پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 70 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 1

ئورۇقلاشنىڭ بەش خىل ئەپچىل چارىسى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
9
قىزغىنلىق
165 سەر
تىللا
162 دانە
تۆھپە
99 سەر
شۆھرەت
142 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-28 09:21:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇقلاشنىڭ بەش خىل ئەپچىل چارىسى
ئورۇقلاشتا تاماقنى مۇۋاپىق يېگەندىن سىرت ، ھەرىكەت قىلىش تېخمۇ مۇھىم بولۇپ ، جاپالىق چېنىقىش كېرەك . ئامېرىكىدىكى داڭلىق مودا ژۇرنال ‹‹چوڭ مەركىزى شەھەر ›› دە يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئورۇقلاشنىڭ بەش خىل ئەپچىل ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ ، سىناپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ .
   1. ھەركەت قىلىشتىن ئىگىرى بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىش . ‹‹ تەنھەرىكەت مېدىتسىناسى ۋە پەنلىرى ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر يېڭى تەتقىقات داكىلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن : بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىلگىرى ، بولۇپمۇ تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇققىرى ئەھۋالدا ، بىر ئىستاكان سۇ ئىچىپ بەرسە ، ئون مىنۇت ئارتۇق يۈگۈرگىلى بولىدۇ . سوغۇق ئىچىملىك ھەركەت قىلىشتىن ئىلگىرى بەدەن تېمپېراتۇرسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ ، سوغۇق ئىچىملىك ئىچكەندە ھەركەت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ .
   2. ئۆي تازلاشمۇ بىر خىل چېنىقىش . پىسخولوگىيەلىك بېشارەت بېرىش بەدەن چېنىقتۇرۇشقا پايدىلىق . بەزى كۈندىلىك پائالىيەتلەر ئارقىلىقمۇ بەدەن چېنقتۇرغىلى بولىدۇ . مەسىلەن : پەلەمپەيدىن چىقىش ، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈش ۋە ئىتنى سەيلە قىلدۇرۇش قاتارلىقلار . خارۋارد ئۇنىۋېرستېتى بىر مىھمانخانىنڭ خىزمەتچىلىرىنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ ، بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە ‹‹ ياتاق تازىلاشمۇ ياخشى چېنىقىش ›› دېگەن ئەمما يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن . تۆت ھەپتىدىن كېيىن ، بىرىچى گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ، قان بېسىمى ، بەدەندىكى ياغ مىقدارى ، بەل ۋە كاسىنىڭ ئايلانمىسى ھەم بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلار يەنەبىر گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىگەن . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى ‹‹ ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىۋاتىمىز دەپ ئويلىماي ، ‹‹ چېنىقىۋاتىمىز ›› دەپ ئويلىغان .
   3. كەينىچە يۈگۈرۈش ياكى كەينىچە مېڭىش . كەينىچە يۈگۈرۈش ياكى كەينىچە مېڭىش قاتارلىق تەتۈر ھەركەتلەرنى قىلش تەس بولغاچقا ، خورايدىغان ئېنىرگىيە كۆپ بولىدۇ . دەسلەپتە سۈرئەت بەك تېز ، ئارىلىق بەك ئۇزۇن بولماسلىقى ، ھەرىكەت ۋاقىتى ۋە ھەرىكەت مىقدارىنى تەدىرىجى كۆپەيتىش كېرەك .
   4. بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن 90 مىنۇت ئىلگىرى بىر – ئىككى ئىستاكان كوففېئىن ئىچىملىكى ئىچىش . ئامېرىكا ‹‹ خەلقئارا تەنھەرىكەت ئوزۇقلۇق ئىلىمى ۋە ماددا ئالماشتۇرۇش ›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ئىلمى ماقالىدە : قەھۋە ، چاي ، كولا قاتارلىق ئىچىملىكلەر تەركىبىدىكى كوففېئىن چوڭ مېڭدىكى ھارغىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان خىمىيەلىك ماددىلارنى تورمۇزلاپ ، ھەركەت ۋاقتىنى ئۇزارتالايدۇ ، دېيىلگەن .

   5. باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق ، دەپ بىلىش . خارۋارد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە ، ناتونۇش كىشىلەرگە ئىشك ئېچىپ بېرىش ، خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ھەم ئىئانە بېرىش ، خىزمەتداشلىرىغا چاي تەييارلاپ بېرىش قاتارلىق ھەركەتلەرنىڭ ھەممىسى ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ ، سەۋىرچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن . بىر تەرەپتىن ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش ، ئۆزىنى تۇتۇپ ، ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يەۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولسا ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ، ئۆزىنى تېخمۇ ئاكتىپ چېنىقىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ ، تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قىلىشقا پايدىلىق ئىكەن .

تۇرمۇش مەسلىھەتچىسىدىن ئېلىندى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
83 سەر
تىللا
93 دانە
تۆھپە
62 سەر
شۆھرەت
71 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-1 18:33:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي،ئەجەپ كېيىن كۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ! بۇندىن كىيىن مۇشۇ ئۇسۇللارنى قوللۇنايچۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

ئارخىپ|يانفۇن|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2011-10-21 21:53, Processed in 0.288687 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش