پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2371 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 127|ئىنكاس: 3

دەرس ئۆتۈش تۈزۈمى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 2

يوقلىما
9
قىزغىنلىق
65 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
36 سەر
شۆھرەت
54 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 19:22:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئوقۇتقۇچى دەس ئۆتۈشتىن ئاۋال شۇ سائەتلىك دەرسكە مۇناسىۋەتلىك سىزغۇچ، رەسىم، كۆرسەتمە قۇرال، تەجرىبە سايمىنى، يۇقلىما، دەرس ئۈتۈش لاھىيسى، دەرسلىك كىتاب قاتارلىقلارنى ئالدىن تەييارلاپ ئاندىن دەرسكە كىرىدۇ.
2. ئوقۇتقۇچى ھەر خىل باھانە-سەۋەپلەر بىلەن دەرسخانىغا كىرمەي بىر سائەت دەرس قالدۇرسا 50يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
3. دەرسكە كىرىش قوڭغۇرىقى چېلىنىش بىلەن تەڭ سىنىپقا كىرىپ بولۇش، دەرسكە كىچكمەسلىك، دەرس ئۆتۈش جەريانىدا سىنىپتىن خالىغانچە ئايرىلماسلىق، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا بۇيرىماسلىق، دەرستىن ۋاقىت توشۇشتىن بۇرۇن چۈشمەسلىك ۋە ۋاقىت تۇشقاندىن كىيىنمۇ دەرسخانىدىن ئايرىلماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىگەللىۋالماسلىق تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنداق ئەھۋاللار كۈرۈلسە كىچىككەن، سىنىپتىن ئايرىلغان، بۇرۇن چىقىپ كەتكەن ۋاقتى خاتىرلىنىپ ھەر بىر مىنۇت ۋاقتى ئۈچۈن بىر يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
4. ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە دەرس ۋاقتىغا، ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا زۆرۈر تەربىيە بىرىش، ئۇلارنى دەرس توختۇتۇپ تەنقىدلەپ كەتمەسلىك، تەشكىللەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بىرىش، ئايرىم ئەھۋاللارغا نىسبەتەن دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن شەخسى سۆھبەت ئارقىلىق مەسلىنى ھەل قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرىغا تەگمەسلىك.
5. كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ ئاساسى بىلىمنى ئىگەللىتىش، ئاساسى ماھارەتنى يىتىلدۈرۈشنى مەخسەت قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال سوراشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى، ئەقلى ئىقتىدارىنى قوزغاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش.
6. دەرسنى ئۆلچەملىك تەلەپپۇزدا سۆزلەشكە ئادەتلىنىش، توغرا، ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بىرىش، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى توغرا ئىپادىلەش.
7. خېتى چىرايلىق بولۇش، دوسكىنى رەتلىك باشقۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆرۈش، چۈشىنىش ئىقتىدارىنى نەزەرگە ئېلىش.
8. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى سۇئال سوراشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئوقۇغۇچىنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەندە ئەستايىدىل بولۇش، ئوقۇغۇچى سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە ئەستايىدىل ئاڭلاش، ئۇلارنى كەمسىتمەسلىك، مەسخىرە  قىلماسلىق، رىغبەتلەندۈرۈش.
9. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرگەندە يوقلىما قىلىش، ئوقۇغۇچىلاردىن سۇئال سورىغاندا نومۇر قويۇش، دەرستىن كىيىن، شۇ سائەتتە ئۆتۈلگەن دەرس ھۆججىتىنى يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەگەر بىر سائەت دەرسنىڭ يوقلىمىسى قىلىنىسا ياكى دەرس ھۆججىتى يېزىلمىسا بىر قېتىملىقى ئۈچۈن 5يۇەن مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
10. نۇرمالنى دەرس ۋاقتىدا، دەرس ئۆتمەي ئوقۇغۇچىلارنى تەكرار قىلدۇرسا شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سائىتىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققى بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
11. شارائىت بار تۇتۇپمۇ كۆرسەتمىلىك، تەجىرىبىلىك، ئىلكتىرلىك ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلانمىغان، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش پىلانى  بويىچە دەرس ئۆتمىگەن ئەھۋاللار بايقالسا، بىر سائەت دەرس ئۈچۈن شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سائىتىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققى بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
12.تەجىرىبىلىك، كۆرسەتمىلىك ئۇقتۇرۇش قەغىزى يازمىغان ئەھۋاللار كۈرۈلسە،  بىر سائەتلىكى ئۈچۈن شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ سائىتىگە توغر كەلگەن ئىش ھەققى بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
13. ئوقۇتقۇچى تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى، تەنتەربىيە دەرىسنى خالىغانچە باشقا دەرسلەرگە ئالماشتۇرماسلىقى، تەنتەربىيە دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەككە تەشكىللىمەسلىكى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم تەنتەربىيە دەرسنى تەنتەربىيە كىيىمى كىيىپ ئۆتىشى لازىم. ئەگەر تەنتەربىيە دەرىسىنى ئۆتمەيدىغان، ئۆز مەيلىچە دەرس ۋاقتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بىرىدىغان، دەرس ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئەمگەككە تەشكىللەيدىغان ئەھۋاللار كۈرۈلسە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.
14. ئوقۇتقۇچىلار كىسەل ياكى ئىش رۇخسىتى سورىغان ۋاقىتلاردا مەكتەپ مەسئۇلى، ئىلمى زۇجاڭ سىنىپلارغا دەرس ئۆتۈشكە ئادەم بەلگىلىمىسە مەكتەپ مەسئۇلى ۋە ئىلمى زۇجاڭنىڭ سائىتىگە توغرا كەلگەن ئىش ھەققىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بويىچە مەسئۇلىيەتسىزلىك پۇلى ئېلىنىدۇ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
476 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
219 سەر
شۆھرەت
249 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 20:36:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ بىر بىرىدىن ئېسىل تېمىلىرىڭىز كىشىنى ھاياجانغا سالىدىكەن ھەممىسى شۇنداق ياخشى تېمىلار ئىكەن . مەكتەپ خىزمىتىدىكى تېپىلغۇسىز ماتىرياللار كەن رەھمەت .

ئاتامان

بايقاش

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8098 سەر
تىللا
6962 دانە
تۆھپە
4563 سەر
شۆھرەت
5251 سەر

ئاتامانمۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-16 22:58:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئوقۇتۇش، تەلىم-تەربىيە خىزمەتلىرىمىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ياخشى ماتىرىياللارنى يوللاپ مۇنبەرنى تېخىمۇ مۇللاشتۇردىڭىز. سىزگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت! بولسا ئوخشاش توردىكى ماتىرىياللارنى بىر ھۆججەت قىسقۇچقا يىغىنچاقلاپ، تېما مەزمۇنىغا ئىچىدىكى ماتىرىياللارنى نامىنى تۇلۇق ئەسكەرتكەن ئاساستا، قۇشۇمچە ھۆججەت شەكىلدە يوللىغان بولسىڭىز، تېخىمۇ قۇلاي بولغان بۇلاتتى.
مائارىپچىلارنىڭ ئىللىق ئائىلىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1142 سەر
تىللا
382 دانە
تۆھپە
497 سەر
شۆھرەت
599 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-17 15:17:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاتالمىش «تۈزۈم»دە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە چېتىلىدىغان، كونا، كېرەككە كەلمەيدىغان ماددىلار كۆپكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلىرى يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ روھىغا تۈپتىن خىلاپ كېلىدىكەن. شۇڭا، ئۇنى ئارخىپ خالتىسىغا مەھكەم سېلىپ، مائارىپنى، ئوقۇتۇشنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغان، ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغان تەكشۈرگۈچىلەرگە كۆرسىتىپ، ۋاقىتلىق ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشتا پايدىلىنىشقا بولىدىكەن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 16:09, Processed in 0.129116 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش