- تىزىملاتقان
- 2012-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 17862
- نادىر
- 10
- تېما
- 350
- يازما
- 2236
 
- يوقلىما
- 198
قىزغىنلىق- 4435 سەر
تىللا- 1064 دانە
تۆھپە- 2729 سەر
شۆھرەت- 2913 سەر
        
| كەچۈرگىن يار .
(بۇ شىئېرنى بىر يېزىدا ئىشلەيدىغان ئاغىنەم ئەيساجان رەھمىتۇللا يازغان . ئۆز ئىجادىيتى )
كەچۈرگىن يار ئەمدى سېنى سۆيەلمەسمەن، پەرۋانە بولۇپ ئەتىراپىڭدا يۈرەلمەسمەن. تەقدىر بىزنى ئايرىدى مەڭگۈگە ئەبەت، مەشئەل بولۇپ ئوتۇڭدا مەن كۆيەلمەسمەن.
كەچۈرگىن يار ئەمدى سېنى كۆرەلمەسمەن، شوخ ئويناقلاپ يېنىڭغىمۇ بارالماسمەن. ئۈزۈلدى رىشتە،قىلغان ۋەدە،توزىدى شۇ گۈل، قايتىدىن مەن بەخىتلىك بوپ يارالماسمەن.
كەچۈرگىن يار ۋەسلىڭگە مەن يېتەلمەسمەن، بىۋاپا دۇنيادىن ئايرىلىپمۇ كېتەلمەسمەن. تەقدىرگە تەن بەرمەي ئامالىم يوقتۇر، ئادىمىيلىك غۇرۇرۇمدىن ھەرگىزمۇ كېچەلمەسمەن.
كەچۈرگىن يا ئەمدى ساڭا قارىماسمەن، مۇھاببەتلىك بۇ تۇرمۇشتا ئالدانماسمەن. ياشلىقىم بولدىغۇ خانۇ-ۋەيرانە، دىدارلىشىپ كۆڭلىڭنىمۇ ئالالماسمەن.
|
|