئەيلىگەچ،
لەۋ ئارا ياتقان جەسەتتەك خاكۇ-تاش سۆزلەرنى كۆر.

سۆيگىلى يارنى يېنىشلاپ بىقارار ئەھمەدى ھەم،
نۇرلىنىپ شامۇ-سەھەر ئۇخلىماس كۆزلەرنى كۆر.


2012.9.27

مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم!

39

تېما

14

دوست

3360

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
860 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
656 سەر
شۆھرەت
540 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:26:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەلنى ياخشى يېزىپسىز. بىراق ، بەزى مىسرالىرى (پائىلات مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن مۇفتەئىلۇن) غا تولۇق چۈشمەي ، بوغۇم كەمچىللىكى كۆرۈلۈپ قالدىمۇ قانداق؟
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

0

تېما

0

دوست

116

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

قىزغىنلىق
31 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
25 سەر
شۆھرەت
24 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-28 18:33:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى يىزىپسىز

118

تېما

16

دوست

4151

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1177 سەر
تىللا
428 دانە
تۆھپە
566 سەر
شۆھرەت
631 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-29 10:11:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆر

باشىمە چىقتىم ئېلىپ، بۇ قاپقارا تۈنلەرنى كۆر،
يارىسىز پەسلى گۆرۈستان بىناۋا كۈنلەرنى كۆر.

شاخلىرى سۇندى بېغىمدا ئول ئىشىق چىنارىنىڭ،
دىل قۇشۇم سايرارغا قىزغىن پۈتمىگەن ئۈنلەرنى كۆر.

بەرگىدە دۇنيا ياتۇرلەر، تىكىنى جانغا پاتۇر،
غۇنچىسى تاشنى يېرىپ، زار يىغلىغان گۈللەرنى كۆر.

تەن شۇدەم قاخشال دەرەختۇر، چاكۇ-چاك يېرىلغىلى
مەن تامان باغرىنى ئاچقان تەپتى چوغ چۆللەرنى كۆر.

كۆز يېشىم دەريا ئىرۇر، دەردۇ-بالالەر رەنجىدىن،
بېلىقى باقماي ئۈزۈپ بىر، قۇرىغان كۆللەرنى كۆر.

بۇ جۇنۇن دەشتى ماڭا ئىشقى قىيامەت ئەيلىگەچ،
لەۋ ئارا ياتقان جەسەتتەك خاكۇ-تاش سۆزلەرنى كۆر.

سۆيگىلى يارنى يېنىشلاپ بىقارار ئەھمەدى ھەم،
نۇرلىنىپ شامۇ-سەھەرلەر ئۇخلىماس كۆزلەرنى كۆر.

سەرداھى ئىنىم، مۇشۇنداق بولسا بولارمۇ؟


2012.9.27
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-29 10:18  

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-11-24 17:29, Processed in 0.345594 second(s), 39 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش