- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| قېنى، خوشە!
ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى (ھېكايە)
ـ خوشە! ئۇ ساقى سۇنغان پىيالىنى قولغا ئېلىپ تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ بۇرۇن ھاراق ئىچىپ باقمىغاندى، ھاراق سورۇنىغا قاتنىشىشىمۇ تۇنجى قېتىم ئىدى، شۇڭا سەل قورقۇپ قالدى. - خوشە! يەتتە-سەككىز جۇپ كۆز ئۇنىڭغا تىكىلگەندى. ئۇ تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتى. توۋا، ئەجەپ يامان سۆزكىنا بۇ «خوشە!» دىگەن. ھەممە ھاراق سورۇنىدا دېيىلىدىغان، ھەممە ئىچەرمەنلەر ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان، ئادەتتىكىچىلا بۇ سۆزنىڭ مەنىسى ئەجەپ چوڭقۇركىنا؟ ئۇ بۇ سۆزگە بۇرۇن راستىنلا ئانچە ئىرەن قىلمىغان، بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى، جەلىپ قىلىش كۈچىنى بىلمىگەن ئىكەن. ئەقىلگە خوش دەيدىغان گەپ ئىكەنغۇ ئەسلى؟... ۋىجدانغا، ئەخلاق، ھاياغا... ئىشقىلىپ جىقلا ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە خوش دەيدىغان... -قېنى خوشە! ـ ئۈچەي-باغرىڭىغىچە سىڭسۇن!... ئۇ ئاخىرى قولىدىكى پىيالىنى كۆتۈرۋەتتى. ـ ھەببەللى، ھاراق دېگەننى مانا مۇشۇنداق ئىچىدىغان.. ئۇنىڭ ئىچىنى بىر چوغ كۆيدۈرۈپ ئۆتكەندەك بولدى. بىردەمدە ئاغرىق مېڭىسىگە تەپتى. ئۇ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ يەرگە تۈكۈردى. چايدىن بىر ئوتلام سۈمۈرگەندىن كېيىن سەل-پەل ئارامىغا يۆتكەلدى. ئۇ ئويلىنىپ قالدى. «نېمە سىر باردۇ مۇشۇ ھاراقتا؟ تايىنلىق زەھەردەك ئاچچىق سۇ ئىكەنغۇ؟ بىزنىڭ خەق مۇشۇ ئاچچىق سۇيۇقلۇققا نېمانچە ئامراق كېلىدىغاندۇ؟ تاتلىق بولسا قانچىلىك ئىچىدىغان بولغىيتتى؟ مەن ئەقلىمنى بىلگىدەك بولسام دادام نامى چىققان ئىچەرمەن ئىكەنتۇق. ھازىرمۇ ئىچىدۇ. مانا، مەنمۇ بۇ سەپكە قۇشۇلدۇم. لېكىن ئىچكەنگە مۈڭگۈز چىقىپ قالمايدىكەنغۇ؟ ئەمما يۇرتىمىزدا ئۆزىنى ئەر سانايدىغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچىدۇ. بۇنىڭ ئەلۋەتتە سەۋەبىمۇ بار. سان ھاراق ئىچمىسەڭ، ھاراق ئىچكەن سورۇنغا قاتناشمىساڭ، دوست-بۇرادەر، ئاغىينىلىرىڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن. خۇددى ماڭا ئوخشاش چەتكە قېقىلىسەن. سېنى ئارىغا ئالمايدۇ، ھەتتا كۆزگىمۇ ئالمايدۇ. جىق ئىشلاردىن قۇرۇق قالىسەن. بىر قوي سويۇپ ئالالمىغان كۆڭۈلنى بىر شىشە ھاراق ئالالايدۇ، ھەل قىلالمىغان ئىشىڭنى ئاشۇ ھاراق ھەل قىلالايدۇ، شۇڭا ھاراق سورۇنىغا قاتنىشىشىڭ شەرت. قاتناشمايمۇ ئامال يوق. سورۇنغا قاتناشتىڭمۇ، دېمەك چۇقۇم چۇقۇم ئىچىسەن، دەسلەپ تارتىنىپ، قورۇنۇپ، دېلىغۇل بولۇپ رومكىنى قولۇڭغا ئالىسەن.سورۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى زورلايدۇ. ھاراق ئىچەلىسەڭ، ئۈلپەتلىرىڭ بىلەن رۇمكا سوقۇشتۇرۇپ، كەيىپ بولغاندا ھېچكىمگە گەپ بەرمەي سورۇننى بېشىڭغا كىيەلىسەڭ سەن نوچى، سەن ئوغۇل بالا، سەن ئەركەك! بولمىسا سەن يارىماس، سەن ئارلاشقۇچىلىكى يوق بىر ئادەم. ئىچەرمەنلەرنىڭ نەزىرىدە ئەركەكلىك گۇيا ھاراق بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ساڭا زورلاپ يۈرۈپ بىر رومكىنى ئىچۈرۋالمىسا ئۇلارنىڭ كۆڭلى تىنمايدۇ. ھەممەيلەننىڭ دىققىتى سېنىڭدە، ئاشۇ بىر رومكىدا. ھاراق ئىچمىگەن ئادەمگە تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچۈرۈش بىز خەقنىڭ نەزىرىدە گۇيا يۈزى ئېچىلمىغان قىزنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىگە ئېرىشىشتەك كۆڭۈللۈك ۋە خوشاللىنارلىق ئىش. بىرنى ئىچتىڭمۇ، بولدى، شۇنىڭ بىلەن ماۋۇ مېنىڭ كۆڭلۈم، ماۋۇ يېڭى تۇنۇشقانلىقىمىز ئۈچۈن، ماۋۇسى دوستلىقىمىز ئۈچۈن...دەپ كۆڭۈللەر تۈگىمەيدۇ. رۇمكا ئايلىنىشتىن توختىمايدۇ. بىر-ئىككى رومكا، بىر-ئىككى پىيالە ھاراق دېگەن نىمە ئۇ؟ بىز ئۈچۈن گۇيا ئېرىقنىڭ سۈيىنى ئىچكەندەكلا بىر ئىش. رومكا بىلەن، پىيالە بىلەن، ۋېلسىپىتنىڭ قوڭغۇرىقى بىلەن، تاۋۇزنىڭ شاپىقى بىلەن، ھېجىر چىنە بىلەن، بوتۇلكا بىلەن، قىرلىق ئىستاكان بىلەن؛ شىشە-شىشەلەپ، يەشىك-يەشىكلەپ ئىچىش بىزنىڭ ئادىتىمىز. ئۆيدە، بازاردا، دۇكاندا، رېستۇراندا، قاۋاقخانىدا، تانسىخانىدا، كېچىلىك بەزمىخانىدا...گۇيا مۇز سۈيى ئىچكەندەك، شەربەت ئىچكەندەك، ھاجىلار مەككە مۇكەررەمدىن ئەكەلگەن زەمزەم سۈيىنى ئىچكەندەك قوغلىشىپ، تالىشىپ، قىزغىنىشىپ ئىچىشىمىز بار. ئىچىۋېرىپ تەڭشىلىپ، خۇدىمىزنى يوقىتىپ، تاپتىن چىققىچە بۇ ئىچىش توختىمايدۇ.ئانىسىغا بىر كىلو گۆش، خۇتۇنىغا بىر كىيىملىك رەخت ئېلىپ بېرىشكە چىقمىغان پۇل مانا شۇ ھاراق سورۇنىدا چىقىدۇ.ھەرقانداق پىخسىق ئەرمۇ ھاراق سورۇنىغا كەلگەندە ھاتەمدەك مەرتلىشىپ كېتىدۇ. ئاشۇنداق ئىچىۋېرىپ ئاخىرى ئۆزىمىزمۇ ئاۋۇ بوشىغان ھاراق بوتولكىلىرىدەك بىرلىرىمىز يول ياقىسىدا، بىرلىرىمىز يۇندا كارىزىدا يېتىپ قالىمىز، ھاراق بوتۇلكىسى چېقىلغاندەك بىر-بىرىمىز بىلەن مۇشتلىشىپ، ئېغىز-بۇرنىمىزنى قانغا بويىشىپ، پۇت-قوللىرىمىزنى سۇندۇرۇشۇپ، ھەتتا پىچاق ياكى پالتا بىلەن بىر-بىرىمىزنى ئۆمۈرلۈك مېيىپ قىلىۋېتىشلىرىمىز بار. مەستلىكتە ئاتا-ئانا، خۇتۇن-بالا، قۇلۇم-قوشنىلار ئالدىدا قىلىپ سالغان گۇناھ ۋە جىنايەتلىرىمىزچۇ تېخى؟! ـ خوشە!... بىردەمدە ئىچىش نۆۋىتى ئايلىنىپ يەنە ئۇنىڭغا كەلدى. ئۇ ئەمدى ئىچمەسلىك قارارىغا كەلگەندى. ـ بولدى قىلىڭلار ئاغىينىلەر، مەن ئەمدى ئىچمەي. ـ نى...نىمە؟ بىرنى ئىچتىڭمۇ؟ يەنە ئىچىسەن... - ئىچەۋا تولا نېزىقىماي، سەن خۇتۇن كىشىمىدىڭ-يا؟ ئىچ دېگەندىن كېيىن ئىچ! پۇخادىن چىققۇدەك ئىچىمىز بۈگۈن. قورقما ئاداش، يىقىلساڭ يۆلەيدىغانغا مانا مەن بار... ئۇ ئامالسىز پىيالىنى يەنە قولىغا ئالدى. ـ مۇشۇنداقلا ئىچەمسىنوي؟ - ئەمىسە قانداق ئىچىمەن؟ - بىزغۇ ساڭا ئوخشاش كۆپ ئوقۇمىغان، شۇڭا ناخشا-پاخشا، كۈلكە-چاقچاقتىن باشقىنى بىلمەيمىز. سەن جىق ئوقۇدۇڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانچە-مۇنچە جىجىلايدىغان ھۈنىرىڭ بار، شۇنداق بولغاندىكىن بىرەر تال شېئىر-پېئىر، قوشاق-پوشاق دىگەنلەرنى ئوقۇپ بەرمەسەن؟ كالا مەنتەڭ ئىچكەندەك جىممىدە سۈمۈرمەي... ئۇ ماقۇل بولۇپ ھېلىلا كاللىسىدا تۇقۇپ چىققان بىر رۇبائىينى ئۈنلۈك ئوقۇدى: مەي ئىچمەك بىز ئۈچۈن كاتتا شەرەپ-شان، بىر شىشە مەي بولسا تەييار تەندە جان. ئىچتىقمۇ، ئىچىمىز تا ئىت بولغىچە، نە پەرۋا ئۆرگىلىپ-چۆرگەلسۇن جاھان. ـ ياشاپ كەت ئاغىينە! -بارىكاللا، بىزنىڭ شائىرىمىز... دېگەن بىلەن خېلى بىڭسىڭ بار جۇمۇ! ئۇ پىيالىنى بىراقلا كۆتۈرىۋەتتى. ئۇ بۇ قېتىم باشقىچە يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى. -خوشە!... پىيالە ئايلاندى، ئايلاندى، يەنە ئايلاندى. ئەمدى يۈزلەر قىزىرىپ، كۆزلەر يېنىپ، گەپ-سۆزلەر بارغانسىرى لاۋزلاشقىلى تۇردى. بايىدىن بېرى كىشىلەرنىڭ ئىچىگە جىممىدە كىرىپ كەتكەن ھاراق ئەمدى ئۇلارنىڭ مەيدىسىگە تەپتى، يۈرىكىنى ئويناتتى، ئۇلارنى سۆزلەتتى، ھەممىسىنىڭ قېنى قىزىپ كۈلكە-چاقچاق ئىچىدە ۋاراقشىپ قاينىغىلى تۇردى. -قۇيە ھارىقىڭنى! ياسىن دېمىدىسى قۇيغاندەك قۇيماي، توشقۇزۇپ-توشقۇزۇپ... -لىپمۇلىق... -بېلىق كۆزى قىلىپ تازا... -چىلاشقۇدەك ئىچىمىز بۈگۈن، ئەتە كىم بار، كىم يوق، قىيامەت قايىم بولامدۇ تېخى. - ئاغزىڭنى ئۈشۈتمە پاڭقاي، قىيامەت قايىم بولسا بىزگە نەدىكى ھاراق؟ بىز تېخى ئىچىمىز، كۈلىمىز، ياشايمىز!... -ماڭاۋە قارا زەڭگى، قىيامەت قايىم بولامدۇ-بولمامدۇ، سەن نىمىنى بىلىسەن؟ ئەۋلىيامىتىڭ؟ -تىللىما جۇمۇ ھەزلەك، ھېلى بىكار... -ھەي، ھەي، ھەي! بولدى قىلىشەۋا، سەنلەرنقڭ ئۆيۈڭ ئەمەس ماۋۇ، كەنىت ئىشخانقىسى جۇمۇ، ھېلى چاتاق چىقىدۇ بىكار... -توختاپ تۇرە، چوڭ دەپ ھۆرمەت قىلسام ھەجەپ ھۆركۈرەيدا ماۋۇ ماز... مانا ماز دېگەن... -بولدى قىلىڭلار ئاغىينىلەر... – ئۇ شۇنداق دەپ ئۇلارنى ئاجراتماقچى بولۇپ ئىتتىك ئورنىدىن تۇرىۋىدى، بازغاندەك بىر مۇشت ئۇچۇپ كېلىپ بۇرنىغا «جاڭڭىدە» تېگىشى بىلەن كۆز ئالدى قاراڭغۇلۇشۇپ، ئورۇندۇققا پۇتلاشقىنىچە كەينىگە يىقىلىپ چۈشتى. سورۇن بۇزۇلدى، جوزا ئۆرىلدى، تەخسە-پەخسە، بوتولكا-پىيالىلەر چېقىلدى. ئاڭغىچە بايا مۇشت ئاتقىنى تالاغا ئۆزىنى ئاتتى، ئۇنى قوغلاپ يەنە بىرسى چىقىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن قالغانلارمۇ يۈگۈرۈشتى. -ھەي توختىغىنا، ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنى قان ياتىدىغۇ؟ ئۆلمىگندۇ-ھە. -ئۆ...ئۆتەپبارەۋە زاڭ، بىر شاپىلاققا ئۆلۈپ قالىدىغان پاشا بولمىسا ئۇ. -توختاپ تۇرە، يۈرىكىنى تىڭشاپ باقاي. -خۇداغا شۈكرى، يۈرىكى سوقۇۋېتىپتۇ. -بېشىدىنمۇ قان چىقىۋاتامدۇ نېمە؟ تېز بول، ئۆيىدىكىلەرگە خەۋەر قىل، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى. -ماقۇل، شۇنداق قىلايلى، قېنى خوشە!... مەنبە: «شىنجاڭ گېزىتى» 2003-يىل 9-ئۆكتەبىر سانى. |
|