- تىزىملاتقان
- 2011-10-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 11033
- نادىر
- 3
- تېما
- 319
- يازما
- 606
 
- يوقلىما
- 319
قىزغىنلىق- 3291 سەر
تىللا- 1424 دانە
تۆھپە- 1074 سەر
شۆھرەت- 1332 سەر
        
| يوقلىما ئازادجان ئىبراھىم تۈزۈم بولۇپ ئۇزۇندىن كېلىۋاتقان يوقلىما. مەلۇماتنى بىر-بىرلەپ ئېلىۋاتقان يوقلىما. كەلدى-كەتتى ھەممىنى يېزىۋاتقان يوقلىما. ساراسىمگە ھەركۈنى سېلىۋاتقان يوقلىما. تولۇق كېلىپ خىزمەتكە كېچىكىپمۇ قالمىغان، ئېزىپ-تېزىپ بىرەر رەت رۇخسەت سوراپ سالمىغان، خىزمەت بىلەن ئۆيىدىن باشقا يەرگە بارمىغان، ئاشۇلاردىن ھېسابنى ئېلىۋاتقان يوقلىما. يوچۇق ئىزدەپ، يول تېپىپ، رۇخسەتنى كۆپ ئالغانلار، بالدۇر كەلمەي خىزمەتكە كېچىكىپمۇ قالغانلار، سەيلە قىلىپ ھەر يىلى شەمۇ-شەگە بارغانلار، خاتىرلەنمەي چاتاقنى تېرىۋاتقان يوقلىما. ۋاقچى كېلىپ خىزمەتكە يەنە بالدۇر كەتتى دەپ، كېچىككىنىڭ بىر ئايدا نەچچە كۈنگە يەتتى دەپ، تۈزۈملەرگە بويسۇنماي بىزنى بوزەك ئەتتى دەپ، مائاشىنى شۇلارنىڭ قىرىۋاتقان يوقلىما. بىردە كەڭرى، بىردە چىڭ ئاخىرىدا يوق بولۇپ، سېخىيلىشىپ مەرتلىشىپ كۆكسى-قارنى توق بولۇپ، بىر كۈنلەردە باشقۇچە يېنىپ خۇددى ئوت بولۇپ، يەنە باشتىن مەلۇمات ئېلىۋاتقان يوقلىما. ئوخشاش كۆرۈپ مەھمىنى ئومۇملۇقنى كۆزلىمەي، مەلۇماتنى ئاممىغا ئەينەن قىلىپ سۆزلىمەي، تولۇق كەلسە نومۇرنى سەكسەن قويۇپ يۈز دېمەي، ناھەقچىلىق تۇغدۇرۇپ چىرىۋاتقان يوقلىما. پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ باشتىن-ئاخىر يېزىلماي، بەزىلەرنىڭ يىل بويى كەلمىگىنى سېزىلمەي، شۇڭا ئۇلار ھەر دائىم راھەت كۆرۈپ ئېزىلمەي، تالايلارنى قاقشىتىپ يۈرۈۋاتقان يوقلىما. كۆپ ئۆزگەردىڭ تۈرلىنىپ بارماق باستۇق ئىشىنىپ، مۇشۇ ئادىل سۆزلەيدۇ دېدۇق بىزمۇ چۈشىنىپ، ئۇمۇ يالغان سۆزلىدى ئىناۋەتنى چۈشۈرۈپ، دوكلاتنى يالغاندىن بېرىۋاتقان يوقلىما. بىر چاغلاردا ھەممىسى ئۆزى كېلىپ يازاتتى، كەلمىگەنلەر يوق بولۇپ يېزىلماي ئۇ قالاتتى، تېگىشمەيتتى مائاشقا تۇتۇۋالماي بېرەتتى، شۇنداق قىلماي سۆزىدىن يېنىۋاتقان يوقلىما. نۆۋەتلىشىپ رەھبەرلەر تۇتۇپ باقتى باشقۇرۇپ، ئېزىپ كەتتى بەزىلەر ئۆزى تېخى ياش تۇرۇپ، كۈندە ئېنىق يازسىمۇ نۆۋەتچى ئالماشتۇرۇپ، توغرا چىقماي مەلۇمات چېنىۋاتقان يوقلىما. يوقلىمىنى ھەر دائىم شۇنداق يېزىش كېرەكمۇ، ئۇنى زادى بىلمىدۇق مەقسەت-مۇددىئا بۆلەكمۇ، ياكى ئامما ئۇنىڭغا بۇرۇندىنلا كۆنەكمۇ، چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۈۋاتقان يوقلىما. كەلمىدى دەپ يېزىلىپ تالاي پۇلى ئېلىنىپ، ئۇنداق ئەمەس كەلدىم دەپ رەھبەرلىككە يېلىنىپ، مۇشۇ ئىشلار كۆپ قېتىم يىغىنلاردا سېلىنىپ، بەزىلەرنى قاقشىتىپ ئۆتۈۋاتقان يوقلىما. بۈگۈن مانا ئۆزگىرىپ سورۇنلارغا باش بولۇپ، ئەلدىن ئالغان خىراجەت بەزىلەرگە ئاش بولۇپ، ئاخىرىدا ھەممىسى ئېنىقلىنىپ پاش بولۇپ، ئوسال بولۇپ ھەرقېتىم قېلىۋاتقان يوقلىما. بەزىلەرگە بۇ ئىشلار ياخشى پۇرسەت بوپ بېرىپ، پارچە يىغىپ پۇللارنى ئاخىرىدا توپ بېرىپ، بىراۋلارنى قاقشىتىپ، بىراۋلەرگە كۆپ بېرىپ، ئارىلىققا زىددىيەت سېلىۋاتقان يوقلىما. كېچىكتى دەپ مىنۇتنى يېزىپ ئاقنى قارايتىپ، كېچىككەننى سەت كۆرۈپ كۆزلىرىنى ئالايتىپ، چۈشۈپ ئۇنىڭ پېيىگە يوللىرىنى تارايتىپ، ئەدىپىنى شۇلارنىڭ بېرىۋاتقان يوقلىما. سۈرۈشتۇرۇش ياخشى ئىش توغرا قىلسا ھەر دائىم، شۇنداق بولسا كۆپچىلىك قىلىشمايتيى ھەم ۋايىم، لېكىن شۇنداق بولمىغاچ بولدى ئۇلار مۇلايىم، توغرا قىلماي ھەممىدىن تېنىۋاتقان يوقلىما. كېچىككەننى قاقشىتىپ ئانچە-مۇنچە پۇل تاپقان، مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ شۇنداق ياخشى يول تاپقان، شۇنداق قىلىپ ئارىدا ئەپلەپ-سەپلەپ جان باققان، شۇنداقلارنى خۇش قىلىپ يۆلەۋاتقان يوقلىما. كەلگەنلەرنى ئىزدەيدۇ دېرىكنى قىلىشىپ، ئەتىگەن، كەچ، چۈشتىمۇ يوقلاپ ئۇنى تىرىشىپ، بەزىلەرگە پېتىنماي ياخشى بىلەن قېرىشىپ، شۇلارغىلا زىياننى سېلىۋاتقان يوقلىما. كېلىپ-كېتىش ئىشىنى ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇپ، خەۋەر كۈتۈپ يوقلاردىن قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ، كېچىكتى دەپ جازالاپ ئايلىقىدىن پۇل تۇتۇپ، كۈندىن-كۈننگە ھەددىدىن ئېشىۋاتقان يوقلىما. مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى:
|
|