پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2376 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 136|ئىنكاس: 2

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
121
قىزغىنلىق
767 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
550 سەر
شۆھرەت
659 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىھەمكارداشپوتوشوپ ئۇستىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 11:26:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەش ۋاقىتلىرى ئوخشىمايدۇ. پورتۇگالىيەدە ھەر يىلى 18 - ماي كۈنى؛ ئامېرىكىدا ھەر يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - سەيشەنبىسى؛ تايلاندتا 16 - يانۋار، سىنگاپوردا 31 - ئاۋغۇست، لاتۋىيەدە 10 - ئاينىڭ تۇنجى يەكشەنبىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 10 - سېنتەبىر ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى كۈنى. ئۇنداقتا، ئېلىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قانداق كېلىپ چىققان؟
      يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرىمۇ ئېلىمىزدە ‹‹ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى›› بار ئىدى، 1931 - يىلى مائارىپچى تەي شۇاڭچيۇ، چېڭ چىباۋ قاتارلىقلار ‹‹ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ياخشىلاش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش›› توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلغان ۋە ھەر يىلى 6 - ئىيۇننى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىش تەكلىپى سۇنغان. 1932 -يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 6 - ئىيوننى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىشكە قوشۇلغان. كېيىن 27 - ئاۋغۇست (كۇڭزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى)گە ئۆزگەرتىۋەتكەن. 1951 - يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 6 - ئىيوندىكى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ‹‹1 - ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى››غا قوشۇپ ئۆتكۈزۈشنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ مۇستەقىل پائالىيىتى ۋە باشقا ئالاھىدىلىكى بولمىغاچقا، ئىجرا قىلىش جەريانىدا تاشلىنىپ قالغان. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئوقۇتقۇچىلار ‹‹سېسىق توققۇزىنچى›› دەپ چەتكە قېقىلىپ، ئىجتىمائىي ئورنى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. پارتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يېغىنىدىن كېيىن مەملىكەتلىك مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشقان ۋە 1981 - يىلى 3 - ئايدا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 5-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 - يىغىنىدا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كۈنى ۋە پائالىيەت مەزمۇنىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ لايىھەسى سۇنۇلغان. تۆت يىل تىرىشىش نەتىجىسىدە، 1985 - يىلى 21 - يانۋار 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9 - قېتىملىق يىغىنىدا ھەر يىلى 10 - سېنتەبىرنى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىشى قارار قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش تەكىتلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.



مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سەن سۆيمىسەڭ ھېچ گەپ ئەمەس، ئەل سۆيمىسە ھالىڭ خاراب.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4428 سەر
تىللا
1199 دانە
تۆھپە
2449 سەر
شۆھرەت
2878 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 14:43:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
2784 سەر
تىللا
464 دانە
تۆھپە
1698 سەر
شۆھرەت
1841 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىبابقاش يازغۇچىسىبايقاش مەلىكىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-14 14:59:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر ئوقۇتقۇچى بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك تېما يوللاپسىز .رەھمەت سىزگە .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

قۇربان ھېيىتلىق سوۋغا ئېلىۋېلىڭ!
بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! خۇشاللىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-24 05:08, Processed in 0.130906 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش