ئككى غەزەل
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
قەشقەرلىك خىيال
يۈرىكىمنى تىڭشىدىم كەلگەندە بىر ئەرلىك خىيال، مېنى قەشقەر لېۋىدە سۆيگەندە دىلبەرلىك خىيال.
گۈللىرىڭنى توۋلۇدۇم ئىسمىڭ بىلەن قەشقەر قىزى، ھېسلىرىمغا سىرغىسا بەرگىڭدە ئەنبەرلىك خىيال.
سىنچىلاپ باقتىم ئۆزۈمگە، سەن قاچان كەلگەن ماڭا؟ كۈندە كۈندەك، تۈندە چاقنار مەندە ئەختەرلىك خىيال.
لەرزە قىلدىم تەن بىلەن جانغا نەفىسە تارىدا، چالدى بار ئاۋاز بىلەن چۆللەرنى كەۋسەرلىك خىيال.
نۇزۇگۇم دەپ بىر چۈشۈم بار بارلىقىمغا سىغمىدى، بەتلىنىپ تۇرغاي ماڭا دەھشەتتە شەمشەرلىك خىيال.
كۆزلىرىمنىڭ دەشتىدە ھۇۋلار تۈمەندەك ئۆركىشىم، مېنى جانان كوچىدا سۈرگەندە قەشقەرلىك خىيال.
ھېيتگاھنىڭ قۇببىسىدىن قارىسام ئاسمان يىراق، يەرگە پاتتىم، قالدى ئۆكسۈپ مۇندا مەھشەرلىك خىيال...
2012-يىلى، 5-ئاينىڭ 21-كۈنى، يېڭىسار.
سادىر بىلەن سىردىشىش
قارا ئۆڭكۈرلىرىڭ ئىچرە سىماھىڭنى ئايان ئەتتىم، بولۇپ تاغلاردا تاش سادىر، سادايىڭنى ماكان ئەتتىم.
كېچە، تۇلپارلىرىڭ كىشنەپ مېنى باغرىڭدا ئويغاتسا، جېنىمغا بەتلىدىم ئوقنى، ئۆزۈمنى مەن كامان ئەتتىم.
ساڭا شاھىد ھامان تۇپراق، شەھىدلىك ئىزدىگەن تاغلار، ئۇچۇپ ئۆتتى ھۇما باشتىن، سامالاردىن گۇمان ئەتتىم.
قوشاقتىن بىرنى توۋلاپتىم، ھېلى سايرامدا مىڭ بولدى، ئىزىڭنى ئاختۇرۇپ تەلكە داۋانىدا بايان ئەتتىم.
قىلىچتەك يالتىراپ تۇرغان كۆزۈڭدە بەش بالاڭ يىغلار، تۆكۈپ ھەسرەتلىرىمدىن قان، ئاۋازىمدا قىيان ئەتتىم.
قوۋۇرغاڭ تەشسە يامۇلنى، سېنى چىللارغا تەختىم يوق، چېچىڭدىن بىر قۇچاق ئالدىم، ئۆزۈمگە دار-نىشان ئەتتىم.
جاھانغا سىغمىغان سادىر، كېلە مۇڭداشقىلى مەن بار، ئېلىپ كەل تاغلىرىڭنى ھەم، ۋۇجۇدۇمنى جاھان ئەتتىم!
2012-يىلى، 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، يېڭىسار. |