- تىزىملاتقان
- 2011-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 10232
- نادىر
- 0
- تېما
- 132
- يازما
- 976
 
- يوقلىما
- 285
قىزغىنلىق- 2696 سەر
تىللا- 1161 دانە
تۆھپە- 1295 سەر
شۆھرەت- 1408 سەر
     
| 1 . قۇرۇتۇلغان قىزىلگۈلدىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ ئىلمان سۇغا چىلاپ ئەسلى ھالىتىگە كەلگەندىن كېيىن، سۈيىگە ئازراق زەيتۈن يېغى تېمىتىۋېتىپ يۈزگە چاپلاپ ئون بەش مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن يۇيۇۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرىسىنى پارقىراق ھەم يۇمشاق قىلىدۇ.
2. يېرىم پىشقان شوخلىدىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ئاۋال يۈزىنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن قۇرۇتۇپ، پاختا بىلەن شوخلا سۈيىنى يۈزگە سۈركەپ، ئىككى سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرۋېتىلىدۇ. مۇشۇ ئۇسۇلدا ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە داۋام قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرىسىنى قىزىل، پارقىراق ھەم يۇمران قىلىدۇ.
3. ھەر كۈنى كەچتە كالا سۈتىدىن مۇۋاپىق مىقتاردا ئېلىپ، سۈركەپ بەش مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋلاپ ، ئاندىن مۇۋاپىق تەرخەمەك سۈيى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئازراق بۇغداي ئۇنى ياكى ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، يۈزگە چېپىپ بىر سائەتتىن كېيىن يۇيۇپ چىقىرۋېتىلىدۇ. مۇشۇنداق ئۇسۇلدا داۋام قىلىپ بەرگەندە، يۈزدىكى ھەرخىل داغلارنى تەدرىجىي يوق قىلىدۇ ياكى ئازايتىدۇ. |
|