پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 28|ئىنكاس: 1

ئۈمىد(نەسىر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

قىزغىنلىق
65 سەر
تىللا
14 دانە
تۆھپە
37 سەر
شۆھرەت
47 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:47:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئۇستاز ماڭا مۇنداق بىرھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن:
بىر قۇملۇق تەكشۈرۈش ئەترىتى قۇملۇقتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،نىشاندىن ئادىشىپ قاپتۇ.پايانسىز قۇملۇقتا ئۇلارنىڭ ئۇزۇق-تۈلۈكى،بىر تېمىممۇ سۈيى قالماپتۇ.بىر ياشانغان ئەترەت ئەزاسى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا،قېپقالغان ئەزالارنى بىر يەرگە يىغىپ،يېنىدىن ئېغىر بىر سۇداننى چىقىرىپ،بىر چايقىتىۋىتىپتۇ،ئارقىدىن ئۇلارغا:
-مەن بولالمىدىم،بۇ سۇداننى سىلەرگە قالدۇراي.ئېسىڭلاردا بولسۇنكى،سۇ مەنبەسىنى تاپمىغىچە ھەرگىز سۇداننى ئاچماڭلار،-دەپتۇ دە جان ئۈزۈپتۇ.
ئۇلارغەيرەتكە كېلىپ يۈك –تاقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ،مېڭىپتۇ،مېڭىپتۇ ۋە ئاخىرى سۇ مەنبەسىنى تېپىپتۇ.شۇ چاغدا سۇداننى ئېچىپ قارىسا،ئۆزلىرىگە ھاياتلىق ئۈمىدى ئاتا قىلغان بۇ سۇداننىڭ ئىچىگە لىققىدە قۇم قاچىلانغان ئېكەن.
جاپا- مۇشەققەت ھاياتلىقتىكى نورمال ھالەت،ھېچكىممۇ ھاياتىدا قېيىق يوق كېچىك ياكى كۆۋرۈك يوق دەرياغا دۈچ كېلىپ باقمىغان دېيەلمەيدۇ.ھەممە ئادەمنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا دۈچ كېلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ.پەقەت پەقەت قەلبىمىزدە قالغان كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى بىزنى مۇقەررەر ھالدا «دەريا»دىن ئۆتكۈزۈپ ،يەتمەكچى بولغان «قىرغاق»قا يەتكۈزۈلەيدۇ.
ئۈمىد-نۇر،ھاياتلىقنىڭ نۇرى.ئاياللار ئەرلەرگە،ئەرلەر بالىلارغا،بالىلار ئاتا-ئانىسىغا ئۈمىد بېغىشلىيالايدۇ.ھەر قانداق ئادەم باشقىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلالايدۇ ھەم باشقىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلىش يۈكىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ.ئىنسانىيەتنىڭ رەڭدارلىقى مۇشۇنداق ئۈمىد نۇرى ئاستىدا تېخىمۇ جىلۋىلىنىدۇ.
ئۈمىد-مەنبە،ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى.كىممۇ قاقاسلىقتا مەڭگۈ يېشىللىق بولمايدۇ دىيەلەيدۇ؟كىممۇ تېكەنلىكتە چىرايلىق گۈللەرنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىشى مۇمكىن ئەمەس دىيەلەيدۇ؟كىممۇ شىددەتلىك ئېقىنلار قاينىمىدا پەقەت ئۆلۈملا بار دېيەلەيدۇ؟كىممۇ ئوڭغۇل-دوڭغۇل پاتقاقلىقتا پەقەت دەلدەڭشىگەن ئاياغ ئىزىلا بار دېيەلەيدۇ؟كىممۇ تاش يېرىقلىرىدا مەڭگۈ يېشىللىق بولمايدۇ دېيەلەيدۇ؟كىممۇ ھەيۋەتلىك قارلىق تاغلاردىن پەقەت قۇشلارلا ئۇچۇپ ئۆتەلەيدۇ دېيەلەيدۇ؟كىممۇ ئەلئېھرامدىن پەقەت قارچۇغىلا ئۇچۇپ ئۆتەلەيدۇ دېيەلەيدۇ؟
ئۈمىد-چىراغ،غايىنىڭ چىرىغى.تەقدىرنىڭ ئارغامچىسىنى چىڭ تۇتىۋالالىساق،غايىمىزگە يىتىش ئۈچۈن دەۋرنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ ئالغا قاراپ ماڭالايمىز.شىددەتلىك ئېقىن،خەتەرلىك ساھىل،خادا تاشلار ۋە بوران-چاپقۇنلار بىزنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىمىزنى توسىيالمايدۇ.غايە،ئىرادە،ئەقىل –پاراسەت ۋە قىزغىنلىق بىزنى ئۈمىد نۇرى ئاستىدا يىراق مەنزىلگە يىتەكلىيەلەيدۇ.غايىگە ئىنتىلىش،ئۈمىدنى بويلاپ مېڭىش بارلىق كۆرەشلەرنىڭ ئىزلىرى مۇجەسسەملەنگەن چۈش. غايىگە ئىنتىلىش،ئۈمىدنى بويلاپ مېڭىش بارلىق غايىلەرنىڭ شېئىر تېكسىتىدىن نوتا بولۇپ شەكىللەنگەن مەردانە ناخشا. غايىگە ئىنتىلىش،ئۈمىدنى بويلاپ مېڭىش بارلىق ئولۇغۋار رەسىملەردىن شەكىللەنگەن ھەيۋەتلىك سۈرەت.
ئۈمىد-ئوت،كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئوت.رېئاللىق مەيلى قانچىلىك رەھىمسىز بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،پەقەت كەلگۈسىگە نىسبەتەن تولۇپ-تاشقان ئۈمىد بولسىلا،ئادەمنىڭ ئېرادىسى ئاجىزلاپ كەتمەيدۇ.كۆز ئالدىڭىزدىكى مەنزىرە مەيلى ھوزۇرلۇق ياكى خىرە ۋە ياكى ئېچىنىشلىق بولسۇن ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى ئاسان بۇزىۋىتەلمەيدۇ.كەلگۈسى ئۆتمۈشتىن مۇھىم،ئۈمىد ھازىردىن مۇھىم.ئۈمىدتىن ھالقىپ ئۆتۈش بىر ئالىيجاناپ ھەمدە مۇساپە يىراق ،ۋەزىپە ئېغىر بولغان نۇقتا. ئۈمىدتىن ھالقىپ ئۆتۈش كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەم نۇرى تۆت ئەتراپقا تارالغان گۈزەل  بىر مەنزىرە.
ئۈمىد-دەسلەپكى شەپەق،پورەكلىگەن غۇنچە،يېڭى ئاغدۇرۇلغان توپا،بىخلانغان ئۇرۇق،يېڭى ئۈنگەن يۇمران ئۈندۈرمە.ئۈمىد-ئىلىم پەننىڭ قانىتى،بۈگۈنكى جۇغلانغان كۈچ،ئەتىكى گۈزەل نۇسخا،ھەممە يەرنى ياشناتقان باھار نۇرى.ئۈمىد-ئىشەنچنىڭ پۈتمەس بۇلىقى،كۆرەشنىڭ تاڭ نۇرى.
قارچۇغا كۆك ئاسماندىن:
-ئۈمىد قەيەردە؟-دەپ سوراپتۇ.كۆك ئاسمان:
-ئۈمىد دەل سەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
غۇنچە كەڭ زېمىندىن:
-ئۈمىد قەيەردە؟-دەپ سوراپتۇ.كەڭ زېمىن:
-ئۈمىد دەل سەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.
ئىنسانلار تەڭرىدىن:
-ئۈمىد قەيەردە؟-دەپ سوراپتۇ.تەڭرى:
-ئۈمىد دەل سەن،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 17:56:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپەندىم بەك ياخشى تەربىيەۋىي ئەھمىيتى يۇقىرى بولغان مۇھىم تىمىلارنى يوللاپسىز. پۈتۈن يوللىغان تىمىللىرىڭىزنىڭ مەنبەسىنى ئىنىق ئەسكەرتىپ قۇيۇڭ. ئۈزىڭىز يازغان بولسىڭىز مەنبەسى مەن دەڭ
كىتاپتىن كۈچۈرگەن بولسىڭىز كىتاب ئىسمىنى يېزىپ قۇيۇڭ
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 05:14, Processed in 0.122440 second(s), 34 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش