پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 85|ئىنكاس: 2

2012--2013ئۇقۇش يىلى يىللىق پارتىيە قۇرلىشى خىزمىتى ۋە پارتىيگە[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
198
قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 00:25:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باشلانغۇچ  مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسىنىڭ   2012--2013ئۇقۇش يىلى يىللىق پارتىيە قۇرلىشى خىزمىتى  ۋە پارتىيگە       ئەزا  تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى  پىلانى

ئۇمۇمى ئەھۋال:
يېزىمىز ناھىيە مەركىزىدىن 56 كىلومىتىر يىراقلىقا جايلاشقان چەت يىراق يىزىلارنىڭ بىر، يېزىمىزنىڭ ئۇمۇمى نۇپۇسى      نەپەر بۇلۇپ ، ئۇقۇش يىشىدىكى ئۆسمۈر بالىلار       نەپەر،       نى ئىگىللەيدۇ، مەكتەپتىكى ئۇمۇمى ئۇقۇغۇچى   1382نەپەر بۇلۇپ قىز ئۇقۇغۇچى        نەپەر ، ئۇمۇمى پىئونىر        نەپەر . يېزىمىزدا يەتتە تارماق مەكتەپ  1   ئۇقۇتۇش نوقتىسى بار ، ئۇمۇمى ئۇقۇتقۇچى ئىشچى-خىزمەتچى  ئىشتات      نەپەر، ئالاھىيدا ئىشتات    نەپەر ، ئۇقۇشتىن ئاۋالقى تەييارلىق سىنىپ ئۇقۇتقۇچىسى   بۇلۇپ جەمئى ئۇقۇتقۇچى     سانى    . ئايال    ، رەھبەرلەرنىڭ تەستىقى ئارقىلىق ئارىيەتە باشقا يەرلەردە ئىشلەۋاتقانلار       نەپەر ئىغىر كىسەل     نەپەر، خىزمەتتىن ئايرىلىپ بىلىم ئاشۇرۇۋاتقانلار        نەپەر، سىنىپ     . پارتىيە ئەزاسى  22 نەپەر ، ئايال پارتىيە ئەزاسى  2   نەپەر،باشقا ئۇرۇندىن كەلگەن پارتىيە ئەزاسى1 جەمئى پارتىيە ئەزاسى 23 نەپەر دەم ئىلىشقا چىقان پارتىيە ئەزاسى   7  نەپەر بۇنىڭ ئىچىدىن ئايال پارتىيە ئەزاسى         نەپەر. ياچىيكىدا      ھەيئەت بار.
مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى بۇ ماۋسۇمدا يۇقىرى دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆججىتىنىڭ رۇھى ۋە پارتىينىڭ تۈرلۈك لۇشىيەن، فاڭجىن، سىياسەتلىرىنىڭ روھىنى يىتەكچى قىلىپ  تۆۋەندىكىدەك بىرقاتار خىزمەتلەر ياخشى ئىشلەيمىز.
پىلاننىڭ يىتەكچى ئىدىيسى:  " 12-بەش يىللق" پىلاننىڭ ئىككىنجى يىلى، شۇنداقلا ناھىيلىك مائارىپ خىزمەت يىغىننىڭ روھىنى ئەمىللىيلەشتۈردىغان "3كە ۋەكىللىك قىلىش" مۇھىم ئىدىيسىنى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ فاڭجىننى ئوموميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ،مائارىپ ئىسلاھاتى،يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنى يولغا قۇيۇش قەدىمىنى تىزلىتىپ " ئىككى ئاساسەن" نى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى، بەنزە قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ،مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بىز بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدا يۇقىرنىڭ "ئىككى ئاساسەن" نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تۇغۇرسىدىكى مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش نىسبىتى، مەكتەپكە كىلىش نىسبىتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە تۆۋەندىكى بىر قاتار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز.
1.پارتىيە قۇرۇلىشى جەھەتتە:
1).پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىلغارلىقىنى ساقلاش داۋامىدا قولغا كەلتۈرۇلگەن نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ يىتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىپ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولوق جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىمىز.
2). پاتىيە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئۈچ يىغىن بىر دەرىس تۈزىمىنى ھەقىقى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ مەكتىۋىمىز ئىچىدىكى ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە تىگىشلىك مەسىللەرنى پارتىيە ئەزالىرى چوڭ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىپ ساقلانغان مەسىللەر ئۈستىدە مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ مەسىللەرنى ئەمىلى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىمىز.
3). مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى رەھبەرلىكدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۈزىمىدە چىڭ تۇرۇپ ياچىكا بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىپ ھەر ساھە خىزمەتلەرنى بىجاندىل توغرا ئىشلەشكە ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىىمىز.
4).مەكتەپ ئىچىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار مەسىللەرگە نىسبەتەن مەكتەپ مەمۇريىتى قارار قىلىپ مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسىغا يوللاش مەكتەپ پارتىيە ياچىكسىدىكى ھەيئەتلەر مەمۇرىيەتنىڭ قارارىنى قايتا كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن ياچىكىنىڭ قارارىدىن ئۆتكۈزۈش جەھەتلەردە ياچىكىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تۇلۇق جارى قىلىدۇرىمىز.
5). ئايدا بىر قىتىم پارتىيە ئەزالىرىغا مەخسۇس تىمىدا پارتىيە دەرىسى ئۆتۈشكە ئەھىيەت بىرىپ پارتىيە ئەزالىرى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىچىدە دىنغا ئىشىندىغان، دىننى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىىندىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.
6). مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى مەكتىۋىمىزنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تارماق مەكتەپلەردە ھەپتىدە ئىككى قىتىم ئىككى سائەت يەنى دۈشەنبە، چارشەنبە كۈنلىرى 6 سائەت دەرىستىن كىيىن سىياسى ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەيمىز. مەمۇرىيەت ئەزالىرىغا نىسبەتەن سىياسى ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەش، ئۈگەنگەن مەزمۇنلاردىن تەسىرات يىزىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسى ئاڭ سەۋىيسى ھەسىلەپ ئاشۇرىمىز.
7). ياچىكا ھەيئەتلىرى يىغىننىڭ رولىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ مەكتەپ ئىچىدىكى چوڭ-چوڭ مەسىللەرنى بىكىتىشتە ئاممىنىڭ، مۇناسىۋەتلىك كىشلەرنىڭ پىكىر- تەلەپلىرىنى ئاڭلاپ قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق قارار قىلىپ ساقلانغان مەسىللەرگە نىسبەتەن ۋاقتىدا تەدبىر بەلگىلەپ مەسىللەرنى بىخ ھالتىدە ھەل قىلىمىز.
8). مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى مەكتەپ ئىچىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىگە ياخشى يىتەكچىلىك قىلىپ ئاياللار خىزمىتى، پىئونىرلار خىزمىتى، ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش، ئەخلاقى تەربىيە، ئوقۇ-ئوقۇتۇش، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلايمىز.
9). دىمكۇراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزىمىنى ھەقىقى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ ئازچىلىق، كۆپچىلىككە بوي سۇنۇش پىرىنسىپى بويىچە خىزمەت ئېلىپ بىرىپ بەنزىنىڭ ئىتتىپاق بۇلۇش، ئىلمى ئاساستا قارار قىلىش، قارارنىڭ راۋان بۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
10).ياچىكىنىڭ دىمگۇراتىك تۇرمۇش يىغننى ۋاقتى قاراردا ئىچىپ خىزمەت داۋامىدا ساقلانغان مەسىللەرنى تەنقىد قىلىش، ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئاساسىدا باربولسا تۈزىتىش،يوق بولسا ساقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
11).پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دىمگۇراتىك باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ پارتىيە ئەزالىرى بىلەن يىل بىشىدا تۈزگەن مەسئۇليەتنامىنىڭ تەلىۋى بويىچەماۋسۇم ئاخىردا ھەربىر پارتىيە ئەزاسىغا ئەستايىدىل باھا بىرىمىز.
12).ارتىيە ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئىلكتۇرۇنلۇق تەربىيلەش خىزمىتىگە ياخشى يىتەكچىلىك قىلىپ ئايدا ئىككى قىتىم پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلكتىرۇنلۇق تەربىيلەشكە قاتناشتۇرىمىز، پارتىيە ئەزالىرى فىلىمدىن تەسىرات سۆزلەش ئۆزئىدىيسىگە تەتبىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.
13). پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلىشى جەھەتتە: پارتىيە قۇرۇلىشى ۋە پاكلىق قۇرۇلىشىغا ئائىت ماتىرياللارنى ۋە ھۆججەتلەرنى ئەستايىدىل ئۈگىنىپ 8دە چىڭ تۇرۇش  8 گە قارىشى تۇرۇشنىڭ تەلىۋى بويىچە خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ  ياخشى ئىشلەيمىز.
14).چوڭ ئىشلارنى ۋە مەكتەپ مالىيسىنى ئاشكارلاش، ھۆججەتلەرنى نازارەت قىلىپ تەستىقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ پاك، ئىنتىزامچان بۇلۇشنى ھەقىقى تۈدە قولغا كەلتۈرىمىز.
15). ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلاردىن ئاساسسز قالايمىقان پۇل تۇتۇشنى، ئىئانە يىغىشنى قەتئى چەكلەپ، ئوقۇتقۇچى ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەئەتىنى ھەقىقى تۈردە قوغداپ، مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىمىز.
16).مەكتەپلەردە 24 سائەتلىك نۆۋەتچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ مەسئۇليەتنى بىكىتىپ خىزمەتلەرنى ۋاقتى قاراردا تەكشۈرۈپ ساقلانغان مەسىللەرنى ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىمىز.
17).ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا مەكتەپ مەسئۇلنىڭ يىتەكچىلىكدە ئايدا بىر قىتىم ئاتئىزىم تەربىيسى، قانۇن-تۈزۈم تەربىيسى،دىنغا ئىشەنمەسلىك، دىننى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەيمىز.
18) پرتىيگە يىڭىدىن ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ . بۇ يىل ئىچىدە 2 نەپەر كۈزۈتۈش ئوبىكتىنى  يىل ئاخىردا پارتىيگە تەرەققى قىلدۇرۇپ  پارتىيە ئەزالىرى قۇشۇنىن كۈچەيتىمىز .
19)مەكتەپلەردە قار دوسكا  تەشۋىقات خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىمىز . 15 كۈندە بىر قېتىم يىڭىلاپ تۇرىمىز .
20) پارتىيە ئازالىرىنى ئىلىكتىرونلۇق تەربىيلەش خىزمىتىنى ھەقىيقى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز .
2. ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتە:
مەكتەپ پارتىيە ياچىكىسى رەھبەرلكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بۇلۇش تۈزىمىنى ھەقىقى ئەمىلىيلەشتۈرۈپ بەنزىدىكى خادىملار ۋە ئىشخانىلارنىڭ رولنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ ئوقۇتۇشنىڭ دائىملىق قائىدىلىرى بويىچە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىلىپ بارىمىز.
1)مەكتەپنىڭ تەشكىلى تۈزۈمىنى مۇكەممەل تۇرغۇزۇپ، ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز. رۇخسەت بىرىش، تەستىقلاش، تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىش نىسبىتنى %99 كە يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
2)ياش ھەم يىڭىدىن خىزمەتكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەشكە، يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بىرىمىز. بۇجەھەتتە ھەرقايسى يىللىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى ناھىيە،ۋىلايەت دائىرسىدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتى يۇقىرى مەكتەپلەرگە ئاپىرىپ، دەرىس ئاڭلاشقا تەجىرىبە ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەيمىز.
3)ئوقۇغۇچىلارنى %100 تۇراقلاشتۇرۇشقا مەكتەپكە كىلىش نىسبىتى %98.5 كە يەتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
4)ئۈلگۈلۈك مۇكاپاتلىق ئوچوق دەرىس ئۆتۈش پائالىيتىنى ياخشى تەشكىللەپ، بۇ مەۋسۇم ئىچىدە كەم دىگەندە 4قىتىم ئورۇنلاشتۇرىمىز.
5)مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش تەتقىقات گۇرۇپپىلىرىنى مۇكەممەل قۇرۇپ ئۇلارنىڭ رولىدىن تولوق پايدىلىنىمىز.
6)قوشتىل ئوقۇتۇشىنى داۋاملىق تۈردە كۈچەيتىمىز. بۇ يىل 25 نەپەر ئوقۇغۇچىنى قوش تىل بويىچە ياخشى تەربىيلەپ، مەسئۇلىيەتنى كىشى بىشىغىچە ئەمىلىيلەشتۈرۈپ يىل ئاخىردا شىنجاڭ ئىچىدىكى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 3تىن 5كىچە ئوقۇغۇچى ئۆتكۈزۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
7) 2-دەرىسخانا پائالىيتىنى جانلىق ئېلىپ بارىمىز.
8) تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش، ئارقىدا قالغانلارنى يىتەكلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.
9)ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خەنزۇتىلى سەۋىيەسىنى داۋاملىق يۇقىرى كۆتىرىمىز.بۇجەھەتتە چارشەنبە، پەيشەنبە، 2سائەتتىن جەمئىي 4سائەت، شەنبە 4سائەت جەمئىي 8سائەتلىك ئۈگۈنۈشكە پۇختا تەشكىللەيمىز.
10)ئوقۇتۇش خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇتۇش توغۇرسىدا مەسئۇليەتنامە تۈزۈپ ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە، خىزمەت خۇلاسسىنى ۋاقتىدا ئېچىپ ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، ئارقىدا چىققانلارنى يىتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. بۇئارقىلىق بۇمەۋسۇمدا يىزىمىزنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى %85 دىن ئاشۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
3.سىياسى-ئىدىيۋى، ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتى جەھەتتە:
1).سىياسى-نەزەرىيە ئۈگۈنشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىينىڭ تۈرلۈك فاڭجىن سىياسەتلىرىدىن ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىپ تۇرىمىز.
بۇجەھەتتە مەكتەپلەدە ھەپتىدە 2سائەتلىك يەنى دۈشەنبە،جۈمە كۈنلىرى چۈشتىن كىيىنكى مەشغۇلىيەت ۋاقتىدا سىياسى-نەزەرىيە ئۈگۈنۈشكە تەشكىللەيمىز. خاتىرە قالدۇرۇشقا تەسىرات سۆزلەشكە يىتەكلەيمىز.
2).قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغۇرسىدىكى ھۆججەت، قانۇن، نىزاملارنىڭ روھىنى ياخشى ئەمىلىيلەشتۈرىمىز. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنيەتلىك، ئىنتىزامچان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمىز.
3).ئوقۇغۇچىلارغا ئۆتىلىدىغان ئىدىيە-ئەخلاق دەرىسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئاتىزىم، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيسىنى كۈچەيتىمىز.
4).ھەر ھەپتىنىڭ 3-كۈنى 6-سائەتلىك دەرىس ۋاقتىدا ئېلىپ بىرىلىدىغان پىئونىرلار پائالىيتىنى جانلىق ئېلىپ بىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتلەردىن ئەتىراپلىق تەربىيلەشكە كاپالەتلىك قىلمىز ھەمدە بۇ يىلقى 1-يىللىق  ئوقۇغۇچىلارنىڭ %85 تىن كۆپرەكىنى پىئونىرلىققا قوبۇل قىلىمىز.  
5).ئىتىپاق ياچىكىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار تەشكىلاتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولنى تولۇق جارى قىلدۇرىمىز.
6).ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن داھىيلارنى ھۆرمەتلەش، ئىنقىلاۋى قەھرىمانلاردىن ئۈگۈنۈش پائالىيەتلىرىنى ئەتىراپلىق قانات يايدۇرىمىز.
7).ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسلىك كىتاۋىنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسىللەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈشكە دەرىسلىك كىتاۋىنى رەتلىك پاكىزە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلمىز.
4.ئوموملاشتۇرۇپ تۈزەش بىخەتەرلىك، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى جەھەتلەردە:
1)ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا بولغان قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتىنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
2)دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كەرەشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز.
بۇجەھەتتە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى مەسئۇليەتنى ئىنىق ئايرىپ كۆرۈلگەن مەسىللەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
3)خىزمەت ۋاقتىدا ھاراق ئىچىشكە، جىدەل-ماجرا چىقىرىشقا قەتئى يول قويمايمىز. مەسىلە چىقارغۇچىلارنىڭ سىياسى،ئىختىسادى جەھەتتىن مەسئۇليەتنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز.
4)خەتەرلىك قۇرلۇشلارغا بولغان نازارەتچىلىكنى قاتتىق كۈچەيتىمىز، ئەمىلى تەدبىر قوللىنىمىز. بۇجەھەتتە دىڭكۆل مەكتەپ،يۇمىلاق ئوقۇتۇش نۇقتىسىنىڭ قۇرلۇشلىرىغا ئادەم كىرگۈزمەيمىز، مەسىلە كۆرۈلسە يۇقىرغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىمىز.
5)مەكتەپ ئىچى- سىرتىدىكى كوللىكتىپ پائالىيەتلەرگە تەشكىللىگەندە بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىمىز.قايسى ئورۇندىن، كىمدىن مەسىلە كۆرۈلسە شۇنىڭ مەسئۇليىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز ھەمدە 50يۈەندىن 100يۈەنگىچە مەسئۇليەتسىزلىك ھەققى قۇيىمىز. كۆرۈلگەن زىياننى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
6)ئوت،سۇ، توك، قاتناش، ئوغىرلىق ھادىسلىرىدىن ساقىلنىش توغىرسىدىكى تەربىيەنى كۈچەيتىمىز. مەسىلە سادىر قىلغۇچىلارنى قانۇن ئورۇنلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.
7) 24  سائەتلىك نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇش خىزمىتىنى دائىملىق خىزمەتلەر قاتاردا  چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيمىز.بىر كۈن جىبەرلكتە تۇرمىغۇچىلارغا 50يۈەندىن 100يۈەنگىچە مەسئۇليەتسىزلىك ھەققى قۇيىمىز. خىزمەت باھالاشقا تەسىر قىلدۇرىمىز.
8)بۇ خىزمەت توغىرسىدا مەخسۇس مەسئۇليەتنامە تۈزۈپ ئەمىلىيلەشتۈرىمىز.
4. پىلانلىق تۇغۇت ئاياللار خىزمىتى جەھەتتە:
1)پىلانلىق تۇغۇت قانۇن-نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئۈگۈنۈپ تەشۋىق قىلىپ بۇ خىزمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
2) كۆرسەتكۈچ ئالماي تۇرۇپ ھامىلدار بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. خىلاپلىق قىلغان ئاياللار كۆرۈلسە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىمىز. قانۇنسىز ھامىلدار بولغانلارنىڭ  ھامىلدار بولغان ئايدىن باشلاپ ئىش ھەققىنى توختۇتۇپ ھامىلىنى چۈشۈرۈشكە بۇيرۇيمىز. خىزمەتتىن قالغان ۋاقتىنى سەۋەپسىز ئىشتىن قالغانلار قاتارىدا بىر تەرەپ قىلمىز. تۇغۇت ۋاقتى توشقانلارغا قارىتا تۇغۇت چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشقا يىتەكلەيمىز.
3) ئاياللارنى تاق ئايدا زىيارەت، قوش ئايدا تەكشۈرتۈشكە سەپەرۋەر قىلىمىز. مەسىلە كۆرۈلگەن ھامان تەدبىر قوللىنىمىز.
4) پىلاندىن سىرىت ۋە ئارتۇق پەرزەنت يۈزى كۆرگۈچىلەر بولسا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشغا يوللايمىز. ئىشتىن توختىتىمىز.
5) پىلانلىق تۇغۇت ئاياللار خىزمىتى جەھەتتە مەخسۇس مەسئۇليەتنامە تۈزۈپ ئەمىلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
5.  مەنىۋى مەدىنيەت، تۆتلەشتۈرۈش خىزمىتى جەھەتتە :
1) مەنىۋى- مەدىنيەت ،تۆتلەشتۈرۈش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
2) پاكىزە مۇھىت بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەركىتىنى ھەر ۋاقىت قانات يايدۇرىمىز.
3)ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاكىزە، رەتلىك كىيىنىشىگە، چاچ-ساقاللىرىنى ۋاقتى- ۋاقتىدا ئالدۇرۇپ تۇرۇشقا كاپالەتلىك قلىمىز. مەسىلە سادىر قىلغۇچىلاردىن 50يۈەندىن مەسئۇليەتسىزلىك ھەققى ئالىمىز.
4)باش مەكتەپنىڭ ناھىيە " ناھىيە دەرىجىلىك مەدىنيەتلىك ئورۇن" دىگەن نامىنى ساقلاپ قىلىش بىلەن بىرگە" ۋىلايەت دەرىجىلىك مەدىنيەتلىك ئورۇن" بۇلۇپ باھالىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
شاختاشلام، لەمپە، ھاجىغىل قاتارلىق مەكتەپلەرنىڭ" ناھىيە دەرىجىلىك مەدىنيەتلىك ئورۇن" بۇلۇپ باھالىنىشىغا شارائىت ھازىرلايمىز.
5)بۇ ئوقۇش يىلدا جەگە،بوستاڭ مەكتەپنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇش  قۇرلۇشىنى ئىشلەپ پۈتكۈزۈشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيمىز.
6)ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلارنى مەدىنيەتلىك، ئەدەپلىك بۇلۇشقا سۆز ھەركەتكە دىققەت قىلىشقا يىتەكلەيمىز.
6.  يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش خىزمىتى جەھەتتە:
1) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى رەتلىك، پاكىزە ساقلاپ نۇرمالنى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
2) يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇشقا تارقىتىلغان دەرىسلىك ماتىرياللىرىنى كۆچۈرۈپ كۆپەيتىپ ئوقۇتۇشقا پايدىلنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
3) يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقى تۈردە كۈچەيتىمىز.
4) يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ئۆيى، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش سىنىپلىرىنىڭ مۇھىت تازلىقىغا ئاڭلىق رىئايە قىلىمىز.
5) خادىملارنى قەرەلىك ھالدا تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىمىز. مەخسۇس تەربىيلەنگەن لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئالغانلارنى مەخسۇس يىراق مۇساپىلق ئوقۇتۇشقا مەسئۇل قىلىمىز. خالىغانچە ئالماشتۇرمايمىز.
6) ئۈسكۈنىلەرنى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلەتمەيمىز. مەسىلە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ مەسئۇليىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىمىز.
7) ئۈسكۈنىلەرنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىمىز. ئەگەر پەۋقۇلادە ئەھۋال ئاستىدا بۇزۇلسا يۇقۇرغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ رىمۇنىتلاپ ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
7. باشقا خىزمەتلەر جەھەتتە:
1.مەكتەپلەرنىڭ كۆكەرتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.ئورمان سىلىشقا تىگىشلىك يەرلەرگە چوقوم ئورمان سالىمىز.مىۋىلىك كۆچەتلەرنى يەتكۈزىمىز. گۈل-گىياھ يەتكۈزىمىز. ھەربىر ئىشخانىدا 10تەشتەكتىن ھەربىر ئوقۇغۇچىدا بىر تەشتەكتىن گۈل بۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
2.مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرىمىز، كەم ئەسلەھەلەرنى تۇلۇقلاپ بىرىمىز.
3.مەكتەپ يەرلىرىنى ئوبدان باشقۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەپ مەكتەپلەر شارائىتىنى ياخشىلايمىز.
4.ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارغا قالايمىقان سېلىق سالمايمىز.
5.مەكتەپ ھىساۋات ئىشلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ ھەرئايلىق ھىساۋات ئىشلىرىنى ئاشكارلايمىز. يىل ئاخىردا مەكتەپلەرنىڭ ھىساۋاتىنى ئالىمىز.
6.ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قەرەلىك تەكشۈرۈپ يىتەكچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە مەسئۇليەتنامىدىكى تەلەپلەر بويىچە مەۋسۇم ئاخىردا خۇلاسە چىقىرىمىز.
7. ئىمتاھان ئېلىش ئىشلىرىنى مائارىپ ئىدارىسى بەلگىلىگەن كۈن  تەرتىپ بويىچە ئالىمىز. خۇلاسىلەپ مائارىپ ئىدارىسىغا يوللايمىز.
8.مەكتەپلەرنىڭ ھەر خىل مال-مۈلۈكلىرىنى، ئۇقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنى، تەنتەربىيە، گۈزەل-سەنئەت ، ساقلىقنى ساقلاش سايمانلىرىنى، ياخشى باشقۇرۇپ بۇزۇلۇپ كىتىشنىڭ ئوغرىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز، بۇ جەھەتتە قايسى مەكتەپتە مەسىلە كۈرۈلسە باشقۇرۇغۇچى خادىمدىن باھاسى بۇيىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-11 00:27  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3936 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2357 سەر
شۆھرەت
2469 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 01:07:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىلاننى ياخشى تۈزۈپسىز .
مەكتىۋىڭىزدە «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتى ئىشلەنمەيدىغان ئوخشىمامدۇ؟؟
رەھمەت مەكتەپلەردە مەۋسۈم بېشىدىلا تۈزىمىسە بولمايدىغان ئەڭ چوڭ پىلاندە بۇ . رەھمەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1742 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
771 سەر
شۆھرەت
803 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 08:20:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زەپەر ئەپەندىم بۇ پىلان ياخشى تۈزۈلۇپتۇ.ئەمما پىلانغا« پارتىيە قۇرلىشى خىزمىتى  ۋە پارتىيگە       ئەزا  تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى  پىلانى»دەپ ماۋزۇ قۇيۇپسىز ،مىنىڭچە پارتىيگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئايرىم يېزىڭ،ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ پىلاندا بۇ تۇر تازا ئۆز ئىپادىسىنى تاپمىغان...
قىسقىسى بۇ پىلان مەكتەپنىڭ باش پىلانىكەن....ماۋزۇنى ئۆزگەرتىڭ
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:01, Processed in 0.148717 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش