پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

يوقلىما
12
قىزغىنلىق
65 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
37 سەر
شۆھرەت
47 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:03:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتى

ئۇيغۇرلارنىڭ نان ھەققىدىكى چۈشەنچىسى باشقا ھارقانداق شەيئىي، ھادىسە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىگە قارىغاندا ئىنتايىن چوڭقۇر ھەم مۇكەممەل. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، ئىشلەپچىقىرش پائالىيىتى، ئىجتىئامىي مۇناسىۋېتى، ئۆرپ- ئادىتى، مەدەنىيەت سىستېمىسى، ئىدىيىۋى ئېتىقادى، قىسقىسى پۈتكۈل مەۋجۇتلۇق شەكلى نان بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش يولىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى، ۋاستىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناسىپ يېمەك- ئېچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ جاي، ھۈنەر- سەنئەت، تۇرمۇش مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلغان.       ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى ۋە ئىدىيىۋى ئېتىقادى نان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئۇيغۇرلار ئادەتتىكى نورمال كۈندىلىك تۇرمۇش شارائىتىدىمۇ، توي- تۆكۈن، ئۆلۈم- يېتىم ئىشلىرىدىمۇ، مېھماندارچىلىقتىمۇ، سەپەر، يول يۈرۈشلەردىمۇ ناندىن ئايرىلالمايدۇ. نان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.      نان تونۇردا بىۋاستە ئوتقا قاقلاپ پىشۇرىلىدىغان ئالاھىدە مەھسۇلات بولۇپ، ئۇ ئەجداتلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدىن دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئوڭۇشلۇق ئۆتكەنلىكى ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى ئىگىللىگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.      نان تونۇر مەدەنىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تونۇر ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا كەڭ تارقالغان. قۇمۇل، تۇرپان، چەرچەن، نىيا، سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقلىرىدىن بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە نان پارچىلىرى تېپىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. يەنە نىيا قەدىمكى خارابىسى قاتارلىق جايلاردىن بۇنىڭدىن تەخمىنەن 3000 يىل بۇرۇنقى دەۋرلەرگە مەنسۈپ نان پارچىلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نان مەدەنىيىتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەك ئارخىئولوگىيىلىك قېزىلما ماتېرياللارغا ئاساسلانغاندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى نان مەدەنىيىتىنىڭ، نان تىجارىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا مىللىتىمىزنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا نان ئىستىمال قىلغانلىقى، نان مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.      بىزگە مەلۇم، ئىنسانلار ئوۋچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن مەزگىللەردە گۆشنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان. ھەتتا ئىنسانلار ئوتنى كەشپ قىلىشتىن بۇرۇن گۆشنى خام ئىستېمال قىلغان. ئەمما گۆشنى ساقلاش، ئېلىپ يۈرۈش، يىغىپ ئىستېمال قىلىشقا مۈمكىن بولمىغاچقا تۇرمۇشى بەكمۇ جاپادا ئۆتكەن.  ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئىنسانلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن ئاستا- ئاستا دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بۇ ئاساسلىق مەسىلىنى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ھەل قىلغان. يەنى دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئىشلەپچىقارغان دېھقانچىلىق دانلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك يېمەكلىك ناننى ئىجاد قىلغان. ئۇيغۇرلار ناننى ئىجاد قىلغاندىن كېيىن ئۇنى چارۋىچىلىق مەھسۇلاتى بولغان گۆش، سۈت، ماي قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىستىمال قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى زور ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلغان.       ناۋايلىق بۈگۈنكى دەۋرگە كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇيغۇرلار ئىچىدە نۇرغۇن كاتتا نان سودىگەرلىرى بارلىققا كەلدى. ئۈرۈمچىدىكى داڭلىق دەرمان نان سودىگىرى ئابلاجان ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. دەرمان نانلىرى ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئېچىدىن ھالقىپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بازارلىرىغا كېڭەيدى. ھازىر نان خاس ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەكلىكى بولۇپلا قالماستىن، باشقا مىللەت، باشقا دۆلەت كىشىلىرىنىڭمۇ ياقتۇرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان يېمەكلىكىگە ئايلاندى. ھازىر ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ بىر قىسمى تونۇردا ئەنئەنىۋى ھۈنەر- سەنئەت تۈرى بويىچە قاقلاپ پىشۇرۇلۇشتىن باشقا، نۇرغۇن نان تۈرلىرى زامانىۋى نان پىشۇرۇش ئۈسكىنىلىرىدە پىشۇرىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ناننىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاشقا، ئېلىپ يۈرۈشكە، خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان ئورۇندا يىيىشكە قولايلىق.      ئۇيغۇرلار ناننى تولىمۇ ئەتىۋارلايدۇ. ئۇنى بۇزۇپ- چېچىشنى، ئىسراپ قىلىشنى جىنايەت ھېساپلايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، مەدەنىيەت شەكلى نان بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ قەسەم شەكلى نان بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ. يەنە نان بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئۆرۈپ- ئادەتلەر بار. بۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلايدىغان ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ئىپادىلەيدۇ. نان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇۋاپىق، ئەڭ بىخەتەر كەسپ بولۇپ قالدى. چۈنكى ھەممە ئادەم ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماق يېمىسە بولمايدۇ. نان تىجارىتىدە بۈگۈن ئېشىپ قالغان ناننى ئەتە يەنە سېتىشقا بولىدۇ، ئىسراپچىلىق كۆپ كۆرۈلمەيدۇ.      دېمەك، ئۇيغۇرلار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئىگىللىگەندىن تارتىپ ھازىرقى دەۋرگىچە نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ياخشى، ئەڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىللە نان مەدەنىيىتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، يېڭىلىنىپ، نەزەرىيە جەھەتتىن مۇكەممەللىشىپ كەلدى. ئەسلىدە ئائىلە يېمەكلىكى قىلىنىشتىن كەسىپلىشىپ بازارغا يۈزلەندى. ئۆز ئورۇنلىرىدىكى ئاددى تىجارەت شەكلىدىن خەلقئارالىق تىجارەتكە كېڭەيدى. ناننىڭ ئىجاد بولغان دەۋرى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن يىللار، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن شاللىنىپ، تاشلىنىپ قالماي بەلكى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ئۇنى ئىستېمال قىلىدىغان ئوبيىكتىلار باشقا مىللەتلەرگىچە كېڭەيدى، تىجارەت شەكلى مىللەت، دۆلەت ھالقىدى. بۇنى ھەرگىز كىچىك ئىش دېيىشكە بولمايدۇ.


Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 17:53:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن تىمىلارنى بەك ياخشى يوللاپسىز. رەخمەت سىزگە ئىجادىي يازمىللىرىڭىزنى ئايمىغايسىز . تەلىۋىم مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 21:53:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەۋسەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 21:54  

قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:27, Processed in 0.125035 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش