- تىزىملاتقان
- 2012-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-24
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 254
- نادىر
- 0
- تېما
- 18
- يازما
- 26

- يوقلىما
- 9
قىزغىنلىق- 65 سەر
تىللا- 8 دانە
تۆھپە- 36 سەر
شۆھرەت- 54 سەر
| .مەكتەپ ئاشخانىسى مەخسۇس ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق يىيىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ. ئاشخانىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئاشخانا تازىلىقىنىڭ ھەر ۋاقىت پاكىزە بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. 2. ئاشخانىلاردىكى چىلەك، قازان، داس قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم پاكىزە يۇيىشى، ھەپتىدا بىر قېتىم دىزىنفىكسىيە قىلىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق قاچىسىنى ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم دىزىنفىكسىيە قىلىپ تۈرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. 3. مەكتەپ ئاشخانىسنىڭ تاماق سۈپىتى ياخشى بولىشى، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، سۈپەتسىز ئۈن، گۈرۈچ ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە مەكتەپ ئاشخانىسىغا مەسئۇل خادىم ھەر كۈنى تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر سۈپەتسىز، ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن ئۈن، گۈرۈچ ۋە خۇرۇچلارنى ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلاردا يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش ھادىسسى قاتارلىق مەسىلىلەر كىلىپ چىقسا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. 4. ئاشخانىنىڭ تازىلىقى ياخشى بولمىسا ياكى تاماق ئىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ دىزىنفىكسىيە قىلمىسا ئاشخانىغا مەسئۇل خادىم ۋە ئاشپەزنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
|
|