قانداق قىلغاندا يېزا مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ؟
كەۋسەر
يېزا مائارىپى پۇتكۇل مائارىپ قۇرۇلمىسدا ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدىغان ، مائارىپ ئومۇىي گەۋدىسىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغان مائارىپ . يېزا مائارىپ سۈپىتىنىڭ قانداق بولىشى ، پۇتكۇل مائارىپ سۈپىتىنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق ئامىلدۇر.
نۆۋەتتە يېزا مائارىپىدا قاتتىق دىتال قۇرۇلىشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ لىكىن، سۈپەت مەسىلىسىدە ئىزچىل ھالدا بىر ئىزىدا توختاپ قېلىش ، ئىزىغا سەكرەش ، ئانچە چوڭ ، ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولماسلىق مەسلىسى ساقلانماقتا .ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا يېزا مائارىپىنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى يۇقرى كۆتۈرگىلى بۇلىدۇ؟
1. باشقۇرغۇچىلارنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك . بىر مەكتەپ مۇدىرى بىر مەكتەپ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ قانداق بولىشىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسلىق يېتەكچى. ئەگەر مەكتەپ مەسئۇلى بولغان كىشى ، ئوقۇ-ئوقۇتۇشقا ھەققىي چۆكمىسە ، ئوقۇتۇشتىكى ئاجىز ھالقىلارنى يۇقۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرمىسە ، بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ قول ئاستىدىكىلەرنى ئىشلىتىشنىلا بىلىپ ، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشنى بىلمىسە ، قېلىپلىشىپ قالغان دەرس ئۆتۈش ۋە باھالاش رامكىسىدىن چىقالماي يۈرسە ،ماترىيال كۆرۈپ ئۆز بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۇرۇپ، باشقا رايۇنلارنىڭ ئوقۇتۇشتىكى ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆز رايۇنىدا دادىللىق بىلەن سىناق قىلىشقا جۇرئەت قىلالمىسا ،ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان تۈزۈملەرنى ئورناتمىسا ، ئۆزى باشلامچى بۇلۇپ ، ھەققىي تۈردە ئوقۇ –ئوقۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارمىسا ئۇنداقتا مۇنداق مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ھەققىي تۈردە ئۆسىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.ئەگەر ئۆستى دىيىلسىمۇ بۇ پەقەت شەكىل جەھەتتىكى ئۆسۈشلا بۇلۇپ قالىدۇ.
2.مەكتەپ كىتاپخانىسى ، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ، تەجرىبە بۇيۇملىرى، كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش قۇراللىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ھەققىي تۈردە ئۆستۇرۇش كېرەك. نۆۋەتتە كۆپ قىسىم مەكتەپلەرگە قىرائەتخانا ، كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش قۇراللىرى ، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش قۇراللىرى سەپلەپ بىرىلگەن بولسىمۇ ، ئىزچىل ھالدا بۇلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىلمايدىغان ، ئۇلارنى توپا بېسىپ ياتقان ھالدا تۇرماقتا . پەقەت تەكشۇرۇشكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئۇلارنى تازلاپ قويىدىغان ، يالغاندىن خاتىرە شەكىللەندۇرىدىغان ئەھۋاللار ھازىرغىچە ساقلانماقتا . شۇنىسىى ھەقىقەتكى ئوقۇتۇشتا نەزرىيە سۆزلىگەندىن كۆرسەتمىلىك قۇراللاردىن پايدىلانسا بىر جەھەتتىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولسا، يەنە بىر جەھەتتىن دەرس ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇغىلى بۇلىدۇ.
3.ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. نۆۋەتتە ئالاھىدە ئىش ئورنى بويىنچە ئوقۇتقۇچىللىققا تولۇقلانغان ئوقۇتقۇچىلاردا ئوتتەك قىزغىنلىق، ئورغۇپ تۇرغان جاسارەت بولسىمۇ لىكىن ، ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئوقۇتۇشنىڭ ئۇششاق ھالقىللىرىنى ئىگەللىيەلمەيدىغان ، كۆپ خاتالىق سادىر قىلىدىغان دەرس ئۆزلەشتۇرۇشتە قىينىلىدىغان ئەھۋاللار ئىزچىل ساقلانماقتا . شۇڭا مەكتەپلەر بۇ خىل ياش ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە ، ئۇلارنىڭ ھەققىي تۈردە تايانچ ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشىغا كۈچ چىقىرىش كېرەك .
4.باھالاش سىستىمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۇرۇش ، ئادىل ، ھەققانىي بۇلۇشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. نامۇۋاپىق بولغان ، ئىلھاملاندۇرۇش ئارلاشتۇرۇلمىغان باھالاش تۈزۈلمىسى تەبئىيكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىغا پاسىسپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنۋان باھالاش ۋە ئىلغارلانى باھالاشتا چۇقۇمكى ھەققەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشكە ئەھمىيەت بىرىش ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشى ۋە شەخسىي يېقىنلىق ئارقىلىق باھالاش نەتىجىسىنى بىكىتىدىغان ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىش لازىم.
5.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش كۆز قارىشىنى يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى يېڭى بولغان مائارىپ تەرەققىياتىدىن خەۋەردار قىلىش ، باشقا جايلارغا بېرىپ تەجرىبە ئۆگىنىپ كىلىشكە تەشكىللەش، ئىلغار مائارىپچىلارنى لىكسىيە سۆزلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مائارىپ تەپەككۇرنىڭ بىر ئىزىدا توختاپ قېلىشىنىڭ ، ئوقۇتۇش تەپەككۇرىنىڭ رامكا ئىچىگە سۇلىنىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم .« مائارىپنىڭ ئۈمدى ئوقۇتقۇچىلاردا» . قانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ بولىىشى قانداق مائارىپ بۇلىشىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق ئامىل . شۇڭا بۇ نوقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كېرەك.
6.مەكتەپلەر ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيتىنى ئاچىدىغان پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش، دەرستىنى سىرىتقى پائالىيەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە ، ئوقۇشقا بولغان قىزىقىشىنى ھەققىي تۈردە قوزغاش كېرەك . بىلىم ئۆگىنىش قانداقتۇر تەييار بىلملەرنى يادىلاش جەريانى ئەمەس ، بەلكى ھەققىي بىلىمنى ئۆز كەچۇرمىشى ئارقىلق ھېس قىلىش جەرياندۇر.شۇڭا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز قابىلىيتىنى جارى قىلدۇرىدىغان پائالىيەت سورىنى ھازىرلاپ بىرىشكە ھەققي تۈردە كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك .
يېزا مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ئۆسىشى كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق بولسىمۇ ، لكىن جەمئىيەت ، ئائىلە ئەھۋالنى نەزەردىن ساقىت قىلغاندا ، يۇقۇرقى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بەرسە چۈقۈمكى ئوقۇتۇش سۈپىىتنى ئۆستۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بۇلىدۇ. |