پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 93 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 1

ئىسىل فىليەتونلار[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
37
قىزغىنلىق
647 سەر
تىللا
534 دانە
تۆھپە
461 سەر
شۆھرەت
531 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 19:33:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھۆرمەتلەش بىلەن قائىدە


خەي شىڭ


بۆرە بىر توشقاننى قوغلاپ ،ئاسانلا تۇتىۋېلىپ،بىر ھازا ساۋىدىغاندىن كېيىن:
-مېنى ھۆرمەتلىمىگىنىڭنى قارا، مېنى ھۆرمەتلىمىگىنىڭنى قارا،ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋىتىمەن ،ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋىتىمەن!-دەپتۇ.
توشقان ئۇنىڭ قولىدا تىپىرلاپ تۇرۇپ:
-سەن قاچان مېنى ھۆرمەتلەپ باققان؟-دەپ قايتۇرۇپ سوراپتۇ.
بۆرە تېخىمۇ غەزەپلىنىپ:
-ئەگەر سەن مېنى يەۋىتەلىسەڭ،مەن سېنى ھۆرمەتلەي.
ئۇنداق بولمايدىكەن،سەن مېنى ھۆرمەتلىشىڭ كېرەك.بۇ دېگەن قائىدە،ئەزەلدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قائىدە،-دەپتۇ.



بىر تاشيولدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى


يى يەن فېي


5-ئاينىڭ 1-كۈنى: ھاكىم كەڭرى يول ياساپ ،ئەمگەكچى خەلققە سوغا قىلىش ئۈچۈن،يول قۇرۇلۇشىغا لىنتا كىسىپ ئۇل بېسىپ بەردى.
6-ئاينىڭ 20-كۈنى:قۇرۇلۇش ئەترىتى ئىش مەيدانىغا كېلىپ،يول ياساش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى.
7-ئاينىڭ 12-كۈنى:ھاكىم يول ياساش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان بىر قىسىم كادىرلاردىن ھال سورىدى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى:قۇرۇلۇش تاماملاندى.
9-ئاينىڭ 30-كۈنى:ھاكىم يولدا قاتناش باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن لىنتا كەستى.
10-ئاينىڭ 29-كۈنى:يولنىڭ كۆپ قىسىم يەرلىرى بۇزۇلۇپ بولدى.



بىخەتەرلىك


خۇاڭ دىڭ خۇا


بىمار بالنىسىتتا ياتقاندا ئۈچ ئادەم ھەمراھ بوپتۇ.سېستىرا بۇنىڭدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ:
-نىمانچە كۆپ ئادەم بۇ؟-دەپ سوراپتۇ.
بىمار:
-بىرسى دوختۇرنىڭ ئاكىسى،بىرسى ئادۋۇكاتنىڭ ئىنىسى،
يەنە بىرسى بۇغالتىرنىڭ ئاپىسى؛بايلىقتىن قۇرۇق قېلىپ، خانىۋەيران بولماسلىق ئۈچۈن....،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.



بىر كىشىنىڭ ئولتۇراق رايۇنى


رېن شى شىياڭ


ئىدارە باشلىقى كۆچۈپ كىلىشتىن ئىلگىرى،بۇ ئولتۇراق رايۇن ئىنتايىن قالايمىقان،چىملىقتا بىرەر تال ئوت-چۆپنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان،ماشىنىلار قالايمىقان توختىتىلغان ، ھەممە يەر ئەخلەت بولۇپ،دائىم ئوغرىلىق ئەنزىسى يۈز بېرىپ تۇراتتى.
ئىدارە باشلىقى كەلگەندىن كېيىن،ئولتۇراق رايۇن باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ،بوش يەرلەرگە گۈل-گىياھلارنى تېرىپ،ئەخلەت ساندۇقى ئورناتتى.ئامانلىقنى ساقلاش كۈچەيتىلگەچكە،بىر قېتىممۇ ئوغرىلىق ئەنزىسى يۈز بەرمىدى.
ئىدارە باشلىقى كۈچۈپ كەتكەندىن كېيىن،ئولتۇراق رايۇن يەنە ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتتى:چىملىقلار دەسسەلدى،ماشىنىلار قالايمىقان توختىتىپ قويۇلدى،ھەممە يەر ئەخلەت بىلەن توشۇپ كەتتى،ئوغرىلىق ئەنزىسى دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدىغان بولدى.
كىشىلەر يېڭى ئىدارە باشلىقىنىڭ تىزرەك كۆچۈپ كىرىشىگە ئىنتىزار بولدى.


مەلۇم يېزا تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى


جوۋ شىن




1.ھەيۋەتلىك باشلىنىش مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ناھىيە،يېزا رەھبەرلىرى ئورۇن ئالىدۇ.(20مىنۇت)
2.ھەر قايسى رەھبەرلەر تونۇشتۇرىلىدۇ.(10مىنۇت)
3.ناھىيە رەھبەرلىرى سۆزگە تەكلىپ قىلىنىدۇ.(30مىنۇت)
4.يېزا رەھبىرى تەنتەربىيە خىزمەت خۇلاسىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.(30مىنۇت)
5.ناھىيە رەھبىرى كېلەر بىر يىلدا پۈتۈن ناھىيىدە قانات يايدۇرۇلىدىغان تەنتەربىيە خىزمەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.(40مىنۇت)
6.يېزا رەھبىرى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەيدۇ.(25مىنۇت)
7.مەلۇم كەنتنىڭ كەنت باشلىقى بارلىق تەنھەرىكەتچىلەرگە ۋەكالىتەن سۆز قىلىدۇ.(15مىنۇت)
... ... ... ... ... ... ...
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتە ،باشلاش بۇيرۇقى ئاخىرى چۈشتى.



بايرام كۈنى


لى يوڭ لىياڭ



3-ئاينىڭ 5-كۈنى لېيفىڭدىن ئۆگىنىش كۈنى.كوچىلاردا سۈپۈرگە كۆتۈرگەن قىزىل گالىستۇكلۇقلار يەنە كۆپەيدى.
3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى،خېرىدارلار خۇدالىق تەسىراتىنى باشتىن ئۆتكۈزدى.
6-ئاينىڭ 1-كۈنى بالىلار بايرىمى،ئۇزۇن ۋاقىت يوقاپ كەتكەن كۈلكىلەر بالىلارنىڭ چېھرىدە ئەكىس ئەتتى.
9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى،كەينىگە سۈرۈلگەن ئىش ھەققى تولۇقلاپ بېرىلدى.
ھەر يىلى باھار بايرىمى خەلق ئىشچىلىرنىڭ بايرىمى بولۇپ قالدى،ئۇلار ئىش ھەققىلىرىنى ئېلىپ يۇرتىغا بايرام ئۆتكۈزگىلى مېڭىشتى.
«فىليەتونلاردىن تاللانما»ژورنىلىنىڭ2006-يىللىق 10-سانىدىن ئاق گۈل تەرجىمىسى

بايقاش بارغانسىرى قىزىپ كەتتى...جۇمۇ!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
363 سەر
تىللا
376 دانە
تۆھپە
254 سەر
شۆھرەت
323 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-29 16:47:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىل فىليەتۈنلەركەن. مەن فىليەتۈنگە بەك ئامراق. يەنە يوللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھارمىغايسىز!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-11-3 01:58, Processed in 0.235042 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش