ئىككى تەخمىس
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
ئوۋچى غەزىلىگە تەخمىس
ئىزىڭنى سىنچىلاپ دىلبەر، ئۇپۇقلارنىڭ دالاسىدىن، ساماغا كۈن بولۇپ باقتىم ئۆڭۈپ سەبرىم نىداسىدىن، ئۇزاتتىم ئاينى ئايدىڭسىز خىياللارنىڭ ئاداسىدىن، جېنىم شام بولدى بۇ تۈنلەر ھاياتىم ئىپتىداسىدىن، تىلەپ ۋەسلىڭگە نۇسرەتگاھ چىمەنلەر دىلرەباسىدىن.
سەھەر، ئاھىم پىراقىڭدا يېلىنجاپ تامچىغاي سىم-سىم، ئاقارسەن كۆزلىرىمدە غەرق قىيانلار يامرىتىپ بەلكىم، شەپەقتەك سۈزۈلۈپ كەلسەڭ، سېنى پىنھان ئېتىپ چەرخىم، بۇلۇتلار قاينىغان قاينام ساماغا ئايلىنىپ قەلبىم، نېسىپ بولغايمىكىن ئاخىر ۋىسالىڭنىڭ زىياسىدىن؟
ئۆزۈمنى ساڭا مەن قەھرىم بىلەن بەتلەپ ئاتارمىشمەن، يېرىلسا يۈرىكىم قات-قات، ئاڭا تاشتەك پاتارمىشمەن، سېنى كۆرگەن چۈشۈمگە ھەق بىشارەتنى تاپارمىشمەن: بوسۇغاڭ ئالدىدا جىمجىت بولۇپ رەسۋا ياتارمىشمەن، جۇنۇنلۇق قىسىمىتى بائىس ماڭا ھەقنىڭ جۇلاسىدىن.
كۆيۈك باغرىمدا ئاتەش تەپ خىيالىڭ ياندۇرۇپ گۈلخان، يۈرەكنىڭ ئاققىنى ئاققان، ئېقىنلار لەرزىدە ئەفغان، ئاقارمىش ناتىۋان تۈنلەر سۈكۈتكە قىن يېيىپ ئاسمان، خىرامان ئارمىنىم ۋەھدەت گۇلابىغا باقار سەرسان، ساپايەم زارىغا تەشنا باياۋانلار ناۋاسىدىن.
بىشارەت ئىستىدىم، ھېجران مۇھەببەتكە پايان بەرمىش، پايانلارغا مۇھەببەت لىق تولۇپ تۇرغان جاھان بەرمىش، بىئار قىسمەت ۋىسالىڭدىن ھامان لەۋزى بايان بەرمىش، ئۆلۈمكار مەنىلەر مەنزىل-قارارىمغا نىشان بەرمىش، مېنى ئۈركۈتمە سايەڭنىڭ يەنە سالقىن ھاۋاسىدىن.
يېقىپ لەۋ پايە خاكىڭغا يۈرەرمەن سەجدىگاھ ئىزدەپ، قايان بارغۇم بۇ ئاشىقلىق كويىدا مەن پاناھ ئىزدەپ، توزۇپ تۇپراققا ئايلاندىم تېنىڭدىن بىر گىياھ ئىزدەپ، ساچىڭ دارىدا ياتتىم خوپ، ئەبەدلىك قەبرىگاھ ئىزدەپ، ماڭا يادنامە قىل ۋەسلىڭ مۇھەببەت ئىنتىھاسىدىن…..
2012-يىلى، 1-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭىسار.
نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن غەزىلىگە تەخمىس
كۈندىن ئاختۇردۇم سېنى، پىنھانغا ئايلاندى، دېدىم، ئايدا بەرقىڭ يوق، ۋىسال ھېجرانغا ئايلاندى، دېدىم، پۇرقىتىڭدىن تەلۋە جان غەليانغا ئايلاندى دېدىم، بالقىدىڭ تۈندىن، سېنى چولپانغا ئايلاندى، دېدىم، نەكى چولپان، بىپايان ئاسمانغا ئايلاندى، دېدىم.
كۆزلىرىڭگە چۆكتى تۈن، تۈنگە يەنە چۆكتۈڭ، لېكىن تاغۇ-تاشلاردىن سادا كەلدى، سۈزۈك شەپەڭ يېقىن، نالىشىمدىن جاننى جاننىڭ ئوتىدا ئەيلەپ چېقىن، جۇش ئۇرۇپ ئاقتى ۋۇجۇدنى كۆيدۈرۈپ قايناق ئېقىن، چاچلىرىڭدىن تامدى ئوت، گۈلخانغا ئايلاندى، دېدىم.
كۆيمىشىمدىن پەر تۆكۈپ سەرگەشتىلىك دىشۋارىدا، سارغىيىپ ئۇچسا ئۈنۈم ئەپسانىلەر ئىزھارىدا؛ سۆيگۈنى مەرغۇللىتىپ ۋەسلىڭ كويى زىلتارىدا، بى قىياس، شەكلىڭ كېپىنەكتەك خىيال گۈلزارىدا قىلدى سەيلانە، گۈزەل ئىمكانغا ئايلاندى، دېدىم.
لەۋلىرىڭ شەربەت تۆكۈپ بولغاي قىيام جامىمدا جەم، خۇش ھىدىڭنى ئىستىگەي دەشتىمدە چاڭقاق سەرۋى ھەم، سېنى باغرىمغا بېسىپ ئىزگۈ خىيالەتتە سەنەم، مەستۇ-مەپتۇنلۇق قىنىمدا تارتتى ئوق يىلتىز بۇدەم، مەنىلەر ئىدراكتىكى مارجانغا ئايلاندى، دېدىم.
ئارمىغان ئەيلەپ ماڭا ئەدگۈ سېھىر-جادۇسىدىن، سەيلىتەرگە سۆيگۈنىڭ قۇت مەنزىلى قۇددۇسىدىن، بىر نىگاھ تاشلاپ نىھايات يەتتە قات ئوردىسىدىن، تۈنلىرىمنى نۇرغا غەرق ئەيلەپ، ئەرش قۇببىسىدىن- بىر پەرىزات چۈشتى-دە، ئىنسانغا ئايلاندى، دېدىم.
2012-يىلى4-ئاينىڭ 7-كۈنى، يېڭىسار. |