- تىزىملاتقان
- 2012-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-15
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 249
- نادىر
- 0
- تېما
- 10
- يازما
- 21

- يوقلىما
- 12
قىزغىنلىق- 65 سەر
تىللا- 14 دانە
تۆھپە- 37 سەر
شۆھرەت- 47 سەر
| بۇنداق كېتىۋەرمەيلى سىدىقجان ھەممىمىزگە مەلۇم ئاQ تىلغا ئېلىنسىلا كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ساھىلىغا لۈشۈن يازغان «ئاQ نىڭ رەسمى تەرجىمىھالى » دىگەن ئەسەردىكى ئاQ نىڭ ئوبرازى كېلىدۇ.
ئاQ ئوبرازى شىنخەي ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى بىر بۆلۈم روھى غالىبىيەتچى كىشىلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى .ئۇنداقتا ھازىرمۇ جەمىيىتىمىزدە روھى غالىبىيەتچى ئاQ لار مەۋجۇتمۇ؟ -ئەلۋەتتە مەۋجۇت -مەۋجۇت ئەمەس. مانا بۇبىر-بىرىگە زىت ئىككى خىل جاۋاپ كاللىمىزدا كەسكىن ئورۇن تالىشىۋاتقان پەيىتتە كۆڭۈل كۆزىمىز ئىختىيارىسىز ھالدا ئەتىراپىمىزدا مىغىلداپ يۈرگەن ئادەملەر توپىغا چۈشىدۇ.قارىسىڭىز ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن .«ئىسنىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلەر »دىگەندەك كۆرۈنۈشتە تولىمۇ قىزغىن ،تېتىك كۆرۈنگەن بۇ كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكى سىزگە يەنىلا نامەلۇم. بۇنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكىنىڭىزدە ،كۆز ئالدىڭىزدىكى ئىشلاردا ناھايىتى قىزغىن ،جانلىق كۆرۈنگەن نامەلۇم شەخىسنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ باشقىچە بىر زىننەت بىلەن بىزەلگەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇنداقتا ئۇنىڭ جەمئيەتتىكى ئىپادىسى زادى قايسىدۇ؟ بىر مەزگىللىك ئىنچىكە كۈزىتىشتىن كىيىن بۇنى ئۆزۈمنىڭ چەكلىك بىلىمىگە تايىنىپ تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا يىغىنچاقلىدىم: بىرىنجى ،كىشىلىرىمىز ئارسىدىكى ھەسەتخورلۇق ۋە غەيۋەتخورلۇق ئىددىيسى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مانا بۇ ھەسەتخورلۇق ۋە غەيۋەتخورلۇق ئىللەتلىرىنىڭ ئەتراپىمىزدا مىتە قۇرتلاردەك مىغىلداپ يۈرگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. ناۋادا بىر كىشى تىرىشىپ كۈنلىرىنى ياخشىلىسا ياكى ئىمكانىيەت بولسىلا پۇل تاپسا، بىز ئىددىيمىزگە سىڭىپ كەتكەن ئاشۇ ئىللەتلىرىمىز سەۋەبىدىن «بۇ ئادەم بۇلارنى نەدىن تاپىدۇ؟ چۇقۇم ئارقا تىرىكى بار» دېسەك يەنە بىر ئادەمنىڭ ئورنى ئۆسۈپ جاھانغا نامى تارالسا «بۇ ئادەم كىچىك ۋاقتىدا گازىرچى ئىدى» دەيمىز. مانا بۇنداق جەمىئيەت ئەزالىرىنى ئېغىر دەرىجىدە ئاQ چىلىق ئىدىيسى بىلەن زەھەرلەنگەن دېسەك، تامامەن خاتالاشمايمىز. ئويلاپ كۆرەيلى، ھازىر مەدەنىيەتلىك شەھەرلەردە ياشاۋاتقان يۈزلۈك كىشىلەرنىڭ ئاتا- ئانسى ھەتتا ئۆزلىرى ئەسلىدە تەتۈر تۇماق بىلەن شەھەرگە كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ئۇلار خاھى دېھقان بولسۇن تىرىشىپ- تىرمىشىپ جاي تاپقانلىقى، ئۆگىنىپ ئالىي مەلۇماتقا ئىگە بۇلۇپ، جامائەت ئارسىدا يۈز تاپقانلىقى ھازىرقى نەتىجە ئەمەسمۇ؟ دېمەك نەتىجىگە ھەسەت قىلغان كىشىلەر ھەسەت ئوبيېكتنىڭ تېگى-تەكتكنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۆزلىرىگە تەسەللى بولغىدەك بىرەر ناچار دىتاللارنى ئىزدەشكە كىرشىدۇ. نەتىجىدە تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، ئاقنى قارا ، راستنى يالغان قىلىپ، جەمئىيەتكە بىر مۇنچە ئېغۋا ئەخلەتلەرنى دۆۋىلەپ بېرىدۇ. ئىككىنجى، ئىشچى- خىزمەتچىلەردىكى بوشاڭلىق، ئۆز ئارا تەخسىكەشلىك قىلىش ئىدىيسى. مانا بۇمۇ كىشىلىىمىز ئېڭىدىكى روھى غالىبىيەتچىلىك ئىدىيسىنىڭ قىممەتلىك مېۋسى بولالايدۇ. مەسلەن، ھازىر ھەرقايسى سەپتىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلار ئارسىدا نۇرغۇنلىغان تىرىشچان، ئىقتىدارلىق ئىرادە خادىملىرى بارلىققا كەلدى. لىكىن يەنە شۇلارنىڭ ئارسىدىمۇ بىر قىسىم ئىشچى- خىزمەتچىلەردە ئىدارىنىڭ قۇلايلىقى، ئۆزىدىكى مائاش قارىشىنىڭ ئېغىرلىقى، ھەممە ئىدارىلەرنىڭ تېگىشلىك قائىدە-تۈزۈملىرى نەتىجىسىدە مەلۇم ۋاقىتلاردا ھورۇنلىشىپ قالىدىغان ، ئۆزىنى بەزلەيدىغان ئىدىيىلەر مەۋجۇت. بۇنىڭدا بولۇپمۇ ئاساسى ئەسلىھە ئاجىز، تۈرلۈك كەسىپلەر تەرەققى قىلمىغان، تۇرمۇش مەنبەسى بىر خىللا بولغان رايۇنىمىزدا كىشلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە، يۇقىرغا تايىنىۋېلىش، دىپلوم، ئۈنۋانغىلا ئەھمىيەت بىرىپ، ئىقتىدارغا سەل قاراش، تۇرمۇشنى ئۆتكۈزۈشكە بېرىلگەن مائاشنى ئىلاھ دەرىجىسىدە ھېس قىلىش ،ئىدارىلارنىڭ بىر نەچچە پۇڭلۇق بەسەي تارقىتىپ بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرۇش،ئىدارىنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشىنى ساقلاپ نى –نى ئىشلارنى ئۆتكۈزۋېتىش قاتارلىق قېتىپ تىئورما دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. مۇشۇ قاراش بويىچە ئېيىتقاندا ئوقۇشتىن مەخسەت ھۆكۈمەت قوينىغا كىرۋېلىش ،خىزمەت قىلىشتىن مەخسەت ئايدا مۇقىم پۇل ئېلىش بولۇپ ،بۇ مۇقەررەر ھالدا ئىدارە خادىملىرىنى تەكەببۇر ئەمما خامۇش ،ئۆزىنى ئۆزى سېمىز دەپ يۈرىيدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. ئۈچىنجى،ياشلارنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى خىزمەت تەخسىماتىدىن كېلىپ چىققان ئاQلار . ھەممىلا ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كەلگۈسىدە چوڭ شەھەرلەردە ،ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشسەمكەن دەيدۇ.لېكىن بۇ مومكىنمۇ؟ئەمما ئۇلار شۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇكى ،يېزىلاردىمۇ تىرىشسىلا نى -نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.ئۇلاردا پەقەت قارىغۇلارچە باياشات تۇرمۇشقا ئىنتىلىش قارشى بولغاچقىلا نۇرغۇن ئەقەللى ساۋاتلارنى قوبۇل قىلىشقا ئىدىيىسى قويمايدۇ.مانا، ساق 15-20يىل بولدى.نەچچە ئونمىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن تېخى نەچچە يۈز كەشپىياتچى ،يازغۇچى ،ئىنژىنىرلار چىقتى .بولۇپمۇ مەركەزلىك ئورۇنلاشقان مائارىپ ،سەھىيە ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە 90-يىللاردا مەكتەپلەردە ئەلا ،جەمئيەتتە شوخ ،ئىستىقبالى پارلاق دىيىلگەن ئاشۇ قىز –يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىشقا كېلىپ –كېتىپ مائاشىنى يەتكۈزەلمەي يۈرشىۋاتىدىغۇ؟مەشھۇر يازغۇچى ،شائىر بولماقچى بولغان ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى خىزمەت شارائىتى بىر قەدەر ناچار بولغان چەت رايۇنلارغا خىزمەتكە بارغاندا قانچىسى مۇشۇ 10-20يىلدا بىرەر كۇبلىت شىئېر يازدى؟يازمىدى .ھەممىسى تەقدىردىن ئاغرىندى ياكى ئالدىراشلقتا ۋاقىت يەتمىدى دىدى.خەنزۇتىلى سىنىپىدا 5يىل ئوقۇپ خەتنى تونۇسا گەپ قىلالماي ،گەپ قىلسا خەت يازالماي زىيان تارتىۋاتقانلارمۇ بارغۇ؟!....... ماقالە ،كىتاب يېزىش،باشقىلاردىن نان ،ئورۇن تالىشىپ ،جانلىق ،ئورۇنلۇق ياشاش دىگەندەك ھازىرقى زامان ياشلىرىدىكى زۆرۈر چۈشەنچىلەر يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان ساۋاقداشلاردا بولماسلىقىنىڭ تۈپ نىگىزى قەيەردە؟ تۈپ نىگىزى يەنىلا ئۇ ساۋاقداشلارنىڭ كىچىككىنە ئوڭۇشسىزلىقتىن كىيىن ئىدىيىسىدە شەكىللىنىپ قالغان روھى غالىبىيەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى. تۆتنجى، ھالغا بېقىپ ھال تارتماسلىق . بۇرۇنقى يىللاردا بىر سائەت ۋە بىر داستىخان كاكچا بىلەن توي قىلغىلى بولاتتىكەن.مانا ھازىر قورساق تويۇپ 4-5 قۇر كىيىمىمىز بولىۋىدى ،مۇقەررەر ھالدا يېڭىچە ئابرۇيلۇق بولۇشنى ئويلايدىغان بولدۇق .زورلاپ قەرىز ئېلىش ،ئۆينى ھەشەمەتلىك سېلىش ،توينى ئىقتىدارىدىن ئاشۇرۇپ ئۆتكۈزۈش ،دەم ئېلىش كۈنلىرىنى «مەدەنى »ئىس -تۈتەك سورۇنلىرىدا ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ قورسىقى تويۇپ ،ئۇچىسى ئىللىغاندىن كىيىنكى قىلىقلىرى بولماقتا .نۆۋەتتە ،ھېلقى پۇلى ،ئورنى ،تەسىرى باردەك كۆرۈنگەن ۋە بىز ئاپىرىن ئوقىماقچى بولغان كىشىلەر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھەسەتلەر بەسلىشىشلەر نەتىجىسىدە ئەقىلگە مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى زور دەرىجىدە قىسقارتىپ قىلسىمۇ –قىلمىسىمۇ بولىدىغان لېكىن قىلسا ھەممە ئادەم خەۋەر تېپىپ ئۇلارنىمۇ ئوتقا سالىدىغان ،ئاممىنىڭ نەزىردىكى «ئابروي»غا ئېرىشىدىغان ئىشلار ئەۋىج ئالماقتا.ھەشەمەت ھەيۋەت قوغلىشىش كىشىلەردە شۇ قەدەر يىلتىز تارتىپ كېتىپتۇكى ،بۇنى مۇۋاپىق ئەھۋالغا يارىشا قىلايلى دىگۈچىلەرنى ئاياللىرىمىز ،ئەرلىرىمىز كانىيىدىن بوغۇپ ،بۇغدىيىكىنى« سۈننەت» قىلىۋەتتۇق . ھازىر ساختا مال ،ساختا ئادەم ساختا ئادەتلەر......... بەكلا كۆپىيىپ كېتىپ ،ئەرزان ،ئازادە ،پاكىز مەدەنىيىتىمىز تارىختا پەقەت تويۇپ باقمىغانلار سورۇنىغا ئايلىنىپ قالاي دەۋاتىدۇ.ئاجايىپ گۇڭگا چىراقلار ،جاز مۇزىكىلىرى ۋە ئەتىرگۈل تۇتىۋالغان ئىسپىرىتلىق خەنجەرلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھازىرقى ئولتۇرۇش ،نەزىر ۋە زىياپەتلەرنى تارىختىكى ئاپپاق غوجام مازىرىدىكى داش قاينىتىشتىن پەرىقلەندۈرگىلى بولمايدۇ.ئەڭ ئاخىردا تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ،ئەنە شۇنداق سورۇنلارنىڭ قۇلى بولۇپ كۈن ئۆتكۈزۋاتقان بەزى بىر قىسىم ئاتا –ئانىلار چاي قاينىمىغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ ،بالىلار تەربىيسى ۋە ھاكازىلارنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.-دە ئاقىۋەتتە قارايدىغان بولساق ،جەمىيەتتە 15-20ياشلىق ئۆسمۈر- ياشلاردا «قىلالمىسام ،تونۇمىسام ،بىلمىسەم »دەپ ،بىرەر ئىشنى بىجىرىشكە بۇيرىسا ئەپلەشتۈرۈپ كېلەلمەيدىغان ئىللەت خېلىلا ئېغىر.مانا بۇلارمۇ ئاخىرقى ھېساپتا ئاشۇ پەرزەنىتلەرنى ئاQ نىڭ نەچچىنجى ئەۋلات نەۋرىسى قىلىۋاتىدۇ ،خالاس.
قىسقىسى بىزدە كۈچلۈك ئىرادە ،ئىگىلمەس سۇنماس قەيسەر روھ ،يۇقىرى پەن –مەدەنىيەت ساپاسى بولىدىكەن ،بىزدىكى ئاQ چىلىق ئىدىيىسىنىڭ ئورناپ كەتكەن مۇقەددەس مىراسلىرىنى ئۆز قولىمىز بىلەن تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاپ ،ھەرقانداق ئاQ چىلىق ئىدىيىسىگە ئوچۇق –ئاشكارە جەڭ ئېلان قىلالايمىز. 21-ئەسىردىكى ئاQ لار ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ،جاھان تەرەققى قىلماقتا ،كونا سىرلار يېشىلىپ يېڭى سىرلار تۈگۈلمەكتە .ئادەتتىكى ئىشلار كارامەتكە ئايلىنىپ ،ئاجايىپ ۋەقەلەر ئاددىيلاشماقتا .بۇلارنى پەرىقلەندۈرۈش ۋە ماھىيىتىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن ئۈگىنىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ ،ئىدىيەڭلارنى ،تەپەككۇرۇڭلارنى ئەلالاشتۇرۇشۇڭلار لازىم.
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 5 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 5 باھا خاتىرىسى
|