يېرىم كېچە ئىدى
سەن كەلگەندىن كېيىن كۆڭۈل قوۋۇقۇمنى تاقايمەن مەھكەم. يىراق-يېقىن ئاۋازلارنىڭ پارچىسىنى يىغىشتۇرۇپ دەرىزە تۈۋىگە تىزىپ قويىمەن يېشىم بىلەن سۇغۇرۋاتقان گۈللىرىڭنى ھەم!
سېنى كۈزىتىشكە باشلايمەن... ئاۋال قاراڭغۇ چاچلىرىڭغا يۆگىشىپ بىر پەس تەن جاڭگاللىقىڭنى كېزىمەن تەنھا. ھىلال قاشلىرىڭدا قانايمەن جىمجىت كۆكسۈڭدۇر مەن ياماشقان ئاخىرقى قىيا! كۆزۈڭ چوڭقۇرلىقىدا ئازىمەن، ئاندىن كىرپىكىڭدە يېتىپ يالىڭاچ ھالرەڭ لېۋىڭگە قارايمەن ئاستا...!
سەن ماڭا يېقىنلىشىسەن شامالدەك يەڭگىل. يۇمران بارماقلىرىڭدا چاچلىرىمنى تارايسەن، ئاندىن تاراسلاپ ئۈزۈلىۋاتقان تۈگمىلىرىمنى بىر تال بىر تالدىن تىرىپ ئالىسەن كۆكسۈمدىكى قاراڭغۇلۇقتىن!
بۇ يېرىم كېچە ئىدى ئىككىمىز ئۆزىمىزدىن قېچىپ چىققان...!
2012.9.26
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم!
|