پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2360 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 144|ئىنكاس: 8

تۇيۇقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 1

يوقلىما
27
قىزغىنلىق
165 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
119 سەر
شۆھرەت
131 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 11:32:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۇيۇقلار
ۋاھاپ زۇنۇن (زەمران)
سەن تېرىساڭ يىل بويى ئۈنمەس ئۇرۇق،
شۇنچە قۇيساڭ جوغىلۇق پۇتمەس ئۇرۇق.
مىھنىتىڭدىن يا تىكەن يوق، يا كوزا،
شۇ سەۋەپمۇ ؟ قامىتىڭ زەپمۇ ئۇرۇق.
×      ×        ×           
قورۇقما ھەرگىز جەڭ ئۈچۈن گەر چاپسا ئات،
ياۋغا ھەردەم ئەڭ ئەجەللىك ئوقنى ئات.
شۆھىرىتىم مەڭگۇ ئېقىن بولسۇن دىسەڭ،
ئەل ئىچىدە قالدۇرۇپ كەت ياخشى ئات.
×       ×        ×         
چۈچلىنى ئاق كۆرىستىپ پاختىنى قىلساڭ قارا،
شۇ سەۋەپتىن دەيدۇ ئەل ئەقلى يوق كۆڭلى قارا.
ئاق قارا رەڭلەرگە شاھىت بىلمىسەڭ بۇ سىرنى گەر،
كۈن بىرەر توغرا جاۋاپنى كۆز ئىچىپ نۇرغا قارا.
×       ×     ×
مىللىتىڭگە خاس غورۇر يۈرىگىڭدە تۇرسا ساپ،
نە ئۈچۈن دەيدۇ بوۋاڭ تۇگمەڭنى ئەت يېڭەڭنى ساپ.
ئەجداتلىرىڭ ئەنئەنىسىنى بۇزماق بولۇپ يۈرسەڭ ئەگەر،
ئۆتىدۇ خەلقىم سىنى قىلماي پۇچۇق كەتمەنگە ساپ.
×          ×       ×               
چىقىپ ئۆگزەڭگە تىللايسەن مۇشۇگىڭنى دىسەم گەر پەش،
مىنى كۆرگەنگە ماختايسەن سىلىپ بەرسەم سۆڭەكسىز پەش.
بالامنىڭ قولىدا بىر كۈن كۆرۇپ قالساڭ پۇچۇق سامسا،
خۇلۇم - خوشنا ئاراسىغا قويۇق قويدۇڭ شۇئان بىر پەش.

2012-يىلى 9- ئاينىڭ 10كۈنى

点击进入下载-تۇيۇقلار.docx

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
756 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
369 سەر
شۆھرەت
418 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 12:21:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق ئىلگىرىلىشىڭگە تىلەكداشمەن!.  ئىملاغا دىققەت قىلارسەن.....
ئىملا خاتالىقى بار سۆزلەر:
قورۇقما، شۆھىرىتىم،قويۇق قويدۇڭ.....
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:02:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن تېرىساڭ يىل بويى ئۈنمەس ئۇرۇق،
شۇنچە قۇيساڭ جوغىلۇق پۇتمەس ئۇرۇق.
مىھنىتىڭدىن يا تىكەن يوق، يا كوزا،
شۇ سەۋەپمۇ ؟ قامىتىڭ زەپمۇ ئۇرۇق.

بۇ تۇيۇق ئۆلچىمىگە توشماپتۇ،  ۋاھاپ مۇئەللىم! چۈنكى، ئىككىنچى مىسرا ئاخىرىدىكى سۆز«ئۇرۇق»ئەمەس، «ئىۋرىق»بولۇشى، تۆتىنچى مىسرا ئاخىرىدكى سۆز بولسا«ئۇرۇق»ئەمەس، «ئورۇق»بولۇشى كېرەك. رۇشەنكى، «ئۇرۇق، ئىۋرىق، ئورۇق»دېگەن سۆزلەرشەكىلداشلار ياكى ئاھاڭداش سۆزلەر ئەمەس!

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1064 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 13:53:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زامران  مۇئەللىم بۇندىن كىيىنمۇ نادىر ئىجادىي يازمىلارنى يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن . رەخمەت سىزگە . بەك يخشى تىمىلارنى يوللاۋاتىسىز . مۇنبەر نامىدىن كوپ رەخمەت سىزگە
يازمىللىرىڭىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ . بىر ئاز ئادەمنى ئويغا سېلىپ قۇيدىكەن ھە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زەپەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-10 13:54  

ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 1

قىزغىنلىق
165 سەر
تىللا
28 دانە
تۆھپە
119 سەر
شۆھرەت
131 سەر

بايقاش شائىرىمائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 14:11:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرداشلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بېرىپ ، يېتەكلەۋاتقانلىقىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.بۇنىڭدىن كېيىن مەن كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمنى تۈزىتىۋېلىشقا دىققەت قىلىمەن.مەن يېڭىدىن ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان ھەۋەسكار . ئۇنداق-مۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالى بولۇشۇم تەس. داۋاملىق تەنقىدىي پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمت قىلىمەن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
761 سەر
تىللا
346 دانە
تۆھپە
479 سەر
شۆھرەت
660 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 14:54:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل شېئىر شەكلىدە داۋاملىق نادىر يازمىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن .
قولۇڭدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياخشىلىق قىل .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1498 سەر
تىللا
344 دانە
تۆھپە
1060 سەر
شۆھرەت
1156 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 16:03:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىلغان شىئىرلاركەن. ئالاھىدىن ئۇستاز ئىيتقاندەك بەزى سەۋەنلىكلەرمۇ يوق ئەمەس، مەن ياقتۇردۇم، ھەم ھەمبەھرلىۋالدىم، داۋاملىق تىرىشقايسىز
قايسىڭلاردا بوۋاقلار پىسخولوگىيەسىگە ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىيال بار؟

Rank: 1

قىزغىنلىق
6 سەر
تىللا
2 دانە
تۆھپە
3 سەر
شۆھرەت
2 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 20:51:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يىزىلىپتۇ داۋاملىق  تىرىشىڭ . غەلبە ئالدىڭىزدا .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
463 سەر
تىللا
40 دانە
تۆھپە
208 سەر
شۆھرەت
238 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 11:50:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزمونى ناھايىتى ياخشىكەن مەن بەك ياقتۇردۇم . ئادەم ئانچە مۇنچە سەۋەنلىكلەردىن خالى بولغىلى بولمايدۇ . بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىڭ، سىزنىڭ بۇنىڭدىنمۇ نادىر تېمىلارنى يېزىشىڭىزغا ئىشىنىمەن رەھمەت .
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-22 04:28, Processed in 0.148648 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش