پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2361 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 193|ئىنكاس: 9

مۇنبەردىكى دوسلارغا چاقچاق[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
59
قىزغىنلىق
607 سەر
تىللا
70 دانە
تۆھپە
380 سەر
شۆھرەت
480 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 20:39:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۇنى ئادىمىن  ئۆي كۆچمەكچى بولۇپ , ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۆيدىكى مەللىلىرىنى ساندۇققا قاچىلاپ تالاغا ئەپچىقىپ بولغاندىن كىېيىن ئۇنىڭ ئايالى:
سىز بۇ 10 ساندۇققا قاراپ تۇرۇڭ , مەن بىرىپ ماشىنا چاقىرىپ كىلەي - دەپتۇ。
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئايالى ماشىنا چاقىرىپ قايتىپ كەلسە   ئادىمىن  تىخېچە ساندۇقلارنى ساناپ يۇرگۇدەك, ئۇ ئايالىغا سىز بۇ ساندۇقلارنى 10 دېگەن ئىدىڭىز, بىىراق مەن نەچچە رەت ساناپ باقتىم, 9 لا چىقىۋاتىدۇ, - دەپتۇ。
توغرا ئەمەس, بۇلارنىڭ  9  ساندۇقلىقى ئىنىق تۇرمامدۇ !
—— مەن ساناپ بىرەي ئەمىسە , “。。。。。 0,1,2,3,4”



مۇنبىرىمىزدىكى  شام ئەپەندىم ماتىماتىكا باغچىدا لايىقى بىلەن سەيلى قىلىپ تۇرغاندا لايىقى سوراپتۇ :
___ قاراڭ ، ئاخىردا سورىۋالاي ، مىنىڭ يۇزۇمدە  مۇشۇنداق سەپكۇنلەر تولا، مەن سەت بولساممۇ مىنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟

شام ئەپەندىم
.. ھېچقىسى يوق، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا مۇشۇنداق چېكىتلەر بىلەن ھەپىلىشىشقا ئامراق ئىدىم !



  ئامان ئەپەندىم ...        


كىيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ بىز دەرسلەرنى ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتىمىز_ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا.
_ ياق،ياق! بىز چۈشىنەلمەيمىز_ دەپ قارشى چىقىپتۇ سەھرالىق.
_ چۈشۈنەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەڭلا، مەن ھەر كۈنى ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەۋەرسەم، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سىلەر تەبىئى ھالدا چۈشىنەلەيدىغان بولىسىلەر،_ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى.
   _ ئۇنداقتا، مەن كۈندە كۈچۈكۈمنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، بىراق تېخىچە ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىدىمغۇ؟_ دەپتۇ سەھرالىق ئوقوغۇچى ھەيرانلىق بىلەن.

پەرى         ئۆينى رەتلەۋېتىپ، ئېرىنىڭ ناتونۇش بىر ئايال بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى تېپىۋالدى. ئۇ ئېرىدىن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى غەزەب بىلەن سورىدى.

      ئەر قىلچە تەمتىرىمەي جاۋاب بەردى:

      - بۇ بەش يىل ئىلگىرى قىز دوستۇم بىلەن چۈشكەن رەسىم. ئۇنىڭ بىلەن شۇ چاغدىلا مۇناسىۋىتىمنى ئۈزۈۋەتكەن.
      - كىمىڭنى ئالدايسەن! - پەرىنىڭ  ئىمانى قىرىق گەز ئۆرلىدى، - مەن بۇلتۇر توقۇپ بەرگەن پوپايكا بەش يىل ئىلگىرى ئۇچاڭدا نېمىش قىلىدۇ؟


alahidin    سول قولدا ماشىننىڭ رولىنى ، ئوڭ قولىدا لايىقىنىڭ بېلىنى تۇتۇپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا قاتناش ساقچىسى كۆرۈپ قېلىپ  ۋاقىراپتۇ :
   - ئىككى قول بىلەن ئىككى قول !
alahidin   دەرھال :
   - ئەمسە ماشىنىنى  قانداق ھەيدەيمەن ، - دەپ ۋاقىراپتۇ


   زەپەر    ساتىراشخانىغا كىرىپ بېشىنى چۈشۈرتۈپ،پولمۇ تۆلىمەي سىرىتقا مېڭىپتۇ .
    - پۇلنى تۆلىمەمسىز ؟ - دەپتۇ ساتىراش ھەيران بولۇپ .
   - نىمە پۇل؟ - دەپتۇ زەپەر ئەپەندى  ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ھەيران بولۇپ، - گال ئۇستىراڭنى بېشىمدا بىلىۋالغىنىڭغا سەن پۇل بەرسەڭ بۇلامدىكىن تېخى ........

يېڭىدىن توي قىلغان ياشنار ئەپەندى  ئايالى ئىشتىن ھېرىپ–ئېچىپ كەلگەن چوغنىڭ ئالدىغا ئۈچ تەخسە قورۇما كەلتۈرگەندىن كېيىن دەپتۇ:
   — قورۇمىلارنى ئالدىرىماي چايناپ، مەززە قىلىپ يەڭ!
   — نېمە ئۈچۈن ئەمدى؟
   — بۇنداق قىلسىڭىز بىرىنچىدىن، قورۇمىنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز؛ ئىككىنچىدىن، تاماق ئېتىشتىكى ھۈنىرىمنى بىلىپ قالىسىز؛ ئۈچىنچىدىن، بايا قورۇمىغا ئارىلىشىپ قالغان يىڭنىنى تېپىۋالىسىز.


نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرى  ئالىمجان داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قانچە بىمارنى يىغىپ، ئۇلارغا بىر ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ دەپتۇ:
   — بۇ بىر پىكاپ، ھەممىڭلار پىكاپقا چىقىڭلار!
   بىمارلار بىر–بىرىگە قارىشىپ قويۇپ، مىدىر–سىدىر قىلماپتۇ، بۇنى كۆرگەن دوختۇر داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، خۇشال ھالدا يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ:
   — نېمىشقا پىكاپنى ھەيدەپ ماڭمايسىلەر؟
   — ھېچقايسىمىزنىڭ پىراۋىسى يوق!


يېڭىلا توي قىلغان ئاينۇر ئەر-خوتۇنلارغا ئۈزۈلمەي سوۋغا-سالاملار كىلىپ تۇرۇپتۇ، بىر كۈنى ئۇلارغا بىر كونۋېرىت كەپتۇ، كونۋېرىتنىڭ ئاستى ئادېرىسىغا پەقەت <<مىنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى تېپىپ بېقىڭلار>> دەپلا يېزىقلىق ئىكەن، ئۇلار بۇنىڭ كىمنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىلمەي كونۋېرىتنىڭ ئىچىنى ئېچىپ قارىسا 2دانە كىنو بېلىتى ئىكەن، باي خىنىم شۇ كەچلىكى يولدىشى بىلەن كىنوغا بېرىپ، كىنونى كۆرۈپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلسە ئۆيگە ئوغرى كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچىنى قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىكەن، ئۇلار ئۈستەل ئۈستىگە قارىسا بىرتال قەغەز ئۈستىگە <<ئەمدى كىملىكىمنى بىلگەنسىلەر>> دەپ يېزىقلىق خەت تۇرغانىكەن.





باشقىلارمۇ   باتىخى   كىيىنكى قىتىمدا   قوشاپ قوياي   










   

   





















Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 21:33:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قاملاشتۇرۇپسىز تۇرسۇنجان ئەپەندىم . خىزمەتتىن ھېرىپ ،چارچاپ كالگەندە ھاردۇقىم چىقىپلا قالدى دىسە ، بەك قىزىقكەن ،ئاخىرىغا تەشنا بىز تېزراق يوللاپ قويارسىز !!
رەخمەت !!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4383 سەر
تىللا
1182 دانە
تۆھپە
2413 سەر
شۆھرەت
2839 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 00:52:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، لەتىپە-چاقچاقلىرىڭىز بەك قاملىشىپتۇ، بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇۋېتىپ، ھارغىن كەيپىياتىم بۆلەكچىلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. كۈلكە ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت، چاقچاقلىرىڭىزنىڭ داۋامىنى تېزراق يوللىغايسىز، رەخمەت.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 10:33:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قاملىشىپتۇ، سىز چاقچاققا بەك ئۇستا ئىكەنسىز بۇرادەر، رەھمەت سىزگە بىزلەرنى تازا كۇلدۇرۋەتتىڭىز
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
2696 سەر
تىللا
1161 دانە
تۆھپە
1295 سەر
شۆھرەت
1408 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 10:45:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىگەندىلا كەيپىياتىم كۆتۈرلۈپ قالدىيا...رەھمەت سىزگە

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
529 سەر
تىللا
107 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
288 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 13:43:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭا ياخشىلىق قىلغانغىمۇ ياخشىلىق قىل،يامانلىق قىلغانغىمۇ ھەم شۇنداق قىل.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
468 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
212 سەر
شۆھرەت
242 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 16:09:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى بولسا ھازىر ئازراق كۈلۈپ تۇراي بولمىسا كۈلۈپ ئۆچەيلرىم ئۈزۈلۈپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ .
كۈلكە ئاتا  قىلغانلىقىڭىزغا كۆپ رەھمەت

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1046 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
741 سەر
شۆھرەت
832 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 22:46:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزغاا رەھمەت قېرىندىشىم!ھەقىقەتەن ياخشى كەلتۈرۈپسىز!داۋامىنى تىزراق يوللارسىز!
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!

Rank: 1

قىزغىنلىق
129 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
98 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 21:40:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قىززىقارلىق ئىكەن . ھاردۇقۇمنى چىقىرۋاتتا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 22:50:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەىمەت بەك ياخشى يۇمۇرلاركەنغۇ . يەنە يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 16:20, Processed in 0.167390 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش