- تىزىملاتقان
- 2012-8-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-21
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 285
- نادىر
- 0
- تېما
- 5
- يازما
- 36

- يوقلىما
- 21
قىزغىنلىق- 79 سەر
تىللا- 8 دانە
تۆھپە- 39 سەر
شۆھرەت- 44 سەر
| ئابدۇۋەلى ئايۇپ(گۈلەن):ئاالاھقا قايتقان دادام -مەرھۇم دادام ئايۇپ غۇپۇر خاتىرىسىگە
دادامنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە ھېلىغىچە ئىشىنەلمەيمەن. ماڭا ئۇ بىر يەرگە مېھمانغا كەتكەندەك، بىر قانچە كۈندىن كېيىن قايتىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ. مىيىت ماشىنىسىغا چىققىنىمدا دادام ئۇخلاپ قالغاندەكلا ياتقانىكەن، ئاكىلىرىمنىڭ بۆرىدەك ھۇۋلاشلىرى، ئاچامنىڭ ئۆزىنى ئېتىپ يىغلاشلىرى، سىڭلىمنىڭ بوتىدەك ئېچىنىشلىق پەريادىمۇ ئۇنى ئويغۇتالمىدى. ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋاپات بولۇشى، كېپەنلىشىنى ۋە ئىشىكسىز، تۇڭلۇكسىز ئۆيگە دەپىن قىلىنىشىغا شاھىد بولدۇم. كۆزلۈرۈم ياش تۆكەتتى، لېكىن قەلبىمدىكى پىغان ياشقا ئوخشاش تۆكۈلەلمەيتتى. ئاۋازىم پۈتتى بىراق يۈرەكتىكى ئازاپ پۈتمىدى. كۆزلىرىم شۇنچە ياش تۆكتىيۇ قەلبىمدىكى دەرت لىقمۇ لىق پېتى قالدى. دادامنىڭ نامىزىنى چۈشۈرگەن ئاق ساقاللىق موھتىرەم ئىمام دادامنىڭ ئۆلۈمىنى ھاياتىدا كۆرگەن ئەڭ خاسىيەتلىك ئۆلۈم دەپ خۇلاسىلىدى. خىسلەتلىك رامازان ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنى بولغان ئۇلۇغ جۈمەدە، بامدات نامىزىدا جاينامازدا ئولتۇرۇپ قازا قىلغان دادام جۈمە نامىزىغا كەلگەچ مىيىت نامىزىغا قاتناشقان جامائەتنىڭ دۇئاسىغا نائىل بولدى. دادام ھەققىدە بىر قانچە ئۆلىما تەرىپلەردە بولدى. ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا قانداق سازاۋەر بولىدىغانلىقى ھەققىدە جامائەتكە تەسىرلىك ۋەز ئېيتىلدى. جامائەتكە دادام ھەققىدە سۆزلەپ بەرگۈم بار ئېدى. جامائەتكە مۇسۇبەت مىنۇتلىرىدا ئەقلىمدىن كەچكەن، قەلبىمنى ئۆرتىگەن سۆزلەرنى يەتكۈزگۈم بار ئېدى. ئەمما پۇرسىتىم بولمىدى. پۇرسىتىم بولسا ئېدى مۇنۇلارنى دېگەن بولاتتىم. 1. دېھقان دادام دادامنى كىچىكىمدە دېھقان دەپ بىلەتتىم. ئەقلىمنى بىلىپ كۆرگىنىم ئېغىلدا مەرەپ تىنمايدىغان قويلىرىمىز ۋە مەھەللە بويىچە ئەڭ ئاز يېرىمىز ئېدى. ئاق قارىنى پەرق ئەتكۈدەك بولغاندا بىلسەم دادام ئوپال يېزىسىنىڭ مائارىپ مۇدىرىكەندۇق. كىچىكىمدىن كىشىلەرنىڭ مېنى ئاسانلا تونۇۋېلىشاتتى ۋە نەدە كۆرسە "ئايۇپ غوپۇر مۇئەللىمنىڭ بالىسى" دەپ ئەركىلىتىشەتتى. بۇ مەندە "مۇئەللىملىك ياخشى ئىش ئىكەن، مۇئەللىم بولسا ھەممە ئادەم بىلىدىكەن، ھۆرمىتىنى قىلىدىكەن" دېگەن ئوي-خىيالنى پەيدا قىلغان بولسا كېرەك. بەلكىم سەبىي قەلبىمگە ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىستىكىنى تۇنجى بولۇپ دادام سەۋەبلىك ئېرىشكەن ئىززەت سىڭدۈرگەن بولسا كېرەك. كىچىكىمدىن ھەممە ئادەم دادامنىڭ ئوقۇغۇچىسىدەك، دوستىدەك بىلىنىپ ھىچكىم يات تۇيۇلمايتتى. ئۇ چاغدا رەھبەرلەرنىڭ ئىسمىغا زامانىمىزدىكىدەك خەنسۇچە ئەمەل نامى قوشۇپ ئاتالمىسا كېرەك. دادام بىر يېزىنىڭ مائارىپىغا 14 يىل مەسئۇل بولغان بولسىمۇ مەن ھىچكىمنىڭ دادامنى ئايۇپ غوپۇر، ئايۇپ غوپۇر مۇئەللىم دېگەن ئىسمىدىن باشقا بىر گەپ بىلەن ئاتاپ باققىنىنى ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن. بالىلىق خاتىرەمدە دادامنىڭ سىماسى ئېتىزدا بۇغداي ئورۇۋاتقان، باغدا ئۈزۈم كۆمۈپ ئېچىۋاتقان، باراڭدىكى تاللارنى پۇتاۋاتقان، ئارمۇت ئۈزۈۋاتقان، ئوتياش تېرىۋاتقان ھالەتتە ساقلىنىپ قاپتۇ. ئەگەر ئاخشاملىرى جىن چىراقنىڭ يورۇقىدا "مىڭ بىر كېچە"، "ئۆلۈك جانلار"، "سىيىت نوچى"، "ئابدۇرراھمان خان غوجا"، "نۇزۇگۇم"، "يۈسۈپ ئەھمەت" دېگەن داستانلارنى ھېسسىياتلىق ئوقۇپ بېرىۋاتقان تۇرۇقى سېلىشتۇرما بولمىسا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىغا پاكىت بولغۇدەك ئەسلىمەم يوق بولاتتىكەن. دادام ئوپالدىن توقۇزاق ناھىيە بازىرىغا-پارتىيە مەكتەپكە يۆتكەلگەندىن كېيىن دېھقانغا تېخىمۇ بەك ئوخشاپ كەتكەنىدى. ناھىيە بازىرىدىكى كىچىك ھويلىلىق ئۆيىمىزدە ھەممە يەم خەشەكنى سېتىۋېلىپ قوي باقاتتۇق، بىزنىڭ ئىشتەيلىك قويلار مەرەپ ھارمايتتى. ئەمەلىيەتتە شۇ بىدە، سامان، كۈنجۈرە، كېپەك ئالغان پۇلغا گۆش ئېلىپ يىسەك قوي باققاندىن ئەرزان توختايتتى. ئەمما دادام ھەممىمىزنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي قوي باقاتتى، يەر تېرىيتتى. ئىدارىدىكى بوش يەرلەرنى تۈزلەپ تېرىغاننىڭ ئۈستىگە ئوغۇزساقتىكى چوڭ ئانام چوڭ داداملارنىڭ يېرىنىمۇ تېرىپ يۇغۇشۇتۇراتتۇق. كۈزلىرى ئارمۇت ئۈزەتتۇق، ئۈزۈم كۆمەتتۇق، ئوتياشلارنى گىرەم-ئورىلارغا جايلاشتۇراتتۇق. دادام بۇنداق دېھقانچىلىق ھاياتىنى تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلدى. بىز ئالتە پەرزەنت ئىزچىل دادامنىڭ بۇنداق دېھقانچىلىق ھاياتىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەنىدۇق، ئەمما ئادەتتە يوللۇق تەلەپلىرىمىزنى يەردە قويمايدىغان دادام گېپىمىزگە باشتىن ئاخىر قۇلاق سالماي كەلگەنىدى. ئۇ چاغدا مەن دادامنى پارتىيە مەكتەپتە ئۆتۈشكە مەجبۇر بولغان ئالدامچىلىق تىپىدىكى سىياسىي دەرسلەرنى ئوقۇتۇش بىلەن چارچىغان، مۇستەملىكە قىلىنغان كاللىسىنى ئازات قىلىش ئۈچۈن جىسمانى ئەمگەك قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. دادامنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۇزۇتۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇ بىنا قىلغان ئايۋان سارايلىق ئۆي، باغ-ۋارانلىق ھويلىدا ئولتۇرۇپ قايتا ئويلاندىم. باغدىكى ئوخشاپ كەتكەن ئالما، ئەنجۈر، نەشپۈت، ئۈرۈك، ئۈزۈم قاتارلىق مىۋىلەرگە ئاغىز تەككۈزگەن مېھمانلار دادامنىڭ تەرىپىنى قىلىشتى. مەن دادام مۇشۇ مىۋىلەرنى ئۆزى ئۈزۈپ ئۈرۈمچىگە چىقارتمىسا، كەلگەنلىرىمدە داستىخانغا قويمىسا بېرىپ يەپ كېلىشكىمۇ ۋاقىت چىقىرالمىغانىكەنمەن. مەن بازاردا ھەممىمىسى بارغۇ، پۇللا تاپسام ھەممە نەرسىدىن بەھىرلەنگىلى بولىدىغۇ دەپ ئويلىغان بولسام كېرەك. مېھمانلارنىڭ دادام بەرپا قىلغان باغنى تەرىپلەشلىرى، باغدا ئايلىنىپ مىۋىلەرگە زوقلۇنۇپ قاراپ كېتىشلىرى، ھويلىدىكى گۈللۈككە مەستلىكى كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتىشلىرى مەندە ئۇيغۇر ھاياتى، پىشقەدەم ئۇيغۇر بىلەن ياشقەدەم ئۇيغۇرنىڭ پەرقى، ھاياتنىڭ مەنىسى...قاتارلىقلار ھەققىدە باشقىچە پىكىرلەرنى ئويغاتتى.
دادام 40 يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىلەن يەنىلا دېھقان ئىكەن. دادامنىڭ يەرگە، باغقا شەيدالىقى، دېھقانچىلىققا خۇمارلىقى پۇل ئۈچۈنلا ئەمەس ئىكەن. ئۇنىڭ تام سوقۇپ باغ قىلىشلىرى باققاللىق قىلىپ باي بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ئىكەن. دادام نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى يەرنى قۇچاقلاپ ياشىغان بىر دېھقان مىللەتنىڭ پۇشتى بولغىنى ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلاتتىكەن. ئۆزىنىڭ توپراقتىن يارالغانلىقىغا شەكسز چىنپۈتىدىغان ئۇيغۇر بوۋىلىرىمىزنىڭ يەرگە زىرائەت ئۇرۇقلىرىنلا چاچماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا ئىشچانلىق، خالىسلىق، مېھرىبانلىق، يارىدەم، كۆيۈم ئۇرۇقلىرىنى تېرىپتىكەن. دادام پۇل ئۈچۈن دېھقانچىلىق قىلماپتىكەن بەلكى ئۇيغۇرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئۇدۇمىنى داۋام قىلغانىكەن. دادامنىڭ دېھقانچىلىق قىلىپ ئېرىشكەن خۇشاللىقى بەرپا قىلىشنىڭ، ئىجادىيەتنىڭ، مىھنەت مىۋىسىنىڭ خۇشاللىقى ئىكەن. دادامنىڭ خۇشاللىقى ئەجىر مىۋىسىدىن سۆيۈنگەن يۈزلەردىكى رازىمەنلىكنى، كۈلكىنى كۆرگەندىكى ئەمگىكىدىن پەخىرلىنىش جىلۋىسى ئىكەن. مانا بۇ ئۇيغۇرنىڭ ھاياتى، مانا بۇ ھەقىقى ئۇيغۇرنىڭ كۈلكىسى! بۈگۈن شۇ دېھقاننىڭ پەرزەنتلىرى ئىدارىلەردە ئىشلەۋاتىدۇ، ماشىنىلاردا غادىيىپ ئولتۇرۇپ ئالدىدا تەمتىرەپ تۇرغان دېھقانلارغا قاراپ ئەۋزەللىك تۇيغۇسىغا چۈمۈلىۋاتىدۇ. خۇددى ئىللەت، قالاقلىق ۋە نادانلىق شۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەمدەك تۇيغۇغا چۈمۈپ ساختا ھەسرەتتىن ئۇھ تارتىۋاتىدۇ. ۋاھدەرىخ! شۇلار مەمنۇنمۇ؟ شۇلار ساغلاممۇ؟ ئەجدادلىرىمىزنىڭ قاراش ۋە چۈشەنچىلىرىدىن مائارىپ ئارقىلىق بەھىرىمەن بولالمىغان بىزلەر بىلەن بوۋىلارنىڭ ئۆگۈتلىرىدىن ئېتىز بېشىدا، نەشپۈت قېشىدا تەلىم ئالغان دادىلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق بۇلا ئەمەستۇر بەلكىم. 60 نەچچە يىللىق مائارىپ ئوقۇغان ئۇيغۇرنىڭ كۆپىنچىسىنى مۇئاشلىق قىلغان بىلەن بىلىملىك قىلالمىدى. ئۇلارنى پارتىيەگە سادىق كادىر قىلدىيۇ ھاياتتىكى تۈلۈك مەنىۋىي ۋە ماددىي مۈشكۈلاتلارغا قابىل قىلالمىدى . دادامنىڭ 30 نەچچە يىل ئوپالدا مائارىپچىلىق قىلىپ ئاخىرىدا ئېتىز بىلەن مەسجىدنى تاللىشى دېھقان بوۋىلارنىڭ ئېتىز بېشىدا قىلغان ئۈنسىز تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى. مېنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۇنىڭ دېھقانلىق ھاياتىغا ئىزچىل قارشى چىقىشىمىز نېمىنىڭ ئاقىۋېتى؟ 2. «قىزىل پاچاق» دادام دادام مىڭلىغان كادىرغا ئوخشاش پارتىيە ئەزاسى ئېدى. ئوپالدا مائارىپ مۇدىرى بولغان چاغلىرىدا ئۆيىمىزگە ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى بۇنى كۆتۈرۈپ كىرىپ تۇراتتى. دادامنىڭ بۇنداق چاغلاردا جۇدۇنى ئۆرلەپ قالاتتى ۋە ھاجەتمەنلەر كەتكەندىن كېيىن قايناپ كېتەتتى. ئاڭلىشىمچە دادامنىڭ مائارىپ مۇدىرلىقىدىن تۇغقانلار ھىچ نەپكە ئېرىشەلمىگەنىكەن. بولۇپمۇ ئانام دادامنىڭ نەۋرە ئاكامنى ئوپالئارت دەپ ئاتىلىدىغان يىراق مەكتەپتىن مەھەللىمىزدىكى مەكتەپكە يۆتكەپ قويمىغىنىغا ئانام نارازى ئېدى. بىز ئالتە بالا ئچىدە دادامنىڭ يول مېڭىشى بىلەن ھۆكۈمەتتىن نەپ ئالغان ھىچ بىرىمىز يوق. ئانام ۋە بەزى تۇغقانلارنىڭ نەزىرىدە دادام بەكمۇ كومۇنىست، ئاجايىپ قىزىل پاچاق ئېدى. مەنمۇ شۇنداق قارايتتىم. دادامنى كاللىسى يۇيۇلغان كىشىدەك چۈشىنەتتىم. ماگىستىرلىقنى پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئىچكىرىدە ئىشلەپ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ، تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە سەرسان بولۇپ يۈرۈش جەيانىدا ئابىستىراكىت ئۇيغۇر ھەققىدىكى ئويۇم دادام، بوۋىلىرىم ۋە ئەجدادلىرىمنىڭ كەچۈرمىشى ئۈستىگە مەركەزلىشىپ كونكىرىتلاشتى. تۈركىيەدە ھەقىقى كومۇنىستنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن دادام كۆزۈمگە كومۇنىزىملىق ئىدولوگىيە بىلەن پەقەت مۇناسىۋىتى يوق بىر ئادەمدەك كۆرۈندى. تۈركىيەدىكى كومۇنىستلاردا ھالال ھارام چۈشەنچىسى يوق ئېدى. تۈركىيەدىكى كومۇنىستلاردا ئەخلاق كومۇنىستلارنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسى بويىچە بولۇپ تۈركلەرنىڭ ئەخلاقىغا ئۇيغۇن ئەمەس ئېدى. ئۇلار نىكاھنى ئىتىراپ قىلمايتتى، بالىلىرى تۇغۇلغاندا تەكبىر توۋلىنىپ ئەزان ئوقۇلمايتتى، ئۆلگەندە مىيىت نامىزى چۈشۈرۈلمەيتتى. تۈركىيەدىكى كومۇنىستلار ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن مىللەتلەرگە ئايرىلغانلىقىغا قارشى ئېدى، ئۇلارچە مىللەت مەۋجۇد ئەمەس دۇنيادا پەقەت ئەزگۈچى ئېزىلگۈچىلا مەۋجۇد ئېدى...ۋاھاكازلار. تۈركىيەدىكى كومۇنىستلارغا سېلىشتۇرسام دادام ھىچ كومۇنىسقا ئوخشىمايتتى. دادامنىڭ «قىزىل پاچاق» ئاتىلىشى ئىتىقاد ئاساسى، مەنىۋىي ئەنئەنىسى يىمىرىلگەن، دېموكراتىيە بولمىغان جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى ئېدى. ئەگەر دادام ياۋرۇپادا بولغان بولسا ياخشى مەمۇر سانىلىپ، يەرلىك كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان بولاتتى. تۈركىيەدە بولغان بولسا ھالال، خالىس، ئاق كۆڭۈل، تەدبىرلىك، سالماق كىشى بولغاچقا جامائەتنىڭ ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ بىرەر ۋەخپىگە نازارەتچى بولغان ياكى بىرەر ۋەخپىگە خىزمەتكە كىرگەن بولاتتى. دادامنىڭ كومۇنىست، قىزىل پاچاق ئاتىلىشى ئەسلى ئۇيغۇرلاردا ياخشى ئادەمگە بېرىلىدىغان موئمىن (ئىمانلىق)، ھالال، ئادىل، خالىس، سالىھ (پاك)، دىيانەتلىك دېگەن ناملار ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئىتىقادنىڭ ئورنىغا مادىدىغا چوقۇنىدىغان بىر ئىدولوگىيەنىڭ دەسستىلگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. دادام ھۆكۈمران ئىدولوگىيەدىن نەپلىنىپ ياشىغان تۇرساكىمنىڭ قوينىدا ئىشلىسە شۇنىڭ تەلىۋى بويىچە تەرىپلىنىدىغان گەپتە! ئۇيغۇرلار مۇنداق كىشىلەرنى دىيانەتلىك، ھالال ئادەم ئېدى، دېسە بۇنى ھاكىمىيەت ئىتىراپ قىلمايتتى. ھاكىمىيەت ئىتىراپ قىلمىغان باھا، ھۆكۈم، تەرىپلەر تېلۋىزور، گېزىت، رادىيۇ، سەھنە قاتارلىق رەسمىي سورۇنلاردا قوللۇنۇلمايتتى. نەتىجىدە ئۇيغۇرنىڭ ئىتىقادىنى مەنبە قىلغان تەرىپ نوپۇزلۇق سانالماي ھاكىم ئىدولوگىيەنىڭ باھاسى خەقنىڭ ئاغىزىدا مودا بولاتتى. مەسىلەن، ئۇيغۇرچىمىزدىكى ئىمانلىق دېگەن مەنىدە كەلگەن موئمىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يۇۋاش، بوزەك دېگەن مەنىدىكى سۆزگە ئالمىشىشى ئىمانلىق كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتتە مەجبۇرى يۇۋاشلىتىلغانلىقى، بوزەك قىلىنغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماي نېمە؟ دادامنىڭ پارا ئالماسلىقى ئۇنىڭ كومۇنىستلىقىدىن ئەمەس خەقنىڭ ھەققىنى يىمەيدىغان، ھالالدىن رىزىقلىنىپ ھارامدىن يىراق تۇرىدىغان ئۇيغۇرچە پاكلىق ئەنئەنىسىگە داۋراڭسىز ۋارىسلىق قىلغىنىدىن بولغان. خىزمەت جەيانىدا ئۇرۇغ تۇققانلىرىغا يان باسماسلىقى ئاللاھ كالامىمىزدا تەلەپ قىلغان ئادىللىققا ئەمەل قىلغىنىدىن بولغان. چۈنكى دادام پۇرسەتلا بولسا مەسجىد ۋە ئېتىزنى تاللايدىغان ئۇيغۇر ئېدى، رىزىقىنى ھالال تەر تۆكۈپ يەيدىغان دېھقان ئېدى. داۋامى يوللىنىدۇ... 3. يول كىمنىڭ؟ 95-يىللىرىغۇ دەيمەن. دادام ئىشلەۋاتقان پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يول قايتا ياسىلىپ پىيادىلەر يولى ئىدارىلەرگە، كادىرلارغا تەقسىم قىلىندى. ئانامنىڭ تەكرار ئۈندەشلىرىدىن كېيىن دادامغا ياردەملىشىپ بىزگە تەقسىم قىلىنغان يولغا ئىشلەشكە رازى بولغان بولساممۇ بىكارغا تەر تۆككەنگە نارازى ئىدىم. مېنىڭ چۈشەنچەمدە يول، مەكتەپ، مەسچىت، كۆۋرۈك، ھاجەتخانا قاتارلىقلار ئاممىۋى ئەسلىھەلەر بولۇپ بۇنى ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن پۇل چىقىرىپ ياسىشى كېرەك ئىدى. ھۆكۈمەتنى باج تاپشۇرۇپ بېقىۋاتقان پۇقرانىڭ بۇنداق ئاممىۋى ئەسلىھەلەرگە ھەقسىز ئىشلىشى تۈپتىن خاتا ئىدى. مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ۋەزىپىنى خالا خالىماس تۈگىتىپ تۇرۇشۇمغا دادام يېنىمىزدىكى چالا قالغان ۋەزىپىنى قىلىۋېتىشنى تاپىلىدى. بۇ بۆلەك ۋەزىپە دادامنىڭ مەكتىپىدىكى بىردىن بىر خەنسۇ- شۇجىنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى. - دادا، بۇ ۋەزىپە ھېلىقى خەنسۇنىڭ تۇرسا، نېمىشقا بىز ئىشلەپ يۈرىمىز ئۇنىڭغا، - ۋەزىپە خەنسۇنىڭ بولغان بىلەن يول بىزنىڭ بالام، دېدى دادام كۆزۈمگە قاراپ مەنىلىك قىلىپ. ئويلىماي دەپ سالغان گېپىمگە خىجىل بولۇپ ۋەزىپىنى تېزلا تۈگەتتىم. لېكىن بۇ گەپ ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋۈمدىن كەتمەيدۇ. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆيۈنمەي بىپەرۋالىق قىلىپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ئېچىناتتىم. سەۋەبىنى سورۇسام ئۇلار «ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە جېنىمىزنى سېلىپ بېرەمدۇق؟» دېيىشەتتى. شۇنداق چاغلاردا دادامنىڭ گېپىنى ئويلايتتىم ۋە «خىزمەت ھۆكۈمەتنىڭ بولغان بىلەن بالىلار بىزنىڭ!» دەپ خىتاب قىلغۇم كېلەتتى. دادامنىڭ مېيىتىنى ئېلىپ قەبرىستانلىققا ماڭغان چېغىمىزدا يولنىڭ تارلىقى بىلىنىپ قالدى. كەنتىمىزدىكى يولنى دېھقانلار تاراشلاپ تېرەك تىكىپ تارايتىۋەتكەن ئىدى. يول بويلىرىغا قىغ دۆۋىلەنگەن، ياغاچلار بېسىلغان، قىشلىق يەم خەشەكلەر قويۇلغانىدى. كىچىك چاغلىرىمدىمۇ بار ئىدى مۇنداق يولغا قىغ-پىغ چىقىرىپ قويىدىغان ئىشلار، ئەمما يولنى تاراچلاپ تېرەك قويۇۋالىدىغان ئىش ماڭا غەلىتە تۇيۇلدى. شۇنداق خىيال بىلەن كېتىۋاتسام «يول ھۆكۈمەتنىڭ تۇرسا تارايتىپ تېرەك قويۇۋالسا نېمە بوپتۇ!» دەپ قالدى بىرەيلەن. «يول ھۆكۈمەتنىڭ» دېگەن گەپ شۇندىن بېرى ئەقلىمدىن كەتمىدى. بۇ دادام رەھمىتىنىڭ «ۋەزىپە خەقنىڭ بولغان بىلەن يول بىزنىڭ» دېگىنىگە قارشى ئىدى. ئاتا بوۋىمىزدىن قالغان ئىشىك ئالدىمىزدىكى يول قانداق بولۇپ ھۆكۈمەتنىڭ بولۇپ قالدى؟ يەر ھۆكۈمەتنىڭ، مەكتەپ ھۆكۈمەتنىڭ، ئىسسىق جان بىلەن قولىمىزدىكى نانچۇ؟ مەن ئۇچراتقان قەشقەردىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تايىنى يوق پۇلغا سېتىۋېتىپ «بۇ ھۆكۈمەت قىزىقكەن، ئۆزى تەقسىملەپ بەرگەن يەنى ئۆزى يەنە پۇلغا سېتىۋالدىيا!» دېيىشكەنلىرىنى ئويلىدىم. ئاتا بوۋىسىدىن باشلاپ ياشاپ كېلىۋاتقان تۇپراقنى، نەچچە ئەۋلاد ئۇيغۇرنى كۆكلەتكەن ئانا يەرنى ھۆكۈمەتنىڭ دەپ تونۇش قانداقلارچە بۇ قەدەر ئومۇملىشىپ كەتتى؟ نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى "يول ياسىسا ساۋاپ بولىدۇ" دەپ ياشاپ كېلىۋاتقان بۇ خەلقنىڭ ئۆزى كۈندە ماڭىدىغان يولنى "ھۆكۈمەتنىڭ" دەپ تونۇپ ئىگە بولماسلىقى، تارايتىۋېتىشى ماڭا تۈزۈمنىڭ، تەشۋىقاتنىڭ، مائارىپنىڭ مېڭە يۇيۇشتىكى رولىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. 4. چارەسىز دادام دادامنىڭ ئىسمىنى ئەييۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن دەپ بىلەتتىم. كېيىن سوراشتۇرسام دادامنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدە ئەيپاخۇن خەلپىتىم ئىسىملىك بىر ئۆلىما ئۆتكەن بولۇپ دادامغا شۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى قويغانىكەن. مومام رەھمىتى قۇرئاننى يادا بىلىدىغان، كىتاب ئوقۇپ، خەت يازالايدىغان مەرىپەتلىك ئايال ئىدى. بىزنىڭ تۇغقانلار ئىچىدە مومامدىن ساۋاق ئالمىغان ئادەم يوق ئىدى. قىش كۈنلىرى ئۇنىڭ ئۆيىدىن يىگىرمە ئوتتۇز ئوقۇغۇچى ئۈزۈلمەيتتى. بىز ئالتە پەرزەنتنىڭ دىنىي ساۋاتىنى مومام رەھمىتى چىقارغانىدى (ئاللاھ مەرھۇمغا رەھمەت قىلغاي). دادامنىڭ ئارامغا چىققاندا مومامنىڭ ساۋابلىق ئىشلىرىنى بەكمۇ داۋام قىلغۇسى بار ئىدى. ئەمما زامان تەتۈر كېلىپ قالدى. بالىلارغا دىنى تەربىيە بەرمەسلىك توختامنامىسى ئۆيمۇ ئۆي ئىمزالىتىلغان بولغاچقا دادام نەۋرىلىرىگە دىنى تەربىيە بېرىشتە چارىسىز قالدى.
دادام قىرىق نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچى بولغان كىتابخۇمار ئادەم بولغاچقا كىتاب ئىشكاپىمىزدا ھەر خىل ئەسەرلەرنىڭ تۈرى خېلىلا تولۇق ئىدى. دادام پېنسىيىگە چىقىپ بۇ كىتابلارنى نەۋرىلەرگە ئوقۇپ بېرەلمىدى، چۈنكى مائارىپتا تىل ئالماشتى. ئاتالمىش قوش تىللىق سىنىپتا ئوقۇپ چوڭ بولغان بىزنىڭ نەۋرە بالىلار ئۇ كىتابلارنى ئوقۇيالمايتتى. كىتابلاردىكى ئۇيغۇرچە ئەدەبىي تىل تۇرمۇشىمىزدىن پەرقلىنىدىغان بولغاچقا نەۋرىلەر ئاڭلاپ چۈشىنىشتە قىينىلاتتى. دادام ئۆزىنىڭ كىتابنى ھېسسىياتلىق ئوقۇيالايدىغانلىقىدىن، ئاۋازىنىڭ ياڭراقلىقىدىن پەخىرلىنەتتى. مىڭ ئەپسۇسكى، بىزنى كىتابنىڭ سېھرىگە چۆمدۈرگەن شۇ قەدىردان ئاۋاز ئۇيغۇرچىنى تۈزۈك چۈشەنمەيدىغان نەۋرىلەرنىڭ قۇلىقىغا قۇيۇلمىدى، قەلبىگە سىڭمىدى. 60-يىللارنىڭ باشلىرىدا ياركەنت دارىلمۇئەللىمىندە ئۆزىنىڭ «بىرزانىسكى» (بەلكىم بىرزانىسكى ئىسىملىك كىشى تۈزگەن ماتېماتىكا دەرسلىكى بولسا كېرەك) ئۆگەنگەنلىكىدىن پەخىرلىنىدىغان، ناھىيىمىزنىڭ مائارىپ سېپىدە ئۇزاق ئىشلىگەن ئابدۇراخمان ناۋايى ئىسىملىك شائىرنىڭ شېئىرلىرىنى يادا بىلىدىغان دادام نەۋرىلەرنىڭ قولىدىكى ماتېماتىكا كىتابىدا نېمە دېيىلگەنلىكىنى چۈشىنەلمىگىنىدە، ئۇلارنىڭ شىرەسىدىكى خەنسۇلارنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكىنى ئوقۇيالمىغىنىدا ئولتۇرۇپ كېتەتتى. سەبىيلەرنىڭ ئوقۇشىغا ياردەمدە بولالمىغىنى ئۈچۈن ھەسرەتلىك ئۇھ تارتاتتى. 2011-يىلى ناھىيىمىزدە تەشكىللەنگەن بالىلار بايرىمى پائالىيىتىدىن دادام بەكمۇ نارازى بولغانىدى. نەۋرىلىرىنىڭ پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان دادام بىلەن ئانام پائالىيەت جەريانىدا بىر گەپنىمۇ چۈشىنەلمەي ئاچچىقلاپ يېنىپ چىقىپتۇ. پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ 95 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشىغا قارىماي ھەممە نومۇر خەنسۇ بولۇپتۇ. بىزنىڭ نەۋرىلەرمۇ خەنسۇچە ناخشىغا ئۇسسۇل ئويناپتۇ. بۇ گەپ بولۇنغان داستىخاندا سىڭلىم بۇنداق ئىشنىڭ ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى، ناھىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرچىنىڭ قوللىنىلمايۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كەتتى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدىمۇ بىر ئېغىز ئۇيغۇرچە ئارىلاشتۇرۇلماپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ دادام «بۇ ناھىيىدە 95 پىرسەنت ئۇيغۇر تۇرۇپ بىز يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قاپتىمىز» دېدى خورسىنىپ.
مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا مەجبۇرى چوشقا باققان ۋە بۇ ئىنقىلابى ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىشكە زورلانغان دادام كۆز ئالدىدىكى رېئاللىققا بەكمۇ چارىسىز باقاتتى. قىرىق يىلدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان دادام قىسقىغىنا ئون نەچچە يىلدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزگىرىشلەردىن گاڭگىراپ قالغانىدى. ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئارقىلىق ئىگىلىگەن بىلىملىرىنى، ئاتا-بوۋىسىدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئېتىقادنى تارقىتىشتىن مەھرۇم قالغان دادام ئۆزىنى كېرەكسىز ھېس قىلاتتى. كۆزىتىشىمچە، ياشانغانلاردا بولىدىغان غېرىبسىنىش، كەمسىنىش، تاشلىنىش، چارەسىزلىك تۇيغۇسى دادامنىڭ يېشىدىكى ئۇيغۇر بوۋايلاردا ئالاھىدە ئېغىردەك ئىدى. 5. قارارسىز دادام دادامنىڭ ھاياتىدا ھۆكۈمەت قارارلىرىغا يانداشقىنىدىن باشقا قايسى قارارلارنى ئۆزى قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما بىزنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىشىمىزنى، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىدىن چىقماسلىقىمىزنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. دادام ھۆكۈمەتنىڭ قارارىغا ئىزچىل ئەگىشىپ كەلگەن بولۇپ بىزنىمۇ شۇنداق تەربىيىلەشكە تىرىشاتتى. قەشقەردە تاكسىچىلىك يېڭى باشلانغاندا چوڭ ئاكام خىزمەتنى تاشلاپ تاكسىچىلىك قىلماقچى بولۇپ رەھمەتلىك دادامنى قايىل قىلالمىغانىدى. ئىككىنچى ئاكامنىڭ سودا قىلىش ئارزۇسىمۇ قوللاشتىن مەھرۇم قالدى. 98-يىلى بىرىنچى قېتىم خىزمەتنى تاشلىغىنىمدا دادام ئانامغا رەنجىگەنلىكىنى ئىپادىلىگەنىكەن. دېمەك، دادامنىڭ خىزمەت، كەسىپ، ۋەزىپە قاتارلىق ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ھالقىلىق داۋانلاردا ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىگە ئەگىشىپ خۇسۇسى قارارسىز ئۆتكەن ھاياتى ئۇنىڭغا بۇ يولنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسا كېرەك. شۇڭىمىكىن، ئۇ بىزنى «قايناق سۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ» نى پرىنسىپ قىلغان ياشاش يولىغا ئۈندەيتتى. دادامنىڭ نەزىرىدە خۇسۇسى قارارلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، تەۋەككۈل قىلىپ يۈرگەندىن ھۆكۈمەتكە ئەگىشىش بىخەتەر تۇيۇلغان بولسا كېرەك. دادام ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل بۇرۇنغۇ دەيمەن، ناھىيىمىزنىڭ ئوغۇزساق يېزىسىدا ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قەبرىستانلىقنىڭ پۈتكەنلىك خەۋىرى تارقالغانىدى. شۇ چاغدا دادامدىن "دادا، ئەمدى ئۆلۈگىمىزنىمۇ باشقۇرامدىكەن، سەن تۈگەپ كەتسەڭ ئاشۇ ھۆكۈمەت قەبرىستانلىقىغا دەپىن قىلىمىزمۇ؟" دەپ سورۇغىنىم ئېسىمدە. دادام شۇ چاغدىمۇ قارارسىز ئىدى. ئۇ بىزنى مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ھۆكۈمەتنى رەنجىتىپ قالمىسۇن دەپ ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك. دادام ئاللاھقا قايتقان كۈنى ھېلىقى قەبرىستانلىققا قويۇشقا مەجبۇر بولدۇق، چۈنكى ئاتا بوۋىمىز دەپىن قىلىنغان قەبرىستانلىققا رەھمەتلىكلەرنى دەپىن قىلىش چەكلەنگەنىكەن. قەبرىستانلىق شام گۆر شەكلىدە ياسالغان بولۇپ جەسەت تەييار يەرلىكلەرگە كىرگۈزۈلۈپ ئېغىزى ئېتىلىدىكەن. شام گۆرنىڭ تاشقىرىقى گۆرلۈكى كۆمۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن شىرەنىڭ تارتمىسىغا سېلىنغاندەك جايلاشتۇرۇلغان جەسەتلەر ئۇزاققا قالماي سىرتقا پۇراشقا باشلايدىكەن. ھەر پەيشەنبە توپراق بېشىنى يوقلىغىلى بارغىنىمىزدا بۇرنىمىزغا بىر كۆڭۈلسىز پۇراق ئۇرۇلۇپ ھەسرەتلىك يۈرىكىمىزنى ئۆرتەيدۇ. مەھەللىمىزدىكى دېھقانلار ئاتا بوۋىلىرىنى تۇپراققا دەپىن قىلالمىغىنىدىن نارازىكەن. ئۇلارچە ئوتتا پىشۇرۇلغان خىشتا ئوپمۇ ئوخشاش قىلىپ يەردىن بىر ئادەم بويى كۆتۈرۈلۈپ ھەيۋەت ياسالغان بۇ قەبرىلەرنىڭ ئۇلارغا ياقماپتۇ، چۈنكى ئوتتا پىشۇرۇلغان خىش ئۇلارچە دوزاخنىڭ بېشارىتى ئىكەن. مەن دادامنىڭ تۇپرىقىنى قاتۇرماسلىقنى، توپىسىنى شامالنىڭ ئۇچۇرۇپ تۇرۇشىنى، قەبرە بېشىغا بىر تۈپ ئۈجمە قويۇپ قويۇشنى ئويلىغانىدىم. كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئادەم تېرىسا ئۈنگۈدەك مۇنبەت يەرگە سېلىنغان بۇ قەبرىستانلىق ئوغۇزساققا باغچە بەرپا قىلىنىپ ساياھەت ئورنىغا ئايلىنارمىش. ھاياتىدا كىم بىلەن توي قىلىشتىن باشقا ھەممە ئىشتا ھۆكۈمەت قارارىغا بويسۇنغان دادامنىڭ مېيىتى ھۆكۈمەت قەبرىستانلىقىدىن ئورۇن ئالدى. رەھمەتلىك دادامنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن ئارزۇلىرى بار بولغىيدى، ۋەھالەنكى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندىمۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن زېمىندا، دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ يېنىغا ئۆز كولاتقان يەرلىكتە يېتىش ئارزۇسىغا يېتەلمەي بىزنى ھەسرەتتە قويدى. دادام ياۋاش ئادەم ئىدى. تۈمەنلىگەن ئۇيغۇرغا ئوخشاش پارتىيە، ھۆكۈمەت دېگەنلەرنى ھەممىگە قابىل، قۇدرەتلىك، بەھەيۋەت بىر مەخلۇقتەك بىلەتتى. ئۇنىڭدىن قورقاتتى، ئەيمىنەتتى، خەۋپسىرەيتتى. ئىنساننىڭ قەدرىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نەزىرىگە ئېلىنغانلىق بىلەن ئۆلچەپ قالاتتى. كىچىكىمدىن تىنچ تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشنىڭ، ھەممىگە سەبرە قىلىشنىڭ، كۆز ئالدىدىكى نېسىۋىدىن باشقىغا باش قاتۇرماي كۈنلىكىگە شۈكرى قىلىپ ياشاشنىڭ ئەۋزەللىكىنى تەكىتلەيتتى. مەنچە ئۇ ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇلارنى بىز ئۈچۈن تەكىتلەيتتى. بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز، ساق- سالامەت ياشىشىمىز ئۈچۈن تەكىتلەيتتى. دادام پارتىيە ئەزاسى بولغاچقا ئۇنى ھەرەمگە ھەجگە ئېلىپ بېرىشقا ئىمكان بولمىدى. ھەتتا تۈركىيىگە ساياھەتكە ئاپىراي دېسەممۇ، ئامېرىكىغا چاقىرىپ جاھان كۆرسىتەي دېسەممۇ پاسپورتسىزلىق سەۋەبىدىن ئامالسىز قالدۇق. ئەمما شۇنچە ئىش ئۆتۈلگەن بولسىمۇ مەن دادامنىڭ نارازىلىقىنى ئاشكارىلىغىنىنى بىلمەيمەن. چۈنكى دادام بۇنداق ئاشكارىلاشنىڭ بىزدىمۇ نارازىلىق ئويغىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى. دادامنى ھايات چېغىدا باشقۇرغان، ئۇنىڭ كىشىلىك، تۇرمۇش، مۇۋەپپەقىيەت يولىنى سىزىپ بەرگەن ھەتتا دادامنىڭ ياتىدىغان گۆرىگە قەدەر تەپسىلىي باش قاتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغان پارتىيەنى، ھۆكۈمەتنى ئۇنىڭ ئۆلىمىدىمۇ، قىرىق نەزرىسىدىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. بەلكىم، مەن كۆرمىگەن بىلەن ھۆكۈمەت ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغاندۇ. مەنبە : www.ulinix.cn |
|