پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

只需一步,快速开始

جەمئىي مىكروبلوگ 2569 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • ھەسەن6 تۈنۈگۈن 17:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    سۆيگۈ دېڭىز چوڭقۇرلۇقىدا مەن قايناپ تۇرسام ، ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.(ئېسىل

  • tarhanbag تۈنۈگۈن 12:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    قۇدۇقنىڭ قەدرى چۆلدە بىلىنەر.

  • tarhanbag ئۈلۈشكۈن 15:30 [ئىنكاس(0)] [...]

    كەسپى ئىمتىھان بەرگەن بارلىق كەسپداشلارنىڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • سىرداش 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    كەتكۈڭ كەلمەس كەلسەڭ  خۇتەنگە.... خۇتەنلىكلەر باردۇ  مۇنبەردە؟

  • ئالىم 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تۈنۈگۈن،بۈگۈن ئىمتىھاننى ياخشى بىرىپ،بەك خشال بولدۇم!

  • Ziba 3 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(2)] [...]

    ھەرنېمە بولسا بۈگۈنكى كەسپى ئېمتىھاننى ياخشى بېرىپ،يېنىكلەپ قالغاندەك بولدۇم...

  • Ziba 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ماقال-تەمسلدىن بىرى كەتتى:توكۇرنى ياردا تۇت،توشقاننى قاردا.

كۆرۈش: 90|ئىنكاس: 3

ئاڭلىۋىلىڭ كورۋىلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

86

جۇغلانما

ئەزىز مېھمان

Rank: 1

يوقلىما
1
قىزغىنلىق
25 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
17 سەر
شۆھرەت
18 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 00:22:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاڭلىۋىلىڭ كورۋىلىڭ
دۈشمىنىڭ سېنى ئاشكارا ماختىغان ۋاقىت دەل سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئەجەل ياسىنىڭ ئوقى توغرىلانغان ۋاقىتتۇر .
سېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئاشكارا ماختىلىدىغان ۋاقتىڭ ئەڭ سەگەك ۋاقتىڭ بولسۇن .   
ئۆتكەننى بۈگۈنگە تەتبىقلاپ ياشىيالىغان ئاقىلدۇر ، بۈگۈننى كەلگۈسىگە تەتبىقلاپ ياشىيالىغان دانادۇر .
بىراۋغا سۆز قىلساڭ قىسقا ، مەنىلىك قىل ، چۈنكى مەرگەن بىر تال ئوق بىلەن نىشانغا دەل تەككۈزەلەيدۇ .
يىڭنىنى ياراتمىغان ئادەم نەيزە بىلەنمۇ ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ .
كىم ئۆزىنى زىيادە ئاشكارىلىۋېتىدىكەن ، ئۇ ، كىشىلەرنى چۆچىتىپ قويىدۇ .
ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان سۆز يا تۆرگە باشلايدۇ ياكى گۆرگە .
دوستۇڭنىڭ بولماسلىقى سېنى غېرىپلىق باستۇرسا ، دۈشمىنىڭنىڭ بولماسلىقى سېنى غەپلەت باستۇرىدۇ .
ئۆزۈڭدىن يۇقىرىدىكىلەرگە ئەقىل كۆرسىتىشكە ئالدىرىما ، بولمىسا ئاسانلا دۈشمەنگە ئايلىنىسەن .
ئەڭ كۆپ داۋراڭ سالىدىغانلار ئەڭ تېز مەغلۇپ بولغۇچىلاردۇر .
ئۆز ۋاقتىغا ئىگە بولالىغان ئادەملەر - بەختلىكلەردۇر . ئۆز ۋاقتىنى ئۆنۈملىك خەجلىگەن ئادەم ئاقىلدۇر .
ئىككى خىل ئادەم ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ . بىرى ئەقىللىق ئادەم ، يەنە بىرى بىخۇدلاشقان ئادەم .
ئەگەر سەن ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەتكە ئېرىشەي دېسەڭ ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەتنى باشقىلارغا ئاتا قىلىشقا تەييارلان .   
بىر كىشى ئۆي سېتىپ پۇلغا شۇنداق بىر ئۆي ئالمىسا ، پۇلنىڭ بەركىتى بولماس .
ئەر-خۇتۇن بىر-بىرگە مەرھەمەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قارسا ، بىر-بىرگە مۇھەببەت ئىزھار قىلشسا ، پۈتكۈل گۇناھلىرى بارماقنىڭ ئارسىدىن تۆكۈلۈپ كىتىدۇ .
ئاياللارغا ئەڭ قىممەتلىك كىشى ئۆزىنىڭ ئېرى ، ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىك كىشسى ئانىسدۇر .
بىر ئايالنىڭ يالغۇز ئۆز ئېرنىلا بەخىتلىك قىلىش بۇرچى بار .
بىر كىشنىڭ ئۆيدە تەدبىرلىك ۋە تەربىيلىك ئايالى بولمىسا ، ئۇنىڭ ھالى قورقۇنچلۇقتۇر .
ياخشى ئايال چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ ، ئۈزىنڭ ئېرنىڭ سىرنى باشقىلارغا پاش قىلىشتىن ، سۆزلەپ يۈرۈشتىن ساقلىندۇ .
ئىپپەت ۋە ھايا ، ئاياللارنى ئەرلەرگە سۈيۈملۈك كۆرسىتىدۇ .
دۇنيادا ئەڭ بەخىتسىز كىشلەر - تەربىيلىك ئايال بىلەن تەربىيلىك پەرزەنتلەردىن مەھرۇم بولغانلار .
باللىرىنى كۈرۈپ ئانىسنىڭ ئاڭ سەۋيىسى ۋە تەربىيسىنى كۈرۋالغىلى  بۇلدۇ .
ئەرلەرنىڭ ئۆيدە ئۇلتۇرشى ، ئاياللارنىڭ كوچىلاردا يۈرشى ئائىلگە پېقىرلىق كەلتۈرگۈچى ۋاستىلەردۇر .
بىلىم چىقىش تەس ، چۈشۈش ناھايىتى ئاسان بولغان بىر تاغدۇر .
كىمنىڭ بالىسى بولساڭ بولغىنكى ، ئەدەپلىك بول . يۇقىرى نەسەپلىك بولغاندىن كۆرە ئەدەپلىك بولغىنىڭ ئەۋزەل . شۈبىھسىزكى ، «ئاتام بار » دېگەن ئەمەس ، « مانا مەن بار » دېيەلەيدىغان كىشى ھەقىقى ئەركەكتۇر .
مەيلى كىم بولىشى ، قەيەردە بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، پىكىر قىلىشىنى ئۈگەنگەن كىشىلا ، بىر خىل يورۇق نۇرغا ئايلىنىدۇ ، كۈچ قۇۋەتكە تولىدۇ .
ئەقىللىق ئايال مۇھەببەتتىن يالقۇن ھاسىل قىلالايدۇ ، شۇنىڭدەك « ئوت ئاپىتى » يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئاۋال ئۆزىنى تارتىۋالالايدۇ .
سۆزلەر ئىچىدە شۇنداق سۆزلەر باركى ، ئۇ تاشتىن قاتتىق ، قىلىچتىن ئۆتكۈر ، زەھەردىن ئاچچىق ، ئوتتىن قىزىقتۇر ، قەلىبلەر تېرىلغۇ يەرگە ئوخشايدۇ . سەن ئۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى سۆزلەرنى تېرىغىن ، ھەممىسى ئۈنمىدى دېگەندىمۇ بىر قىسمى ئۈنىدۇ ئەمەسمۇ؟
يالغانچىلىق ئېتىقادىڭنى بۇزىدۇ ، ئەل ئالدىدىكى ئابرويىڭىنى يوقىتىدۇ ، مەرتىۋەڭنى چۈشۈرۈپ ، يۈزىڭنى تۆكىدۇ ، كىشىلەر ساڭا ئىشەنمەس ، سۆزىڭنى ئاڭلىمسا بولىدۇ .
ئىلىمنىڭ ئۇلى قىزىقىشتۇر ، ئۇنىڭ مىۋىسى ئەمىلىيەتتۇر ، زاھىدلىقنىڭ ئۇلى قورقىشتۇر ، ئۇنىڭ مىۋىسى سائادەت ، ئادەمگەرچىلىكىنىڭ ئۇلى ھايادۇر ، ئۇنىڭ مىۋىسى ئىپپەتتۇر .
سىزنىڭ باشقىلارغا ئاتا قىلغىنىڭىز باشقىلارنىڭ سىزدىن كۈتكۈنىدىنمۇ كۆپ بولسۇن ، بۇنى ئۆزىڭىز چىن دىلىڭىزدىن خالاپ قىلىڭ .
ئاڭلىغاننىڭ ھەمىسىگە ئىشىنۋەرمەڭ ، ئارام ئالغۇدەك ۋاقىت چىقسىلا كۆپرەك ئارام ئېلىڭ .
باشقىلارنىڭ ئارزۇسىنى مازاق قىلماسلىق  ، باشقىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ، سزنى باشقىلارغا سۆيۈملۈك قىلىپ كۆرسىتىدۇ .
باشقىلارنى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈڭ ، بۇ جەرياندا بەلكىم ئازار يەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، لېكىن بۇ كىشىلىك ھاياتتا مۇكەممەللىككە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولى .
باشقىلار بىلەن پىكىر جەھەتتە ئوخشىماسلىق كېلىپ چىققاندا چىرايلىقچە رەت قىلىڭ ، ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ توغرا دەپ ، قارشى تەرپنىڭ غورۇرىغا تېگىپ قويماڭ .
بۈيۈك سۆيگۈ ۋە ئۇلۇغ غەلبىنىڭ ھەمىشە زور خەۋپ - خەتەر بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماڭ .
دوستلۇققا قۇللۇق قىلىش كەتمەيدۇ ، ئۇنىڭغا ھۆكۆمىرانلىقنىڭمۇ كېرىكى يوق . ئۇ ، تەڭ-باراۋەرلىككە ئەڭ خۇشتاردۇر .
بىر كىشىنى ھەقىقى چۈشىنەي دىسىڭىز ، ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىنى ۋە شادلىقلىرىنى ئۇقۇپ قويۇڭ




364

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4239 سەر
تىللا
1230 دانە
تۆھپە
2514 سەر
شۆھرەت
2713 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 01:56:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىك، قىممەتلىك ھىكمەتلەر ئىكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم. رەخمەت سىزگە. بىراق مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

133

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2889 سەر
تىللا
531 دانە
تۆھپە
1966 سەر
شۆھرەت
1961 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 10:17:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل ئەپەندى ياخشىمۇسىز ؟   ئالدى بىلەن سىزنىڭ بايقاش  مۇنبىرىگە  كېلىپ بىزگە قوشۇلغانلىقىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن  . ھەم سىزنىڭ بۇ ئېسىل  كۆرۈشۈش سوۋغاتلىرىڭىزغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . ناھايتى ئېسىل دۇردانىلاركەن بەكمۇ ياقتۇردۇم . سىزنىڭ داۋاملىق تېما يوللاپ بايقاشنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىڭىزنى ھەم بايقاشتا يىلتىز تارتىپ قېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . رەھمەت .  

61

تېما

25

دوست

6106

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1565 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
995 سەر
شۆھرەت
1059 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 13:06:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ھىكمەتلەركەن .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|baykax( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-11-14 04:52, Processed in 0.223884 second(s), 38 queries.

Powered by Discuz! X2.5 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش