مۇئەللىم مەن (مەمتىمىن ياسىن) سوراپ قالساڭ مېنى كىم دەپ، سائادەتلىك مۇئەللىم مەن، دىلىم ئويغاق، تىلىم ئۆتكۈر، پاساھەتلىك مۇئەللىم مەن، جاھالەتكە ئۇرۇش ئاچقان جاسارەتلىك مۇئەللىم مەن، سەبىيلەر قەلبىگە مەلھەم، شاپائەتلىك مۇئەللىم مەن، ئېتەكىمگە ياغار ئالقىش، دارامەتلىك مۇئەللىم مەن. ئاقارتسام دىلنى بەختىم شۇ، تامايىم يوق تاپاۋەتتىن، تېنىم لەززەت تاپار خەلقىم ئۈچۈن چەككەن رىيازەتتىن، ئۆكۈنمەيمەن، يىراق قەلبىم پۇشايماندىن-نادامەتتىن، ساۋابىم بەلكى، ئارتۇقتۇر تۈمەن يىللىق ئىبادەتتىن، خۇدا ئالدىدا ئارمانىم ئىجابەتلىك مۇئەللىممەن. قاراپ باقساق، مۇئەللىمسىز تالايلار خورلىنىپ ئۆتكەن، تاپالماستىن ئادالەتنى شۈكۈرگە زورلىنىپ ئۆتكەن، يۈرەك باغرى تۆمۈر تىرناق بىلەن، ئاھ ! مورلىنىپ ئۆتكەن، لېكىن مەھمۇد، يۈسۈپ، تەۋپىق ئىجادتىن نۇرلىنىپ ئۆتكەن، شۇڭا، خەلقىمگە ھەيدەكچى-دالالەتلىك مۇئەللىممەن. ھەمىشە ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ سوكۇلداپ كۈنلىرىم ئۆتتى، يۈرەك دائىم بېسىم بىرلە پوكۇلداپ كۈنلىرىم ئۆتتى، ئازابتىن چىڭقىلىپ نېرۋام لوقۇلداپ كۈنلىرىم ئۆتتى، يۈرەكتىن ئاققۇزۇپ قان-ياش بۇقۇلداپ كۈنلىرىم ئۆتتى، نادان خەلقىم ئۈچۈن قەلبىم جاراھەتلىك مۇئەللىم مەن. ئەمەل، شۆھرەت قىلالماس رام مېنىڭ مەيلىمنى–رايىمنى، تالاشماسمەن مۇنەۋۋەرلىك، خەلق بەرگەي باھايىمنى، قەدىرلەيمەن ئاشۇ ئاددى سىنىپنى-قىبلىگاھىمنى، تاپارمەن مېھنىتىمدىن مەن ئۆزەمنىڭ ئېتىبارىمنى، مېدال قانچە؟ دېمەڭ ھەرگىز، خىجالەتلىك مۇئەللىم مەن. مېنىڭ بۇ خەستە كۆڭلۈمگە ھاقارەت يەتسىمۇ مەيلى، قۇرۇلسا مەن ئۈچۈن قىلتاق، پالاكەت يەتسىمۇ مەيلى، كۆرەلمەسلەر قىلىپ غەۋغا، ئاداۋەت يەتسىمۇ مەيلى، بۈيۈك ئارزۇ ئۈچۈن ئۆلسەم مالامەت يەتسىمۇ مەيلى، خەلق ئالدىدا ئەھدىم شۇ : قىيامەتلىك مۇئەللىم مەن! « ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق مۇكاپاتلىق ئەسەر» يوللاش پائالىيىتى مەنبە: ئۆز قەلەم |