سەبىيلەرزارى
ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت
نىگاھىمنىڭ ساماسى تۈن-قارا زۇلمەتكە ئايلاندى، ئۆڭۈپ بۇرجۇمدا يۇلتۇزلار كۆيۈك سۈرەتكە ئايلاندى، زېمىن زەردابى-دەريالار قىنى دەھشەتكە ئايلاندى، جاھان ئەسرارىدىن بۇدەم ھايات قىسمەتكە ئايلاندى، تامام قىسمەت مېنى يۇتقان بۈيۈك ھەسرەتكە ئايلاندى.
ئازاب دولقۇنلىرى توپان بولۇپ نۆھ كېمىسى يۈتتى، باياۋانىمدا سەرسان تۇيغۇ ئۇنى ئاختۇرۇپ ئۆتتى، ئىرالار دەملىرى پۈتتى، قىيامەت جاننى ئۈركۈتتى، تىۋىندىم، ھەر ھۈجەيرەمدىن تالاي نۆھ كېمىسى پۈتتى، ئىمانىم پاكلىنىپ باغرىم گويا جەننەتكە ئايلاندى.
تېنىمنى دەۋرىتىپ مەشئۇم خىياللار تارىدىن بىر ئۈن، ئېسىمنى سالدى لەرزىگە ئۆلۈملەر غارىدىن بىر ئۈن، تۆكۈپ دىلغا جاراھەتلەر پەلەك خۇنخارىدىن بىر ئۈن، يۈرەكنى لەختە قان ئەتتى سەبىيلەر زارىدىن بىر ئۈن، يىقىلدىم تەڭرى پايىغا، ۋەھى سۆھبەتكە ئايلاندى...
سوزۇلغان قول، دۇئالار زەر ئەمەس«نان!»دەپ نىدا ئەيلەر، ئانالار روھىغا چاڭقاق ئوغۇز سۈت تامچىغان لەۋلەر، ئاتالارنىڭ سىماھىنى سۇنۇق دىللاردا جەم دەرلەر، سۈكۈتلەر گەردىشىدە پەر تۆكۈپ بىھۇش ئېسىم لەيلەر، يېشىمدىن تامچىدى كەۋسەر، قېنىم شەربەتكە ئايلاندى.
«سەدىقە يەر بالانى، تەۋبە ئىنساننىڭ گۇناھىنى...»، گۇناھلار تاغى يەلكەمدە، ئىشىتتىم بەندە ئاھىنى، رۇكۇغا باش ئېگىپ مىڭ يىل تىلەي تەڭرىم پاناھىنى، ماڭا تۈن، ئەيلىسۇن قەۋمىمگە پارلاق سۈبھىگاھىنى، ئاداسى ھەر دەمىمنىڭ پەرز بىلە سۈننەتكە ئايلاندى.
تاتارغان بەت، چۇۋۇلغان چاچ، بىئار قىسمەت گۇۋاھىدۇر، مېھىر-شەپقەتكە تولغان پاك قەلبلەر قىبلىگاھىدۇر، پەلەكتە لەرزىگەن نىمجان يۈرەك ھەمدۇ-ساناھىدۇر، نىتەي ئالەمنى مەن ھەتتەڭ، تىرىكلەر قەبرىگاھىدۇر، تالاي دىللاردىكى ئىمان رىيا بەيئەتكە ئايلاندى.
نەۋائىي، خىرقىتى، مەشرەپ...ئەمەس زەردارى ئالەمنىڭ، ياراتمىش تەڭرى دەرگاھىدا ئەيلەپ تاجى ئادەمنىڭ، پېقىر ئەشئارىدا بار شۆھرىتى ئېھساندا ھاتەمنىڭ، تۇغۇملاردا ئۇدۇم، زەردۇر ئۆزى پەريادۇ-نالەمنىڭ، ئازابلىق پاك مۇھەببەت مەندىكى ھېممەتكە ئايلاندى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-9 20:22
|