پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2362 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 2

كۈز نەزمىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
66
قىزغىنلىق
1141 سەر
تىللا
382 دانە
تۆھپە
497 سەر
شۆھرەت
599 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 14:16:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۈز نەزمىسى

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

بەردى قەلبىمگە سادا ئاھۇ بۇلاقلار كۈز كېلىپ،
تاشتى ئىلھامىم، جاراڭلاپ كۈي-قوشاقلار كۈز كېلىپ.

يۈتتى قەلبىمدىن پەسىللەر رەنجى شادلىقتا تامام،
يۈتتى ھەم ئەلۋەك سېغىنچىمدىن پىراقلار كۈز كېلىپ.

دالىلار سىنچىمدا رەڭلەر جىلۋىسىنى چاقنىتار،
بار گۈزەللىكنى قۇچۇپ كۈلدى قۇچاقلار كۈز كېلىپ.

ئېچىلىپ گۈل بەرگىدە ئەركە خىيالىم غۇچچىدە،
چاچتى روھىمغا ئىپارھىد گۈل سىياقلار كۈز كېلىپ.

تاۋلىنار تاڭغى شەپەقتەك بىپايان ئالتۇن دېڭىز،
ئەۋجىدە ياڭرار ئەجەم، ناۋا، ئوشاقلار كۈز كېلىپ.

كۈزدىكى دەرياسىمان قەكبىمدە تاشقىنلار بۇدەم،
ئانا سەھراغا مۇھەببەت-ئىشتىياقلار كۈز كېلىپ.

1994-يىلى، 10-ئاينىڭ 6-كۈنى، يېڭىسار.

بۇ شېئىر«شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2744 سەر
تىللا
437 دانە
تۆھپە
1677 سەر
شۆھرەت
1820 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 15:43:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئەپەندى سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىز ئوقۇش بىزگە مەڭگۈ نېسىپ بولسۇن . رەھمەت .
قوللىڭىزغا اللا دەرت بەرمىسۇن !

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1046 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
741 سەر
شۆھرەت
832 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-18 17:40:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئالاھىدىن ئەپەندىم!ئىسىل سەترىلىڭىزدىن بەھىر ئېلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگنىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!

باھا سۆز

ZAMRAN كۆپ تەشەككور!كۆز تەگمىسۇن!!!  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-19 21:07:33
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 03:17, Processed in 0.125493 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش