پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 62|ئىنكاس: 4

ئىككى غەزەل[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

يوقلىما
27
قىزغىنلىق
165 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
119 سەر
شۆھرەت
131 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 15:22:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىككى غەزەل

كارىم يوق

( بىر ئايالنىڭ زارى )

ۋاھاپ زۇنۇن

قونۇپ كۇندە قاۋاقلاردا، ئىچىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق ،

ئوكۇل قىلىپ نىجىس ئاقنى، چېكىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق.

تالاي كۇن يالۋۇرۇپ ئۆتتۇم، يېشىمنى ئاققۇزۇپ زارلاپ،

ئاران يىغقان بىساتىڭنى، چېچىپ ياتساڭمۇ  كارىم يوق.

قىمارنى ئوت ئويۇن ئەيلەپ ، قىزىقىدا قۇرۇپ تاۋكا ،

ھوشۇققا ئۆي بىساتىڭنى ، تىكىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق .

يېنىڭدا بىر تىيىن پۇل يوق ، تۇتۇپ قالسا خۇمار - كەيپىڭ ،

تىلىڭنى تەككۇزۇپ يەرگە ، قېتىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق .

قاياققا قارىساڭ پاتقاق، قولۇڭنى سوز دىسەم ياق دەپ ،

ئىشەكتىن بەت-بەشىر كۇنگە، پېتىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق .

بالىلار كۇندە ئاھ ئۇردى، چالا ئۇيقۇ دادام يوق دەپ،

ئۆزەڭ تاپقان بالاڭدىنمۇ،تېنىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق.

نەسىھەتكە پىسەنت قىلماي، كىتىۋەردىڭ ئۇرۇپ- تىللاپ،

ئېغىلدا بار كالا- قوينى ، سېتىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق .

ئۈزۈك – زەنجىرلىرىم تۆت كۇن  ئىچىشىڭگە ئاران يەتتى،

قۇرۇق تامغا قاراپ ئەمدى، بېقىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق.

تېشىپ كەتسە پۇشايمانىڭ،ئالارغا ھىچ پىيالەڭ يوق،

خۇشال ئۆتكەنۇ كۇنلەرنى، تېتېپ ياتساڭمۇ كارىم يوق.

خوتۇن ھەم ئۆي ئىسىڭدە يوق،ئەجەپ بىر مۇشكىلات بەردىڭ ،

يەنە ھىجرىمدە ۋولقان بوپ، يېنىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق .

گۇزەل بىر ئائىلەڭ تۇرسا ، دالالەتتىن يىراق كەتتىڭ،

نىجاسەت يۇندا ئازگالدا ئېقىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق.

تالاي يىللار ئۆتۇپ كەتتى،ھاياتنىڭ خوۋلىقى كورمەي،

قەدەمدە خار بولۇپ ئىتتەك،چېنىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق .

نىكاھتا ئەر – خوتۇن بولدۇق، شەرئەتتە ئەمەس ئەسلا،

شەرىئەتتىن ‹‹تالاق››قا يول تېپىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق .

ئۈمىدىم يوق سىنىڭدىن ھىچ ، قىيامەتلىك جۇدا بولدۇم،

تويۇپ جاندىن ئۆزەڭنى مىڭ ئېتىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق .

ئۆلۇپتۇ دەپ خەۋەر كەلسە،بېرىشقا قىلچە مەيلىم يوق،

چىۋىن چىچىپ جەسىدىڭگە،سېسىپ ياتساڭمۇ كارىم يوق.  


مەنبە : ئۆز قەلەم   

2012- يىلى 9- ئاي يىڭسار بوزغۇن


كارىڭ يوق

ۋاھاپ زۇنۇن

بېرىپ ھەر تاڭ ئىشىگىڭگە ، قاراپ باقساممۇ كارىڭ يوق،

بوسۇغاڭنى قىلىپ ياستۇق ، قونۇپ ياتساممۇ كارىڭ يوق .

سېلىپ ئۆشنەمگە كەتمەننى ،ئېتىز باغىڭنى كەزگەندە،

سەھەردىن – كەچكىچە ھارماي ،كۆيۇپ چاپساممۇ كارىڭ يوق .

سىنى سۆيمەك بۆيۇك ئارزۇ ، دېدىم جاننىڭكى زۆھرەسى،

سۇيىڭدە گاھ بولۇپ تاھىر، ئۈزۇپ ئاقساممۇ كارىڭ يوق .

ساڭا گەر ناشتىلىق ئەيلەپ، ئىشىك ئالدىڭ تونۇرۇڭغا،

قىزىق سامسا توقاش ناننى، ئاتاپ ياقساممۇ كارىڭ يوق .

ۋىسال ئىزدەپ بىغىڭ ئىچىرە، تاپالماي غۇنچە-بەرگىڭنى،

بولۇپ بۇلبۇل ئۇرۇپ خەندان، قانات قاقساممۇ كارىڭ يوق .

قاۋاشقان ئىتلىرىڭ قوغلار،كىلەر - كەلمەستە مەلەڭگە،

يىتىپ ئىشتاننى چىتلاردىن، ئاران قاچساممۇ كارىڭ يوق .

داۋانلار ئۈستىدىن كۆرسەم، سىنى تاغ باغرىدا يولدا،

ئېتەكلەرىڭگە جىسمىمنى ، شۇئان ئاتساممۇ كارىڭ يوق .

ئۆتەر بولساڭ ئىشىگىمدىن ، سىنى تەكلىپلىرىم بىرلە،

ساڭا قوش قات ئىشىكىمنى، كېلىپ ئاچساممۇ كارىڭ يوق .

ياساتقانمۇ يۇرەگىڭنى، قوياش سۆيگەن تۆمۇر تاشتىن،

ۋۇجۇدىڭغا ئىقىپ تۇرغان،لاۋا چاچساممۇ كارىڭ يوق .  

  

مەنبە : ئۆز قەلەم

2012- يىلى 9- ئاي يىڭسار بوزغۇن

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 3 + 2 + 3 + 3بارىكاللار تېرىشىڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 3 تىللا + 2 تۆھپە + 3 شۆھرەت + 3  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 15:55:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى شېئىركەن ھارمىغايسىز داۋاملىق يوللاپ تۇرۈايسىز

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 15:59:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرىلىشىڭ ياخشى بولۇۋاتىدۇ.ئىجادىيىتىڭگە بەرىكەت تىلەيمەن. ياخشى شېئىرلىرىڭ ئۈزۈلۈپ قالمىغاي...
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1046 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
741 سەر
شۆھرەت
832 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 18:30:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت قېرىندىشىم! بۇ شىئېرلىرىڭىز ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ.ئىجادىيتىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن!
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-12 19:34:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز شۇ ئىجادىي يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي . ھەقىيقەتەن ياخشى يېزىپسىز قەلەم قۇۋىتىڭىز بارغانسىرى ياخشى بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ. . مىنىڭ سىزگە دەيدىغان تەلىۋىم  ئىجادىي تىما يازغاندا ئاخىرغا ئۆز ئىسمىڭىزنى ،ئۇنىڭ ئاستىغا مۇنبەردىكى تەخەللۇسىڭىزنى بىرگە يېزىپ قۇيشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 06:57, Processed in 0.128997 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش