- تىزىملاتقان
- 2012-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 14711
- نادىر
- 8
- تېما
- 109
- يازما
- 1445
  
- يوقلىما
- 177
قىزغىنلىق- 3941 سەر
تىللا- 508 دانە
تۆھپە- 2362 سەر
شۆھرەت- 2474 سەر
       
| مۇئەللىم
مۇئەللىم مىننەتسىز تۆرەلگەن ئىنسان، ئۆتىدۇ كۈلۈپ ھەم بىزنى كۈلدۈرۈپ. ھەرجايغا مەرىپەت مەشئىلى يېقىپ، نادانلار دىلىدا زۇلمەت كۆيدۈرۈپ. ئۆتىدۇ ئاشۇنداق جىلۋىلىك كۈلۈپ، تۆھپىكار ئۆستۈرۈپ،تۆھپە يارىتىپ.  مۇئەللىم باھارى،پۈتكۈل ھاياتى، بەخشەندە بولىدۇ ئەۋلاتقا دائىم. بور-توزان ئىچىدە ئۆتسىمۇ ئۆمرى، بۇ مېنىڭ بۇرچۇم دەپ يېمەيدۇ ۋايىم. مۇئەللىم ئەڭ ئالىي ھۆرمەت تەختىدە، بولۇشقا مۇناسىپ شەۋكەتلىك ئايىم.

كۆرگەندە ئەۋلاتنىڭ ئىستىقبالىنى، بىپايان كۆكتىكى شوخ پەرۋازىنى. نېمىگە تەڭ قىلىپ بولار مېھرىنى، جىلۋىلىك كۈلكىسى،نۇرلۇق چېھرىنى. ئۇنتۇش مۇمكىنمۇ مۇئەللىم ئوخشاش، مىللەتكە جان كۆيەر بىر پەرۋانىنى.

مۇئەللىم ئالەمدە باھاسىز ئىنسان، خىسلىتى بىباھا،قەدىرلىك ئىنسان. ئەقلى-ئىدرىكى،زېھنى-ھاياتى، مەرىپەت يولىدا بولىدۇ پايخان. ئۇ شۇنداق مىننەتسىز تۆرەلگەن ئىنسان، مىللەتكە ئىلگىرىلەش يولىنى ئاچقان.

مۇئەللىم كۈلكىسى-باغۋەن كۈلكىسى، مۇئەللىم كۈلكىسى-ئالەمگە زىننەت. مۇئەللىم كۈلكىسى-بېغىشلار غەيرەت، مۇئەللىم كۈلكىسى-ئەۋلاتقا ھىممەت. مۇئەللىم كۈلكىسى-بىر چوڭقۇر ھېكمەت، ئۇ پاكىز،بىغۇبار،چەكسىز مۇھەببەت.[/ 
« ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىلىق مۇكاپاتلىق ئەسەر» يوللاش پائالىيىتى
مەنبە:ئۆز قەلىمەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ◤pari◥ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-8 14:39
|
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 10 تىللا + 10 تۆھپە + 10 شۆھرەت + 10 باھا خاتىرىسى
|