جان ئانا، مەن سېنى ئەسلىدىم شۇدەم
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ھېسلىرىم ھاياتتىن بەزدۈردى بىر رەت، ياشلىقىم، ئېسىمدىن كۆتۈرۈل بىر پەس. پۇشايمان، ھەسرەتچۈن يارالماس ئىنسان، ئاھ، بەڭباش چاغلارنى ئەسلەش ئەجەپ تەس.
ۋە لېكىن، ھاياتلىق ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتەركەن ھەركىمگە ھامان. ئەسلەتتى ماڭا ھەم بەڭباشلىقىمنى، قىلىپ بىر كۆرۈمسىز مەنزىرە ئايان. × × × × يۈرىكىم قىنىدىن قاڭقىيدۇ دەھشەت، ئەي دەريا، دولقۇنلان، يۇي ئۇندىن قاننى. چاتاقچى كۆزۈمگە تولسۇن لاتقىلار، ئۇ كۆردى بىر سەبىي، بىر مىسكىن جاننى.
ئۇ گويا بۆشۈكتىن دومىلاپ چۈشكەن، چاڭقىغان يۈرىكى، لېۋىدە دەريا. كۈزدىكى ياپراقتەك چېھرى، ئۇز يەنە تۇغقانكىن ئاھ، ئۇنى قايسى بىر بەرنا؟
قارايمەن مۇڭلىنپ تەكرار-تەكرارلاپ جۇل-جۇل ۋە كىر باسقان ئۈستى-بېشىغا. يىغلايدۇ يۈرىكىم قوي كۆزلىرىدىن- تاراملاپ مەڭزىگە ئاققان يېشىغا.
قارايمەن مۇڭلىنپ تەكرار-تەكرارلاپ، تال-تال چاچ سېكىگە بولۇپتۇ ئۇۋا. تىرىكلەر، «ئانا» دەپ ئاتاي سىلەرنى، ئانىنىڭ قەرزىگە بۇ ئالەم گۇۋاھ!
قارايمەن مۇڭلىنپ تەكرار-تەكرارلاپ، تىترەڭگۈ قوللىرى سوزۇلغان يىراق. ئۇ تىلەر ئىنساندىن ئىنسانىي مېھىر، ۋە لېكىن، ئانىلىق مېھرىنى بىراق....
قارايمەن مۇڭلىنپ تەكرار-تەكرارلاپ، تىلىنغان تاپان ھەم ئۇ باسقان يولغا. تىرىكلەر، سىلەرگە تىلەيمەن شەپقەت، ئۇ ئۆتسۇن ھەردەم مىڭ قولدىن مىڭ قولغا! × × × × جان ئانا، مەن سېنى ئەسلىدىم شۇدەم، ۋۇجۇدۇم پۇشايمان، ھەسرەتكە تولۇپ. قەلبىمدە ئېچىلغان بىر دالا چوغلۇق، ئەتراپقا يوپۇرماق تۆكمەكتە سولۇپ....
1986-يىلى، يېڭىسار. |