پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 8

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان...(شېئىر)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
78
قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:00:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان

مەمتىمىن ياسىن

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان،
سۆيۈشەيلى خىلۋەتتە بىر پەس.
چۈشتىكىدەك ئايلىنىپ جاھان،
مەن ئىشقىڭدا بولۇپ كېتەي مەس.

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان،
چاڭقاق لەۋگە بولمىسۇن ئۇۋال.
تېپىپ ۋىسال يۈرەكتە ئارمان،
داۋام ئەتسۇن مەڭگۈگە بۇ ھال.

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان،
لەۋلىرىمگە كەتسۇن يەملىشىپ.
قارچۇغۇمدا ئۆلگەن باياۋان،
كۆزلىرىڭدە تۇرسۇن نەملىشىپ.

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان،
قۇچىقىڭدا ئېرىپ كېتەي مەن.
سىڭىشكەندەك دېڭىزغا مانان،
كۆزلىرىڭگە سىڭىپ كېتەي مەن.

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان،
سەۋدائىمەن  پىراقلىرىڭدا .
پاك ھېسلىرىم  بوپ ساڭا مېھمان،
تۈنىۋالسۇن زىناقلىرىڭدا.

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان،
نەپەسلىرىم قالمىسۇن توختاپ.
سەن لېۋىڭنى قاچۇرساڭ قاچان،
مەن مۇردىغا قالىمەن ئوخشاپ.

لەۋلىرىڭنى ئەپقاچما جانان،
ۋۇجۇدۇمنى باسمىسۇن ھەسرەت.
مەڭگۈ سۆيۈش مەندىكى ئارمان،
سۆيۈپ ئۆتەي سېنىلا ئەبەت

مەنبە  : ئۆز قەلەم

ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:14:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نونى ئەپەندىم . مەن سۇراي  ئىسمىڭىز مەمىتىمىن  ياسىنمۇ قانداق . ياخشى شىئېركەن . بىراق مەنبەسىنى  ئىنىقراق يېزىڭ .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:14:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 23:15  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:19:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ، ئىسمىم مەمتىمىن ياسىن.مەن شېئىرنىڭ ئاستىغا  « مەنبە : ئۆز قەلەم »  دىگەن خەتنى قىستۇرغان ئىدىم.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3941 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2362 سەر
شۆھرەت
2474 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:55:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىرىدىن شائىرنىڭ سۆيگۈسىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ .رەھمەت

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 02:33:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن، بۇ شېئىرىڭ بۇرۇن يازغان شېئىرىڭ بولسا باشقا گېپىم يوق. ئەمما ، يېڭى يازغان شېئىرىڭ بولسا، ساڭا بىر قامچا سالمىسام ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىشقا پەقەتلا ئامالىم يوق!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 02:45:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسەن ، بۇ مېنىڭ 1988 -يىلى يازغان شېئىرىم ئىدى . كونا ماتىرىياللارنى ئاختۇرىۋېتىپ قولۇمغا چىقىپ قالدى.ھالا بۈگۈنگە كەگەندە 24 ياشقا كىرگەن بۇ شېئىرىمنى ئۆتمۈشكە شاھىت بولۇپ قالسۇن،دەپ ھېچقانداق تۈزىتىش كىرگۈزمەي ئەينەن يوللاپ قويدۇم.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 03:21:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر  تەكلىۋىم :ئوۋچى (مۇتەللىپ ماڭسۇر)نى مۇشۇ مۇنبىرىمىزنىڭ  دائىملىق ئەزاسى قىلىۋالساق ، مۇنبەرنىڭ تەرەقىياتى تېخىمۇ ئالغا سىلجىغان بولاتتى .
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
907 سەر
تىللا
198 دانە
تۆھپە
446 سەر
شۆھرەت
533 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 10:15:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرادەر، مۇھەببەت لىرىكىللىرىڭ كۆڭۈللەرنى لەرزىگە سالدى...سۆيگۈ چۇقانلىرى تەنلىرىمنى ئورىۋالدى....مۇھەببەت بىلەن يورۇيدۇ ئالەم،      مۇھەببەتتىن زىمىندا بولمايدۇ ماتەم......

مەمتىمىن ئپەندىم، ئاڭلىسام ئىجادىيەتلىرىڭ بۇرۇنلا باشلانغان ئىكەن ئايىماي مۇنبەرگە يوللىغىن.......
ئىجادىي تەپەككۇرلىرىڭ ھارمىغاي.....

سەن دىگەندەك ئوۋچىنى مۇشۇ مۇنبەرگە قوشساق بولىتى، مەن ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىلاي....
سەنمۇ ئالاقىلىشىپ باق.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:51, Processed in 0.167676 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش