مۇئەللىم
ۋاھاپ زۇنۇن (زەمران ) ئەسلى ئىدىڭ جاھاندا پاراسەتلىك مۇئەللىم، ئىلىم نۇرى تاۋلىغان ھارارەتلىك مۇئەللىم. ئەۋلات ئۈچۈن جان پىدا جاسارەتلىك مۇئەللىم، يەلكىسىدە يۈك ئېغىر شىجائەتلىك مۇئەللىم. ئەۋلاتنى دەپ بىر ئۆمۈربور- تۇزاندا يۈرسەڭمۇ، دېڭىزىدىن بىلىمنىڭ ئېسىل جەۋھەر سۈزسەڭمۇ، ھەر قېتىمدا ئوچۇق دەرس ئۆلگە بولۇپ ئۆتسەڭمۇ، بولالمىدىڭ باھادا لاياقەتلىك مۇئەللىم. كىچىككىنە مۇئاشىڭ ئۇ-بۇ ئىشقا ئىئانە، قولۇڭ قىسقا شۇسەۋەپ بىساتىڭ يوق دىۋانە. ئالاردا يوق بېرەردە ئۆزۈڭ چولپان يىگانە، سانالمىدىڭ شۇندىمۇ ساخاۋەتلىك مۇئەللىم. تىزىلساڭمۇ كەينىگە ئۈنىۋېرسال ساپادا، چىقماي ئىسمىڭ بىر قېتىم ياخشى دىگەن قاتاردا. راھەت كۆرمەي ئۆتسەڭمۇتىنىم تاپماي جاپادا، ياشاۋەردىڭ ‹‹شۈكرى ››دەپ قانائەتلىك مۇئەللىم. نىمە ئىشنى قىل دىسە،ئېغىركەن دەپ قاچمىدىڭ، ياكى ئاغرىپ بالنىستا بىرەر كۈنمۇ ياتمىدىڭ. تېپىپ يالغان باھانە خىزمەتتىنمۇ قالمىدىڭ، خىز مىتىڭگە بولۇپسەن ساداقەتلىك مۇ ئەللىم. دىمىسەڭمۇ ئەزەلدىن يالغان سۆزلەپ جۈپنى تاق، دىمىسەڭمۇ ئەزەلدىن بورنى قارا دۇسكا ئاق. دىمىسەڭمۇ ئەزەلدىن ئاغرىقلارنى كۈندە ساق، راسىت سۆزلەشنىڭ يولىدا قاباھەتلىك مۇئەللىم. خىزمەتنى دەپ كەچتىڭ سەن ياخشى ئىسىسىق تاماقتىن، رازى قىلىپ ئەۋلاتنى ئەقىل بىلىم ساۋاقتىن. تاپقانلىرىڭ تەسەللى سىنىپتىكى چاۋاكتىن، خۇشاللىقىڭ شۇ سېنىڭ ئىجابەتلىك مۇئەللىم. تاما قىلىپ يۈرمىدىڭ كۆز ئالدىڭدا بولسا نەپ، ئىغۋاگەرلەر ئالدىڭدا يول كۆرسىتىپ قىلسا گەپ. ۋىجدانىڭنى ساتمىدىڭ مىللىتىڭنى ئەلنى دەپ، سەن ئۇلۇغلۇق بابىدا دىيانەتلىك مۇئەللىم. كۈندە دەشنام بارساڭا ھەر قېتىمقى يىغىندا، تۆھمەت قىلىپ يۈرگەچكە خوشامەتچى چېقىندا. قۇلى بولۇپ بۇيرۇقنىڭ يۈرۈپ يىراق-يېقىندا، بولدۇڭ شوجاڭ ئاغزىدا ھاقارەتلىك مۇئەللىم. شوجاڭ دىگەن مەكتەپتە ھەممىدىن چوڭ كاتتا باش، ھەقىقەتنى سۆزلىسەڭ ئېغىزىڭغا ئاتتى تاش. ياشاي دىسەڭ بۇ ھەقتە ئەمدى قىلما دەت-تالاش، كۆنىۋالغىن سەۋرىگە سەن تاقەتلىك مۇئەللىم. « ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق مۇكاپاتلىق ئەسەر» يوللاش پائالىيىتى مەنبە: ئۆز قەلەم
2012-يىلى9-ئاينىڭ 8-كۈنى بوزغۇن |