پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2319 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 199|ئىنكاس: 7

تۇرمۇشتىكى يەتتە 3مىنۇت[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 6Rank: 6

يوقلىما
69
قىزغىنلىق
675 سەر
تىللا
63 دانە
تۆھپە
324 سەر
شۆھرەت
368 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 02:34:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماتىرىيالنىڭ ساغلاملىقنى ئاسراشتىكى قىممىتى يۇقىرىكەن . بايقاش تورىدا بارمۇ -يوق ، ئۇقمىدىم . پايدىسى بوپ قالار دىگەن ئۈمتتە مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.






تۇرمۇشتىكى يەتتە ئۈچ مىنۇت

ئاپتور:  يوللانغان ۋاقىت: 2012-08-15 17:27
1.چىشنى ئۈچ مىنۇت چوتكىلاش
كورېيە چىششۇناسلىق ساھەسىدىكىلەر ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن كۆپ چىش چوتكىلاش، تاماق يەپ بولۇپ ئۈچ مىنۇت ئىچىدە چىش چوتكىلاش، ھەر قېتىملىق چىش چوتكىلاش ۋاقتى ئۈچ مىنۇتتىن ئارتۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارايدۇ، «ھەممىگە تەڭ ئېتىبار بېرىش»بولسا چىش چوتكىلاشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، چىشنىڭ ئىچى، سىرتى ۋە بىر-بىرىگە جىپسىلاشقان تەرەپ قاتارلىق ھەممە تەرەپلەرنى كۆزدە تۇتۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھېسابلاپ كەلسەك، تەخمىنەن 80دىن ئارتۇق چىش يۈزىنى تازىلاشقا موھتاج، بۇ خىزمەت مىقدارى ئازمۇ ئەمەس. بىر چىش چوتكىسى بىرلا ۋاقىتتا پەقەت ئىككىدىن ئۈچكىچە چىشنى چوتكىلىيالايدۇ، شۇڭا ھەر قېتىم چىش چوتكىلىغاندا چوقۇم ئۈچ مىنۇتچە چوتكىلىغاندىلا ئاندىن چىشنىڭ ساغلام، پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
2.قاينىغان سۇنى ئۈچ مىنۇت قاينىتىش
خىلورىدلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنغان تۇرۇبا سۈيىنىڭ تەركىبىدىكى خلور ۋە سۇدا قېلىپ قالغان ئورگانىك ماددىلار بىرىككەندىن كېيىن گالوگېنلاشقان گىدرو كاربون، تىرىخلورو مېتان قاتارلىق ماددىلار پەيدا بولىدۇ، بۇلار راك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەجىربىدىن ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ خىل ماددىلارنىڭ تەركىبى سۇ تېمپۇراتۇرسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سۇنىڭ قايناش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، سۇ قاينىغاندىن كېيىن يەنە ئۈچ مىنۇت قايناتقاندا، سۇنىڭ تەركىبى بىخەتەر ئىستېمال قىلىش ئۆلچىمىگە يېتىدۇ-دە، ھەقىقىي «قايناق سۇ»غا ئايلىنىدۇ.
3.ئىسسىق-سوغۇقنىڭ ۋاقىت پەرقى ئۈچ مىنۇت بولۇش
قىزىق قورۇمىلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، قان تومۇرلار كېڭىيىدۇ، ئەگەر كۆپ مىقداردا مۇزلىتىلغان سۇنى ئىچكەندە، قان تومۇرلار دەرھال تارىيىپ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ-دە، باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئاشقازىنى ئاغرىش، قورساق كۆپۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەڭ ياخشىسى تېمپىراتۇرا پەرقى چوڭ بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم. ئەگەر قىزىق تاماقلارنى يەپ، سوغۇق ئىچىملىكلەر ئارقىلىق ئۇسسۇزلىقنى باسىمىز دەيدىكەنمىز، چوقۇم ئىككىسىنىڭ ۋاقىت پەرقى ئۈچ مىنۇتتىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك، شۇنداقلا ئاشقازانغا بولغان غىدىقلاشنى يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ.
4.چاينى ئۈچ مىنۇت دەملەش
مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: چاي دەملىگەن چاغدا ئەڭ ياخشىسى چاينى ئالدى بىلەن ئۈچ مىنۇت دەملەش، ئاندىن كېيىن چاي سۈيىنى تۆكۈۋېتىپ، قايتا ئۈچ مىنۇت تۇرغۇزۇپ دەملەش كېرەك. تېمپۇراتۇرىسى 70سېلسىيە گىرادۇس بىلەن 80سېلسىيە گىرادۇس ئارلىقىدا دەملەنگەن چاينىڭ رەڭگى، پۇرىقى، تەمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ. دەملىنىش ۋاقىتى ئۈچ مىنۇت بولغان چايدا كۇففېئىن سىرغىپ چىقىرىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق دەملەنگەن چاي كىشىنى تېتىكلەشتۈرىدۇ.
5.كۆز دورىسىنى تېمىتىپ بولغاندىن كېيىن، كۆز قۇيرۇقىنى ئۈچ مىنۇت بېسىپ تۇرۇش.
كۆز دورىسىنى تېمىتىشنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇلى: ئولتۇرۇپ ياكى ئوڭدىسىغا يېتىپ، باشنى بىر ئاز ئارقىغا قىلىپ، كۆز قارىچۇقىنى ئۈستىگە قارىتىش، ئاندىن سول بىگىز بارماق ۋە ئوتتۇرا بارما بىلەن كۆز قاپىقىنى ئاستا ئۈستىگە قايرىپ، ئاندىن ئوڭ قولدا دورا سۇيۇقلىقىنى كۆزگە ئىككى-ئۈچ تېمىم تېمىتىپ، قاپاقنى ئاستا ئۈستىگە كۆتۈرۈش لازىم. بۇنداق بولغاندا، دورا سۇيۇقلىقى بىرىكتۈرگۈچ پەردىگە تەكشى تارقىلىدۇ. دورىنى تېمىتىپ بولغاندىن كېيىن، كۆزنى ئاستا يۇمۇپ، بىگىز بارماق بىلەن ئىچكى كۆز قۇيرۇقىنى ئۈچ مىنۇت بېسىپ بەرگەندە، دورا سۇيۇقلىقىنىڭ بۇرۇن-ياش قانىلىغا كىرىپ، بۇرۇن شىللىق پەردە ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ قانغا كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە دورا سۇيۇقلىقىنىڭ كۆز ئالمىسىدا ئۇزاق تۇرۇپ، دورىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىشىگە پايدىلىق.
6.ھاجەتكە ئولتۇرۇش ئۈچ مىنۇتتىن ئاشماسلىق
نۇرغۇن كىشىلەر ھاجەتخانىدا ھاجەت قىلغاچ كىتاب كۆرۈشكە ئامراق، ھەتتا يەنە تېخى بەزى كىشىلەر ئۆينى بېزىگەن چاغدا، ھاجەتخانىسىغا ئالايىتەن كىتاب جازىسى، گېزىت جازىسى دېگەندەكلەرنى ئورنىتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئېيتۇدىكى، ھاجەت قىلغان چاغدا ھەر بىر كىۋادرات سانتېمىتىر ئۈچەي يولى ئون كىلوگىرامغىچە بولغان بېسىم كۈچىگە بەرداشلىق بېرىدۇ. ھاجەت قىلىۋاتقاندا كىتاب كۆرۈش ياكى تاماكا چېكىش ھاجەت قىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، ئەگەر داۋاملىق مۇشۇنداق بولىۋېرىدىغان بولسا، ئۈچەي شىللىق پەردە ساڭگىلاپ كېتىپ، ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، گېمروي كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، ھاجەتكە ئولتۇرۇش ۋاقتىنى ئەڭ ياخشىسى ئۈچ مىنۇت ئىچىدە كونتىرول قىلىش لازىم.
7. ھەرىكەت قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۈچ مىنۇت دەم ئېلىش
نۇرغۇن كىشىلەر ھەرىكەت قىلغان چاغدا، ھاسىراپ دەم ئالالماسلىقتەك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بۇنداق چاغدا بىر ئاز دەم ئېلىۋېلىش لازىم. ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئۈچ مىنۇتلا ئارام ئېلىۋالغاندا، مۇسكۇللارنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تولۇقلاپ، يەنە بىر تەنھەركەتكە ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى    تەھرىر: پەرھات ئەزىز

ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1491 سەر
تىللا
294 دانە
تۆھپە
1005 سەر
شۆھرەت
1149 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:43:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان ساغلاملىق بىلىملىرى ئىكەن. كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەرىكەت ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرساق بولغۇدەك، رەھمەت سىزگە
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 1

قىزغىنلىق
25 سەر
تىللا
3 دانە
تۆھپە
15 سەر
شۆھرەت
15 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:34:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە مەن بۇنۇڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈنۋالدىم ھەممىسى دىگدەك مەن دىققەت قىلمىغان ئىشلار ئىكەن . مۇشۇنداق تەربىيۋى ئەھمىتى زور تىمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
171 سەر
تىللا
97 دانە
تۆھپە
133 سەر
شۆھرەت
165 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:47:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھاجەتتە ئۇزقراق ئولتۇرۇپ قالاتتىم! ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى ئەسلى مۇشۇكەندە! بۇنىڭدىن كېيىن راسا دېققەت قىلاي! تېما ئىگىسىگە رەھمەت!
ئەسسالام بۇردەرلەر! ماڭا 6- يىللىق ئۇچۇر- تېخنىكا دەرس تەييارلىقى بەك لازىم.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 13:30:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن. مىنڭ چىش چوتىكىلاش ۋاقتىم ئاران بىر مىنۇت ئىدى ئەمدى ئۈچ مىنۇت چوتكىلىسام بولغىدەك

باھا سۆز

ZAMRAN ياخشى تىما يوللاپسەن رەھمەت!  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 02:13:12

Rank: 1

قىزغىنلىق
144 سەر
تىللا
20 دانە
تۆھپە
106 سەر
شۆھرەت
115 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 02:14:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىش ئاسىراشتا ھەممە ئادەم دىققەت قىلسا بولغۇدەك تىما ئىكەنغۇ!

Rank: 4

قىزغىنلىق
447 سەر
تىللا
61 دانە
تۆھپە
181 سەر
شۆھرەت
209 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-25 16:00:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇشنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم ئىشلاركەن، مەنمۇ دىققەت قىلسام بولغىدەك.

Rank: 3Rank: 3

قىزغىنلىق
125 سەر
تىللا
10 دانە
تۆھپە
73 سەر
شۆھرەت
77 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 13:51:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بولغان ساغلاملىق بىلىملىرى ئىكەن. كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھەرىكەت ئادىتىمىزگە ئايلاندۇرساق بولغۇدەك، رەھمەت سىزگە
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园


يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-14 19:22, Processed in 0.152809 second(s), 35 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش