پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2371 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 485|ئىنكاس: 17

بارلىق تورداش دوستلارغا‹2›(چوقۇم كۆرۈڭ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
229
قىزغىنلىق
4411 سەر
تىللا
1183 دانە
تۆھپە
2433 سەر
شۆھرەت
2863 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 20:43:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بارلىق تورداش دوستلارغا ‹2›



بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداش دوستلار، ياخشىمۇسىز؟
يېقىندىن بېرى مۇنبىرىمىزدىكى بىر قىسىم تورداش دوستلار تېما ۋە ئىنكاس يوللاش ئارقىلىق، تورداشلارنىڭ يوللىغان تېما-ئىنكاسلىرىنى تەستىقسىز چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇش، بۇ ئارقىلىق تورداشلارنىڭ مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇش، تېما-ئىنكاس يوللاش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ناھايىتى ئورۇنلۇق پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ پىكىر-تەكلىپلىرىدىن بايقاش مۇنبىرىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلىگەن ياخشى كۆڭلى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بايقاش مۇنبىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى، سەرخىل ئەزالارنىڭ كۆپىيىپ، تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ئويلىغانلىقىغا، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرغانلىقىغا  كۆپ رەخمەت.
تورداش دوستلار ئوتتۇرا قويغان تېما-ئىنكاسلارنى تەستىقسىز چىقىدىغان قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلار كۆپ قېتىم مۇزاكىرىگە قويۇپ ئويلاشقان. بولسا تورداشلار دىگەندەك،  تورداشلىرىمىز خالىغان ۋاقىتتا تېما-ئىنكاسلارنى يوللىسا، تېما-ئىنكاسلار تەستىقسىز مۇنبەر يۈزىدە كۆرۈنسە، تورداشلار ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ماتىرىياللارنى كۆرۈپ پايدىلانسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز بۇلاتتى.
لېكىن يېقىندىن بېرى بەزى ئىشلار بىز ئويلىغاندەك تېنچ بولمايۋاتىدۇ. بەلكىم تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بار، يېقىندىن بېرى بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كۆز قىزارتىۋاتقان بىر ئۇچۇم قارانىيەتچىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن، ئارقا-ئارقىدىن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا بايقاش مۇنبىرىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا رەزىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مۇنبەرنىڭ ئارقا بەت باشقۇرۇش سۇپىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، بىردە مۇنبەرنىڭ مەشخۇلات تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرسا، بىردە بىر قىسىم ماتىرىيال، تېما-ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋېتىپ بارىدۇ، يەنە بىردە مۇنبەرنىڭ چ چ توپىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، قالايمىقان ئۇچۇر يوللاپ، ئاتامان، باشقۇرغۇچى ۋە تورداشلار ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ ھەركەتلەر بىزنىڭ يەنىمۇ ھۇششار ۋە ئېھتىياتچان بۇلۇشىمىز لازىملىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
خېلى بۇرۇنلا مۇنبەرگە ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، بايقاش مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ كىرگۈچى دوستلارنى ئۇيغۇرچە مەنىلىك ناملار بىلەن تىزىملىتىپ كىرىشنى، سان-سىپىر، ئىنگىلىزچە، روسچە ھەرىپلەر تىزمىسى ۋە شەرتلىك بەلگىلەر بىلەن تىزىملاتماسلىقنى، بولمىسا مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇش ئىلتىماسى بىردەك تەستىقلانمايدىغانلىقىنى، ئىلگىرى مۇشۇنداق ناملار بىلەن مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇپ كىرگەنلەر دەرھال ئەزالىق نامىنى ئۆزگەرتىۋېلىشى لازىملىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدۇق. لېكىن مۇنبەرگە سان-سىپىر، ئىنگىلىزچە، روسچە ھەرىپلەر تىزمىسى ۋە شەرتلىك بەلگىلەر بىلەن تىزىملىتىپ كىرىۋاتقان، ھەتتا ئېلخەت ئادرىسى ئېنىق بولمىغان بىر قىسىم ئەزالىرىمىز ھېلىھەم مەۋجۇت.
يېقىندا مۇنبەردە ئىشەنچلىك ئەزالاردىن يۇقۇرى (ئىشەنچلىك ئەزا، باشقۇرغۇچى، ئالى باشقۇرغۇچى، ئاتامانلار) ئەزالارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش خىزمىتى ئاخىرلاشتى، ئەمدى يېقىندا ئىشەنچلىك ئەزالاردىن تۈۋەن بارلىق تورداشلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئىشلىمەكچى بۇلۇۋاتىمىز.
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش ئىنتايىن مۇھىم، تورداشلارنىڭ سالاھىيىتى دەلىللەنسە تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى يوللاۋاتقان ماتىرىيال ۋە تېما-ئىنكاسلارغا مەسئۇل بۇلۇش ئېڭى ۋە  مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئۆستۈرگىلى ۋە قالايمىقان تېما-ئىنكاسلارنىڭ يوللىنىشىنى تىزگىنلىگىلى بۇلىدۇ. بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ بايقاش مۇنبىرىدىكى تورداشلار ئىشەنچىلىك ئەمەس دىگەنلىك ئەمەس! بەلكى مۇنبەرنىڭ تاقىلىپ قالماي، تېخىمۇ زور تەرەققى قىلىشىنى كۆزلىگەنلىك. «ئەزىز مېھمان» دەرىجىسى بىلەن مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگەن نۇرغۇن تورداشلار يوللىغان تېما-ئىنكاسلىرى، يوللانمىلىرىنىڭ مەزمۇنى، مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىسى ۋە مۇنبەردىكى سىتاجىغا قاراپ  ئالى ئەزا، ئەتىرگۈل ئەزا، ئىشەنچىلىك ئەزا، باشقۇرغۇچى، ئالى باشقۇرغۇچى قاتارلىق دەرىجىلەرگە ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ. ھازىر مۇنبەردە ئىشەنچىلىك ئەزا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئەزالارنىڭ تېما-ئىنكاسلىرى تەستىقسىز چىقىۋاتىدۇ.
تورداش دوستلار:
بەلكىم سىلەرمۇ بىلىسىلەر، ئىلگىرى نۇرغۇن شۆھرەت قازانغان، ئەلنىڭ مايىللىقىنى ئۆزىگە تارتقان داڭلىق تور بىكەتلىرى بولغان، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلار تور دۇنياسىدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولدى. ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز تاقىلىپ، غايىپ بۇلۇشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى شۇكى ئۇلار مۇنبەرگە سىياسىغا، ۋەزىيەت-ۋەزىپىلەرگە مۇخالىپ تېما-ئىنكاسلارنىڭ يوللىنىپ قېلىشىنى تولۇق تىزگىنلەپ بۇلالمىغان!
دۈشمەن رەزىل، دۈشمەن رەھىمسىز. بايقاش مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى، تەرەققياتى ئۈچۈن ھۇششار ۋە ئېھتىياتچان بۇلۇش ئىنتايىن زۆرۈر!
بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداشلارنىڭ سالاھىيىتى تولۇق دەلىللىنىپ بولغان كۈنى بارلىق تورداشلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان تېما-ئىنكاسلىرى چوقۇم تەستىقسىز چىقىدۇ!
بايقاش مۇنبىرىنى قوللىغان، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرغان بارلىق دوستلارغا رەخمەت.

http_imgload[2].gif

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-7 01:36  

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئالى باشقۇرغۇچى

ئەتە ئۈلۈپ كىتىدىغاندەك ياشا.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1329 سەر
تىللا
652 دانە
تۆھپە
903 سەر
شۆھرەت
853 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزامائارىپچىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبايقاش قىزىقچىسىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 21:39:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەرنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ بۇرچى مەن سىزنىڭ پىكرىڭىزنى دائىم قوللايمەن.

باھا سۆز

ئامان رەخمەت سىزگە.  يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 01:40:24

Rank: 4

قىزغىنلىق
459 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
250 سەر
شۆھرەت
304 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 21:50:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمىز . سەۋرى قىلىپ ئەستايىدىل بولۇپ مۇنبەرگە ھەقىقى مىھرى چۈشكەن ، مۇنبەرگە كۈچ چىقىردىغان ئەزالارنى تاللىۋالغىلى بولىدۇ .

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4486 سەر
تىللا
1071 دانە
تۆھپە
2759 سەر
شۆھرەت
2942 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 21:58:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان مۇئەللىم . سىز ئويلىغاندەك  .مۇنبەرگە يوللىغان تىمىلارغا نىسپىتەن ئىشەنچىلىك ئەزا ، ئالىي ئەزالارنىڭ تىما ئىنكاسلىرى تەسىقسىز چىقىدۇ . بىز يەنىلا بىر مەزگىل ھازىرقى نىشان تەلەپلىرىمىز بۇيىچە مېڭىشىمىز تۇلىمۇ زۈرۈل دەيمەن.  مەن ويلايمەن بىز ئەزالارنىڭ  تىمىلارغا يازغان ئىنكاسلىرىنى تەسىقسىز چىقارساق چۇقۇم مەسىلە چىقىشى ئىنىق لا گەپ . بايقاشتىكى  يىڭى ئەزالارنى ۋە ئىنكاسلارنى تەسىقلاش بايقاشنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق دەپ ئويلايمەن.چۈكى بىز ئىنكاس ۋە ئەزالارنى كۈرۈپ تەسىقلىغاندا ئېرىققا سۇ كىلىشتىن بۇرۇن چۇقۇم تۇغان سېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئويلىشىمىز كىرەك . چۈنكى مۇنبەردىكى ئەزا -زىيارەتچىلەرنىڭ كوڭلىدىكى گەپلەرنى بىز ئۇقمايمىزدە . سىز بىلىسىز . بايقاشقا يېقىندىن  بىرى بېرى بەزى ئىشلار بىز ئويلىغاندەك تېنچ بولمايۋاتىدۇ. بەلكىم تورداشلارنىڭ ىەۋىرىدە بار، يېقىندىن بېرى بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كۆز قىزارتىۋاتقان بىر ئۇچۇم قارانىيەتچىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن، ئارقا-ئارقىدىن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىق ھالدا بايقاش مۇنبىرىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز . شۇڭا زىيارەتچىلەر ۋە ئەزالارنىڭ توغىرسىدىكى گەپ -سۆزلەرگە دىققەت  قىلىشىنى ھەمدە شۇ يامان نىيەتلىك كىشىلەرنى كورگەندە ھەرھال بىزگە مەلۇم قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مىنىڭ تەلىۋىم . يەنىلائەزالارنىڭ يازمىللىرىغا يېزىلغان  پىكىر -تەكلىپنى   ئىنكاس . ۋە ئەزالارنى يەنىلا ھازىرقىدەكلا  تەسىق ئارقىلىق چىقىرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن .  
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3947 سەر
تىللا
502 دانە
تۆھپە
2366 سەر
شۆھرەت
2472 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 22:08:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزز بايقاشتىن پايدىلنىپ نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولۇشنى بايقاشنى گۈللەندۈرۈشنى بايقاش تەرەقىياتى ئۈچۈن تىرىشۋاتقانلارمىز .شۇڭا بايقاشنى قوغداش ، تەرەققى قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئوليىتى ،مەجبۇريىتى .ئامان ئەپەندىم ياخشى تېما يوللاپسىز .رەھمەت گېپىڭىز ئورۇنلۇق .

Rank: 1

قىزغىنلىق
129 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
98 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 22:35:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان ئەپەندىم،ھەقىقەتەن ياخشى ئويلاپسىز.بايقاش مۇنبىرىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ باش تار تىپ بۇلالماي دىغان مەسئولىيىتى.شۇڭا تەستىقلاپ بۇلۇپ چىقارساق بىخەتەر بۇلىدۇ .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
168 سەر
تىللا
30 دانە
تۆھپە
103 سەر
شۆھرەت
112 سەر

تىرىشچان ئەزامائارىپچىبايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 01:31:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇنلۇق پىكىر بوپتۇ .ناۋادائارغامچا ئۇزۇن قويىۋىتىلسە باشقۇرۇشمۇ تەس بولىدىغان ئەھۋال بولىدۇ.

Rank: 1

قىزغىنلىق
306 سەر
تىللا
19 دانە
تۆھپە
95 سەر
شۆھرەت
116 سەر

مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 10:51:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     يۇقارقى مەزمۇنلارنى تۇلۇق كۈرۈپ چىقتىم،ياخشى ئىنكاس كەن ،لىكىن نىمە بۇلۇشتىن  قەتئىنەزەر،يوللارنغان ھەرقانداق تىمىنى توردا بار باشقۇرغۇچىلار چۇقۇم ئەستايىدىل بىرقېتىم كۈرۈشى ۋە ئەستايىدىل تەستىقلىشى زۇرۇر دەپ ئويلايمەن،چۈنكى بۇيەردىكىلەر ئوقۇتقۇچىلار،باشقۇرۇش چۇقۇم قاتتىق بۇلۇش كېرەككى بوشاشتۈرۈشقا قەتئى بولمايدۇ،ئادەم دىگەن ھىسىياتچان نەرسە! كىم بىلىدۇ،بىركۈنى بىرەر پوق يىمەس ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلاپ سالسا ،بىرنىڭ پۇقى مىڭگە بۇلۇپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ،توردۇنياسىمۇ قانۇن بۇيىچە باشقۇرۇلىشى كېرەك،ھەممىمىز ئاڭلىق ھالدا قانۇن-تۈزۈم ئىچىدە ،تىنىچ-ئامان ياشايلى!

باھا سۆز

ئامان مۇنبەرنى قوللىغىنىڭىزغا ۋە چۈشەنگىنىڭىزگە رەخمەت.باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىمىز سەرخىل، ئۇلار بوش ۋاقىت چىقارسىل تەپسىلاتىئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 13:59:45
بىراۋنىڭ گىپىگە باقماي،قىلغان ئىشىغا باق.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4411 سەر
تىللا
1183 دانە
تۆھپە
2433 سەر
شۆھرەت
2863 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىبايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 13:59:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
★萨伊迪汗★ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-7 10:51
يۇقارقى مەزمۇنلارنى تۇلۇق كۈرۈپ چىقتىم،ياخشى ئىنكا ...

مۇنبەرنى قوللىغىنىڭىزغا ۋە چۈشەنگىنىڭىزگە رەخمەت.
باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىمىز سەرخىل، ئۇلار بوش ۋاقىت چىقارسىلا مۇنبەرنىڭ ئىشلىرى بىلەن بۇلۇۋاتىدۇ. توردا بار باشقۇرغۇچىلار يوللانغان تېما-ئىنكاسلارنى تەستىقسىز قويمايدۇ، بۇ جەھەتتە خاتىرجەم بۇلۇڭ. مۇنبەر ئۈچۈن ھەرقانداق تەكلىپ-پىكىرلىرىڭىز بولسا قولىمىز كۆكسىمىزدە.
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1046 سەر
تىللا
302 دانە
تۆھپە
741 سەر
شۆھرەت
832 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزابايقاش باتۇرىجەۋھەر ئەزابايقاش قوغدىغۇچىسىدادىل ئەزا ئوردىنىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 14:05:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق! مەن دوستۇم ئاماننىڭ  پىكىرىنى تامامەن قوللايمەن!مۇنبىرىمىزنىڭ مەڭگۈ رۇناق تېپىپ،تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن،ئەزا تەستىقلاشتىن ئىبارەت بۇ ئۆتكەلنى چۇقۇم قاتتىق باشقۇرۇشىمىز،باشقۇرغۇچىلارمۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان بولىشىمىز كېرەك!
كەسىپداشلىرىمنىڭ بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-23 16:18, Processed in 0.271176 second(s), 37 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش