پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2376 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 16

ئۇستازلار بايرامدا سوۋغا ئالمايلى! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
320
قىزغىنلىق
8602 سەر
تىللا
4843 دانە
تۆھپە
5748 سەر
شۆھرەت
6415 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 00:03:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇستازلار بايرامدا سوۋغا ئالمايلى!

سۈيۈملۈك ئۇستازلار ياخشىمۇسىلەر !ھەممىڭلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!

ئالدىمىزدا ئۇقۇتقۇچلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرۋاتىدۇ !شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن بارلىق ئۇستازلارنىڭ بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن !سوۋغات بېرەلمەيمەن !چۈنكى بىز مېنەتىسىز جاپاكەش ئۇستازلاردۇرمىز !
ھەم سىلەرگە بىرقانچە ئېغىز كۆڭلۈمدىكى سۆزلەرنى بايان قىلىپ ئۆتمەكچىمەن !
مەن ھەر قېتىم ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمى كەلگەندە بۇ بايرامنىڭ بىزنىڭ بايرىمىمىز ئېكەنلىكىدىن سەل گۇمانلىنىپ قالىمەن !چۈنكى بۇ كۈنى بۇنى داغدۇغلىق تەبرىكلەيدىغان ئىشلار يوق ،ھەم بىزنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن قۇيۇپ بەرمەيدۇ !
سۈيۈملۇك ئۇستازلار بىز بايرام دەپ خۇشال بۇلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بەزى ساۋاقداشلارنىڭ كۆڭلى يېرىم !نېمىشقا چۈنكى ئۇلار ئۇستازىغا سوۋغا ئالالمىغان !
بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ بەزى ‹‹ئۇقۇتقۇچىلار›، باركى ئۇلار بايرامنى سوۋغا يىغىش كۈنى قىلۋالغان !ئېلگىرى بۇ خىل خاھىش خەنزۇ ئۇقۇتقۇچىلاردا بارلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەردە ئاڭلىغان ئېدىم.لېكىن ھازىر بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ  كۈرۈلۈشكە باشلىدى .
چۈنكى ھەر قېتىلىق ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمى كەلگەندە قىزىم(3-يىللىقتا ) مەندىن پۇل سورايدۇ !نېمىشقا دىسەم سىنىپ بۇيىچە پۇل يىغىپ ئۇقۇتقۇچىمىزغا سوۋغا ئالىمىز دەپ ~
قايسى كۈنى ئېنىم كارۇل بىر راست بولغان بىر ئشىنى ماڭا ئېيىتۋىدى ،ئۆزۈمنىڭ ئۇقۇتقۇچى بولغىنىمدىن بەك نۇمۇس قىلىدم ،ئۇقۇتقۇچىلىق تونىغا ئۇرۇنۋېلىپ بىزنىڭ يۇزىمىزنى چۈشۈرۋاتقان بۇ مەلئۇنلارغا بەك ئاچچىقىم كەلدى .
بۇخىل سوۋغا ئېلىش يۇقىرى يىللىققا بارغانسىرى يۇقىرلايدىكەن ،مەسلەن تۇلۇقسىزدا 5 يۈەن بولسا تۇلۇق ئوتتۇردا 10يۈەن ،ئالىي مەكتەپتە 50يۈەن.....دىگەندەك!
بىز شۇنداق ئاچكۆز ئادەملەرمۇ ؟ياق ئۇنداق ئەمەس
بەزىلەر (ئۇقۇتقۇچىلار )ئۇقۇغۇچىلىرى ئېلىپ كەلگەن سوۋغات بىلەن مەنمەنلىك تالشىدىكەن !بەسلىشىدىكەن !كىمگە سوۋغىنى كۆپ ئېلىپ كەلسە شۇنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئېناۋىتى يۇقىرى دەپ قارايدىكەن !
شۇڭا مەن بارلىق ئۇستازلاردىن شۇنى ئۆتىنىمەنكى تاماخور بولمايلى !
ئۇقۇغۇچىلىرىمىزنى بىزگە سوۋغات ئېلىپ كېلىشكە مەجبۇرلىمايلى!سوۋغا ت ئېلىپ كەلگەن ئۇقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ ،سوۋغات  كەلمىگەن ئۇقۇغۇچىلارنى چېقۋالدىغان كەمسىتىدىغان ئىشلارنى قىلمايلى!
سىز ئۇقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ سىزگە سوۋغا ئالىمەن دەپ ئاتا-ئانىسىدىن پۇل مال سورىشىن ياكى پۇل تاپىمەن دەپ باشقا ئىشلارنى قىلىشىنى خالامسىز!
ئاتائانا ۋە باشقا كىشىلەرنىڭ ئارقىڭىزدىن  پالانى ئۇقۇتقۇچى ئۇنداق  تامخور ئېكەن !مۇنداق ئېكەن دەپ گەپ قىلىشنى خالىمايدىغانسىز !كىچىككنە نارسىنى دەپ ئوبرازىڭىزنى يۇقۇتۇپ قويماڭ!

ئاخىردا سىلەرگە تۆۋەندىكى ناخشىنى سۇنماقچىمەن !ھەممەيلەننىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!
تېنىڭلار سالامەت !ئائىلەڭلەر بەختىلىك بولسۇن!


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
◤pari◥ + 3 + 3 + 3 + 3قوللايمەن!
تايلاق + 5 + 1 + 5 + 5ياخشى تېما.

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 8 تىللا + 4 تۆھپە + 8 شۆھرەت + 8  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1763 سەر
تىللا
149 دانە
تۆھپە
772 سەر
شۆھرەت
804 سەر

مائارىپچىبايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسىتىرىشچان ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 00:09:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سوغىسىغا موھتاج ئەمەس ! ھەقىيقەتەن موھتاج دىيىلسە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «مالىم ،بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!»دىگەن بىر ئىغىز تاتلىققىنە سۆزى! شۇنداق ئەمەسمۇ؟

باھا سۆز

火山 يارايسىز بۇرادەر!~  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 00:13:43
ھەردۇقمۇشتا قامچا بار !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1359 سەر
تىللا
123 دانە
تۆھپە
825 سەر
شۆھرەت
952 سەر

تىرىشچان ئەزابايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىدادىل ئەزا ئوردىنىپوتوشوپ ئۇستىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 00:24:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئوقۇتقۇچىلار ھەر قايسىڭلاردەك ئويلىغان بولسا ناھايىتى خۇشال بولغان بولاتتۇق. بەش قول تەڭ ئەمەس دىگەندەك ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، مەسلەن ئۇلار سوۋغا ئالمىسا كىچىسى ئۇيقۇسى كەلمەيدۇ، ئۇلار سوۋغا ئالمىسا ئۆيدىكلىرى ئۆيگە كىرگىلى قويمايدىغاندەك  ئامال  يوق  لىكىن بۇنداق ئادملەر ئاز ساننى ئىگەللەيدۇ،  كۆپ سانىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىھرى بىر ئىللىق دۇنيا، ئۇلارغا شامنىڭ ئىسسىقى تەگسىمۇ يالقۇنتاغدەك ئىسسىق چىقرىپ بىرىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كارول1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 00:25  

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1046 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
741 سەر
شۆھرەت
832 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 00:58:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنداق ئىشلارمۇ بارمۇ تېخى؟مەن بۇ 20 يىللىق خىزمەت تارىخىمدا ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ماڭا‹مۇئەللىم بايرىمىڭزغا مۇبارەك بولسۇن!›دەپ بىر تالدىن گۈل سوۋغا قىلغىنىنى بىلىمەن!بىز پەقەت شۇ سەبىيلەرنىڭ چۈچۈك تىلىرى،جارڭلىق ئاۋازى بىلەن دوستۇم  ئەسرار دىگەندەك:مۇئەللىم بايرىمىڭزغا مۇبارەك بولسۇن!دىگەن ئاۋازىنى ئاڭلىساقلا پۈتۈن دۇنيانى بەرگەندەك خۇشال بولىمىزھەم قانائەلىنىمىز ئەمەسمۇ؟ بىزگە ئۇلارنىڭ سەمىمى كۆڭلى ۋە شۇ بىر جۈملە سۈزى كېرەك!
مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق جاپاكەش كەسىپداشلىرىم بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!ئالتۇن تىنىڭلار مەڭگۈ سالامەت ،تۇرمۇشىڭلار خاتىرجەم ئۆتسۇن!
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
360 سەر
تىللا
84 دانە
تۆھپە
224 سەر
شۆھرەت
255 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزادادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:03:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقىلار ئوت قويسا مەيلى ، سەن شام ياقما !  دەپتىكەن كونىلار...

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1297 سەر
تىللا
285 دانە
تۆھپە
858 سەر
شۆھرەت
979 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:34:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىڭ

بىز ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقىتەن شەخسىيەسىز تۆھپە قوشقۇچىلار. بۇنىڭ سوغا بىرىش كىرەك دېيلسە ، ماددىي جەھەتتىن ئەمەس، روھى جەھەتتىن سوغا بىرىش كىرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسنى ياخشى ئۆگىنىش، مۇئەللىمنى ھۆرمەتلەش ، تاپشۇرۇقلارنى ياخشى ئىشلەش قارتارلىقلارمۇ مۇئەللىمىگە بولغان ھۆرمەت ۋە سوغا ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ بۇيۇك سوغا ئۇلارنىڭ ياراملىق بولۇپ چىقىشدىن ئىبارەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ezizks-sc تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 01:34  

بايقاش چولپانلىرى ھىرىپ قالمايلى !

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
8602 سەر
تىللا
4843 دانە
تۆھپە
5748 سەر
شۆھرەت
6415 سەر

ئاتامان

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 02:47:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كارول1 يوللىغان ۋاقتى  2012-9-8 00:24
ھەممە ئوقۇتقۇچىلار ھەر قايسىڭلاردەك ئويلىغان بولسا نا ...

ھېلىقى ئەسىرىڭىزنى قاچان يوللايسىز!

باھا سۆز

كارول1 يوللاپ بولدىمغۇ سىزدىن باشقا ھەممەيلەن كورۇپ بولدى  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 02:59:17

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
1695 سەر
تىللا
146 دانە
تۆھپە
1088 سەر
شۆھرەت
1175 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 07:04:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما يوللاپسىز .ھەقىقەتەن مۇشۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدا بار .
كۆڭۈل-كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
639 سەر
تىللا
37 دانە
تۆھپە
386 سەر
شۆھرەت
402 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابابقاش يازغۇچىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 09:59:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئون نەچچە يىللىق ئۇقۇتقۇچۇلۇق تارىخمدا ئۇقۇغۇچىللىرىمنىڭ ماڭا بىر تال گۈل چاغلىق سوۋغات بىرىپ باققىنىنى بىلمەيمەن .ئادەمنىڭ دىلى قانداق بولسا تىلى شۇنداق بولغاچقا ئاشۇنداق تاماخور ئۇقۇتقۇچىلار ئۆزىنىڭ سۆز -ھەركىتىدىن بىلىندۇردىغان گەپ ، شۇڭا ئۇقۇغۇچىلارمۇ شۇنىڭغا ئۈگۈندۇدە .شۇنداق ياخشى ناخشىنى قۇشۇپ يوللاپسىز .سىزنىڭمۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
480 سەر
تىللا
44 دانە
تۆھپە
221 سەر
شۆھرەت
251 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 12:19:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئالدى بىلەن مۇنبەردىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .
    ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!

    ئوقۇغۇچىلاردىن سوۋغا ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كوچىدىكى تىلەمچىدىن نىمە پەرقى .
    بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تەلىم تەربىيە بەرگۈچى تۇرۇپ ، ئۇلارغا  مۇشۇنداق ناچار ئىللەتلەرنى ئۆز ھەركىتىمىز ئارقىلىق يۇقتۇرۇپ قويساق، ئۇلار كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولۇپ چىقار ؟ بۇ ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىشىغا تىگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ بىرى .   
مەن ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام  خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان ئوقۇغۇچىلىرىم ھەر قېتىملىق « ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» دا ئەتراپىمغا ئۆلىشىۋېلىپ « مۇئەللىم ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن ! » دەپ جۇۋۇرشۇپ كېتەتتى . مەنمۇ بۇ سەبى غۇنچىلارنىڭ بۇ پاك  چىن يۈرىكىدىن چىققان تەبرىك سادالىرىنى ئاڭلىسام  بۇ خىزمتىمدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىىپ كېتەتتىم .  ھەم بىر ئۆمۈر ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلگۈسىنىڭ غۇنچىلىرىنى تەربىيلەشكە  ئۆز ئۆزەمگە ۋەدە بېرەتتىم .
  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇرانە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-8 12:29  

ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

قۇربان ھېيىتلىق سوۋغا ئېلىۋېلىڭ!
بارلىق تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن! خۇشاللىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن!

كۆرۈش »

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-24 02:58, Processed in 0.238617 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش