پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 6

يىگىتلەرنىڭ ئاجايىپ- غارايىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 14:14:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىتلەرنىڭ ئاجايىپ- غارايىپ "غايىلىرى" بولغىنىدەك، قىزلارنىڭمۇ يىگىت تاللاش شەرت- ئۆلچەملىرى بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە قىزلار غايىسىدىكى يىگىتلەرگە ياتلىق بولغاندىن كىيىنمۇ بەرىبىر ۋايساش بىلەن ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۆتىدىكەن.
   پۇلدار يىگىتكە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى: داڭلىق پىكاپ، ھەشەمەتلىك داچا، قىممەت باھالىق كىيىم- كېچەك، ئۈنچە- مەرۋايىت، جاۋاھىراتلارغا كۆمۈلۈپ ياشاش نىمە دىگەن پەيزى-- ھە؟! شۇنىسى يىگىتلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە ئەقلىي ئىقتىدارغا مۇھتاج. پۇلدار يىگىتلەر ئەلۋەتتە سودىگەر بولۇپ، ئەتىدىن كەچكىچە ئالدىراپلا يۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاجايىپ بايلىق بىلەن تولۇپ كەتكەن بولىدۇ، مىنۇت- سىكۇنت ھېساپ- كىتاپ بىلەن ھەپىلەشكىنى ھەپىلەشكەن. ئۇلار ئالدىراشلىق ئىچىدە رەپىقىلىرىنى ئاسانلا ئېسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلار تېلېۋېزورغا، پەردارزخانىغا ياتلىق بولغاندەك تاقەتسىزلىك، زېرىكىشلىك ئىچىدە ياشايدۇ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش چىن مۇھەببەت بىلەن بىرلەشمىسە ھاياتنىڭ نىمە لەززىتى؟
   كېلىشكەن ئەرلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى : كېلىشكەن يىگىتلەر كۆڭلىدە بىرلا قىزنى ياخشى كۆرىمەن دىسىمۇ، يەنە باشقىلار بىلەنمۇ ئاپا-چاپاق بولۇپ ئۆتۈۋېرىدۇ، ئاخىرى بۇ نىكاھ پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
   بىكارچى يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى: بۇنداق يىگىتلەرنىڭ ئىشى بولمىغاندىن كىيىن دائىم سىزگە ھەمراھ بولىدۇ. ئۇ دائىملا ئەتراپىڭىزدا پەرۋانە بولسا، زېرىكىشلىك، بىزارلىق ھېس قىلىدىكەنسىز، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنداق ئادەمنىڭ كۆپ پۇلى بولمايدۇ. سىز جاپا چېكىپ پۇل تېپىشقا مەجبۇر بولىسىز. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولسىڭىز " ئېرىم ئالماسقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا تەككىچە دات باسقان تۆمۈرگە تەگسەمچۇ" دەپ پۇشايمان بىلەن ئۆتىسىز.
   شىرىن سۆزلۈك يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى: بۇنداق يىگىتلەر سۆزمەن بولۇپ، قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. ئەمما بۇنداق يىگىتلەر ناھايىتى خەتەرلىك، ئېھتىيات قىلمىسىڭىز سىرتتا بىر نەچچە " رەڭلىك بايراق" نىمۇ كۆتۈرىۋالىدۇ. بۇنداق يىگىتلەرگە ياتلىق بولغان قىزلار ئازاپ ھەم نومۇستىن ئۆرتىنىدۇ.
   كەسپىي خادىمغا ياتلىق بولغان قىزلارنىڭ ئۆكۈنۈشى: بۇنداق يىگىتلەر بىر قەدەر يۇقۇرى ساپاغا ئىگە. ئۇلار دائىم ئالدىراش يۈرىدۇ. ھەتتا كېچىلەردە خىزمەت قىلىدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ شۇنداق، تۇرمۇش مۇشۇنداق ئۆتكەچكە، رومانتىكىلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولامدۇ؟ ئېھتىيات قىلمىغاندا، كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار بولىدىغان گەپ.
   مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قىزلار كىمگە ياتلىق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ۋايسىماي قالمايدىكەن. شۇنى ئەستىن چىقارماڭكى، دۇنيادا سىز ئارزۇ قىلغاندەك ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئىنسان يوق، ئادەم نۇقسانسىز يارىتىلغان ئەمەس.
نىكاھ---- نائىلاجلىق ، بۇ تۇرمۇشنىڭ دەل ئۆزى.

مەنبە-ساقلىۋالغانلىرىم
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1522 سەر
تىللا
10208 دانە
تۆھپە
1061 سەر
شۆھرەت
1065 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:15:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار لايىق تاللاشتا دىققەت قىلسا بولغىدەك. باي تۇرمۇشمۇ بولمىسا، نامراتمۇ بولمىسا، مۇھەببەتمۇ بولمىسا،كەسىپمۇ بولمىسا قانداق قىلغۇلۇق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
753 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
366 سەر
شۆھرەت
415 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:19:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماتىرىيالكەن . چۈشۈرىۋېلىپ ئايالىمغا سوۋغا قىلسام بولغۇدەك . رەھمەت سىزگە1
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 15:48:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى قانداق تىپتىكى ئوغۇللارغا ياتلىق بولغان قىزلار بولسۇن، ئەگەر ئىرىنىڭ ئىشلىرى قانۇنغا، ئەخلاققا يات بولمىسىلا ئۆز ئىرىنى قوللىشى، ئالغا بىسشىغا ئىلھام بىرىشى كىرەك.
ياخشى تىمىكەن.
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 22:24:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەۋسەر ئەپەندىم بەك ياخشى تىما يوللاپسىز  شۇ جەمىيەتتىكى بەزى قىزلار لايىق تاللاشتا قاتتىق دىققەت قىلىش زۈرۈلدەك قىلىدۇ. بۇ تىما شۇ قىزلارغا نىسپىتەن بىر ياخشى بولغان ئەقىلكەن .
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3936 سەر
تىللا
508 دانە
تۆھپە
2357 سەر
شۆھرەت
2469 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 22:39:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىكەن رەھمەت

Rank: 1

قىزغىنلىق
60 سەر
تىللا
1 دانە
تۆھپە
32 سەر
شۆھرەت
40 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 23:43:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زادى خىزمەتچى خوتۇن ئالمايدىغانكەن.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 03:58, Processed in 0.138051 second(s), 31 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش