شىنجاڭدىكى 17 ئالىي مەكتەپتە يېڭىدىن 32 كەسىپ كۆپەيتىلدى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى يېقىندا تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا ، شىنجاڭدىكى 17 ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە يېڭىدىن 32 كەسىپ كۆپەيتىلگەن ، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن بۇ كەسىپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەستىقتىن ئۆتكەن . ئىگىلىنىشىچە ، يېڭىدىن ئېچىلغان كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت ، ئىقتىساد قاتارلىق گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، نۆۋەتتىكى ئىقتىساسلىقلار بازىرىدا قارشى ئېلىنىۋاتقان كەسىپلەر ئىكەن . ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەر 2000-يىلىدىن بۇيان جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز كەسىپلەرنى تەڭشىگەن بولۇپ ، جەمئىيەت ئانچە ئېھتىياجلىق بولمىغان ، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولغان بىر قىسىم كەسىپلەرنى ئازايتقان ، ھەتتا بەزى كەسىپلەرنى توختىتىۋەتكەن ، بەزى كەسىپلەرگە نەچچە يىلدا بىر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى بېكىتكەن . بۇ نۆۋەت يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن كەسىپلەر يېڭىچە سانائەتلىشىش ، بازارلاشتۇرۇش ، يېزا ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسپىي خادىملارنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئالىي مەكتەپ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بېكىتىلگەن . مەنبە: باس-باس تورى |