- تىزىملاتقان
- 2011-10-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-23
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 10302
- نادىر
- 0
- تېما
- 132
- يازما
- 979
 
- يوقلىما
- 287
قىزغىنلىق- 2719 سەر
تىللا- 1176 دانە
تۆھپە- 1298 سەر
شۆھرەت- 1411 سەر
     
| تاماق ئەتكەندە ،سوغۇق سەي تەييارلىغاندا، قورۇما تەييارلىغاندا ئاچچىقسۇ قوشۇۋېتىلسە ،ئەتكەن تامىقىڭىزغا تەم كىرگۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يېيىشلىك بولىدۇ. ۋىتامىن C نىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى ساقلاپ قالىدۇ. ئاچچىقسۇ بىلەن يۇقۇملۇق زۇكام، قان تولغاق كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ھەم زەھەر قايتۇرغىلى بولىدۇ. ناۋادا زەھەرلىك، شورلۇق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىپ زەھەرلەنسە، تېزلىكتە كۆپ مىقتاردا ئاچچىقسۇ ئىچىلسە، تېز قۇتقۇزۇش ئۈنۈمى بولىدۇ. ئاچچىقسۇنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلغاندا، ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. كىيىم-كېچەك، تاۋار-دۇردۇن، شايى-ئەتلەس قاتارلىق رەخت يىپەك تۇقۇلمىلىرىنى يۇغاندا، سۇغا ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، رەختنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ئاليومىن، مىس قاچىلارغا ئاچچىقسۇ سۈركەپ قۇرۇتۇلغاندىن كېيىن سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە، پارقىراقلىغى ئەسلىگە كېلىدۇ. چايدان، چەينەكنى ئاچچىقسۇ بىلەن چايقىغاندا، ئىچىگە ئورنىۋالغان قايناقسۇ دېغى چىقىپ كېتىدۇ. قۇش گۆشى، كالا گۆشى پىشۇرغاندا، ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە ئاسان پىشىدۇ. كىيىم-كېچەككە يەل-يىمىشلەرنىڭ سۈيى ياكى رەڭ يۇقۇپ قالسا،داغ ئۈستىگە ئازراق ئاچچىقسۇ تېمىتىپ ئۇۋۇلىسا، داغ چىقىپ كېتىدۇ. ئاياغ مايلىغاندا ماي ئۈستىگە بىرئاز ئاچچىقسۇ تېمىتىۋەتسە، بەك پارقىرايدۇ ھەم ماي ئۇزۇن تۇرىدۇ. |
|