- تىزىملاتقان
- 2012-8-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 618
- نادىر
- 0
- تېما
- 19
- يازما
- 51

- يوقلىما
- 27
قىزغىنلىق- 194 سەر
تىللا- 23 دانە
تۆھپە- 69 سەر
شۆھرەت- 87 سەر
 
| تىكىلدى بىر گۈزەل قىزچاق،كۆزۈمگە مەنىلىك بېقىپ، ۋۇجۇدنى لەرزىگە سالدى يۈرەككە ئوتلارنى يېقىپ. ئېسىمدىن چىقمىدى شۇندىن،خىياللار ئىلكىگە ئېلىپ، يۈرەگىمنى ئوۋلاپتۇ تۇيدۇرماستىن قول سېلىپ. قاراي دەيمەن كۆزىگە مەن ھەردەم غەيرەتكە كېلىپ، بىراق ئۇچراشسىلا كۆزۈم،قالارمەن جايىمدا داڭ قېتىپ. كۆزىدىن نۇرلار يانار زۆھرە-چولپاندەك يېنىپ، يۈرەكسىز مەن قاراي دېسەم،كۆرۈپ قالسا قالار چېنىپ. يۈرەرمەن يۈرىگىم لەختە،شۇ قىزنىڭ كۆزىدىن قېچىپ، تەمتىرىتەر مېنى ھەردەم كۆزلىرىدىن نۇرلار چېچىپ. ئالدىم ئاخىر قەلەمنى مەن شۇ قىزنىڭ ئوتىدا يېنىپ، بىلىپ باقاي شۇ كۆڭلىنى يۈرەگىم دەردىنى ئېيتىپ. ئەگەر قالسا ئۇ قىزچاق بۇ كۆڭلۈمنى قوبۇل قىلىپ، مۇرادىمغا يېتەرمەن،ھەم باسارمەن باغرىمغا قېنىپ.
|
|