- تىزىملاتقان
- 2012-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-9-24
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 254
- نادىر
- 0
- تېما
- 18
- يازما
- 26

- يوقلىما
- 9
قىزغىنلىق- 65 سەر
تىللا- 8 دانە
تۆھپە- 36 سەر
شۆھرەت- 54 سەر
| . مەكتەپنىڭ قىرائەتخانا باشقۇرۇش پىلانىنى سېستىمىلىق، ئەتراپلىق تۈزۈپ پىلاننىڭ ئىجراسىغا كاپالەتلىك قىلىش. 2. قىرائەتخانىنىڭ ئەسلىھەلىرى ۋە كىتاپ ماتىرىياللىرىنىڭ ھىساۋات خاتىرىسى ئىنىق بولۇش. 3. قىرائەتخانا ئەسلىھەلىرى ۋە كىتاپ ماتىرىياللارنى رەتلىك، پاكىزە تۇتۇش. 4. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتىرىيال كۆرۈش ئىھتىياجىغا ئاكتىپ ماسلىشىش، دۈچ كەلگەن مەسلىلەرگە نىسبەتەن ماھىرلىق بىلەن چۈشەنچە بىرىش. 5. قىرائەتخانا خادىمى تولۇق تەييارلىق بىلەن ئەتىگەن، چۇشتە ۋە كەچ تەرەپتە ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن كۈنىگە 4سائەتتىن ئارتۇق تولۇق مۇلازىمەت قىلىش. 6. قىرائەتخانا خادىمى قىرائەتخانىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا نۇرمالنى ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت ئېلىپ بېرىشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك كىرەك. 7. قىرائەتخانا خادىمى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئەتراپلىق قىزغىن مۇئامىلە قىلىش. 8. قىرائەتخانا خادىمى ئۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىش. 9. قىرائەتخانا خادىمى قىرائەتخانا ئەسلىھەلىرى ۋە كىتاپ-ماتىرىياللارنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش. 10. قىرائەتخان خادىمى كىتاپ ئارىيەت بىرىش-قايتۇرىۋېلىش ۋە قىرائەتخانىدا ئېلىپ بارغان ھەرخىل پائالىيەتلەرنى تۇلۇق يېزىپ خاتىرە قالدۇرۇش. 11. قىرائەتخانا خادىمى قىرائەتخانا ئەسلىھەلىرى ۋە كىاپ-ماتىرىياللارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كىتىشى ۋە يۇقاپ كىتىشىنىڭ قەتئى ئالدىنى ئېلىش. 12. قىرائەتخانا خادىمى قىرائەتخانىنىڭ مۇھىتىنى پاكىزە تۇتۇپ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ياخشى شارائىت ۋە مۇھىت ھازىرلاش بىرىش. 13. قىرائەتخانا خادىمى قىرائەتخانا مۇلۇكلىرى ۋە كىتاپلارنى باشقا ئۇرۇن ۋە شەخىسلەرگە ئارىيەت بىرىشكە قەتئى بولمايدۇ. 14. مەكتەپ ئىلمى بۆلۈم ھەر ماۋسۇمدا بىر قېتىم تەكشۈرۈپ يۇقالغان كىتاپلارنى ئەسلى سۈپىتى بويىچە تولۇقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش. 15. قىرائەتخانىغامەسئۇل خادىم ئالماشقاندا ئۆتكۈزىۋېلىش-ئۆتكۈزۈپ بىرىش رەسمىيىتى بىجىرىش كىرەك. 16. ئوقۇغۇچىلار كىتاپلارنى ئاسرىشى، كىتاپلارغا قالايمىقان خەت يازماسلىقى، كىتاپ ۋاراقلىرىنى يىرتىۋاتماسلىقى كىرەك. 17. قىرائەتخانىدىكى كىتاپلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتمەسلىكى كىرەك. 18. قىرائەتخانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كەلمەيدىغان، چەكلەنگەن، ئوقۇغۇچىلارغا يامان تەسىر بىرىدىغان كىتاپ-ماتىرىياللار بولماسلىق. 19. قىرائەتخانىدىكى كىتاپ-ماتىرىياللار چوقۇم مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۈر نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش جەھەتتە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش. 20. ئوقۇغۇچىلار كىتاب-ماتىرياللارنى يىرتىۋەتكەندە ياكى يۇقىتىۋەتكەندە قىرائەتخانا خادىمى ئەسلى باھاسى بويىچە پۇلىسىنى يىغىپ 3كۈن ئىچىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولىشى كىرەك. ئەگەر قىرائەتخانىدىكى كىتابلار يىرتىلىپ كەتسە ياكى يۇقاپ كەتسىمۇ ئورنىغا كەلتۈرمىسە ئەسلى باھاسىنىڭ 3ھەسسىسى بويىچە مەسئۇلىياتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ. ھەمدە كىتابلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بويرىلىدۇ.
|
|