پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 145|ئىنكاس: 5

ئۈچ چىۋىننىڭ سۆھبىتى (ئالامەت يۇمۇر، ئۈچىيىڭىز ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ)[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
988 سەر
تىللا
78 دانە
تۆھپە
506 سەر
شۆھرەت
553 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزاتۆھپىكار باشقۇرغۇچىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 19:56:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن خوتەنلىك، قەشقەرلىك، ئاتۇشلۇق ئۈچ چىۋىن بىر يەرگە جەم بولۇپ قاپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەنلىك چىۋىن ئەڭ سىمىز، قەشقەرلىك چىۋىن سەل ئورۇقراق، ئاتۇشلۇق چىۋىن ئەڭ ئورۇق ئىكەن. قەشقەرلىك چىۋىن بىلەن ئاتۇشلۇق چىۋىن خوتەنلىك سىمىز چىۋىنگە ھەۋەس قىلىپ سوراپتۇ:
- ئاداش، سەن نىمانچە سىمىز؟
- مەن،- دەپتۇ خوتەنلىك چىۋىن بۇرۇتىنى بىر تولغىۋېتىپ،- مەن خوتەندە ئادەملەرنىڭ تامىقىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى قاچىدىكى تاماق بىلەن تۆكۈۋېتىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قەشقەرلىك چىۋىن بىلەن ئاتۇشلۇق چىۋىن شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، «توۋا» دېيىشىپ قاپتۇ. ھەمدە قەشقەرلىك چىۋىن ئۆزلۈكىدىنلا گەپ باشلاپتۇ:
سىلەرگە دېسەم، بىزنىڭ قەشقەردە مەن ئادەملەرنىڭ تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى قوشۇقتا ئېلىپلا تاشلىۋېتىدۇ، كۈنلىرىم تازا باياشات ئەمەس...
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاتۇشلۇق چىۋىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا تۆكۈلۈپتۇ:
- سىلەر مېنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئورۇق ئىكەنلىكىمنى بىلمەيسىلەر، مەن ئەگەر ئاتۇشتا ئادەملەرنىڭ تاماق قاچىسىغا چۈشۈپ قالسام، ئۇلار مېنى شۈمۈپ تاشلىۋېتىدۇ...

مەنبە: كوچا پاراڭلىرى
ئۇقۇتقۇچى،ئۇستازلار -بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن.

Rank: 1

قىزغىنلىق
79 سەر
تىللا
8 دانە
تۆھپە
39 سەر
شۆھرەت
44 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 20:11:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتىمۇ بىز خوتەنلىكلەر بەك ئىسراپخور. بولۇپمۇ ئاش تاماققا كەلگەندە بەك ئىسراپ قىلىمىز. يەپ بولالماي ئېشىپ قالغان تاماقلارنى شۇ يەردىلا قويۇپ چىقىپ كېتىمىز. باشقا يەرلەردە بولسا ئاساسەن ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 21:41:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يۇمۇركەن . رەخمەت سىزگە . شۇ خۇتەندە تاماق ئىسسىراپچىلىقى ئىنتايىن ئېغىر دەيمەن.
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 1

قىزغىنلىق
60 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
32 سەر
شۆھرەت
40 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:40:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق. ھەقىقەتەن ياخشى يۇمۇركەن

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 00:57:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يۇمۇردىن خوتەنلىك بۇرادەرلەرنىڭ قولى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ، ئاتۇشلۇقلارنىڭ تېجەشلىك ئىكەنلىكىنى ، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
174 سەر
تىللا
97 دانە
تۆھپە
134 سەر
شۆھرەت
166 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 11:57:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يومۇر- كىشى قەلبىنى شادلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئادەمنى تەربىيىلەشتىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىسراپخورلۇق- كىشىنى ئادىمىيلىك خاراكتېرىمىزدىن ياتلاشتۇرۇپ، تۆت پۇتلۇقلار مەنىزىلىگە باشلايدۇ. بىزدە ئىسراپخورلۇق ناھايىتى كۆپ ئاددىيسى پۇل، ۋاقىت، ئاش- ناندىن تارتىپ... كاللا (تەپەككۇر) ئىسراپخورلىقىغىچە... شۇڭا ھەربىر كاللا سەگەكلىك بىلەن ئىسراپخورلۇقنىڭ زىيىنىنى ۋاقتىدا بىلىپ يېتىپ، بۇ مەرەز كېسەلدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ چىقىشنىڭ ئامالىنى قىلايلى !!!
ئەسسالام بۇردەرلەر! ماڭا 6- يىللىق ئۇچۇر- تېخنىكا دەرس تەييارلىقى بەك لازىم.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:52, Processed in 0.161776 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش