پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ登录

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2356 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 86|ئىنكاس: 5

بارىكاللا[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

يوقلىما
65
قىزغىنلىق
1134 سەر
تىللا
380 دانە
تۆھپە
493 سەر
شۆھرەت
593 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 20:39:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بارىكاللا

(ساتېرا)

ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت

باشلىق كەلدى، كۆرۈپ كەتتى، بارىكاللا،
تەكشۈرۈشتە بولۇپ كەتتى، بارىكاللا،
«تەتقىقات»نى قويۇپ كەتتى بارىكاللا،
شەكىلۋازلىق قۇرۇپ كەتتى، بارىكاللا،
دىللىرىمىز يورۇپ كەتتى، بارىكاللا.

بىر ئاي بۇرۇن چۈشمەي ئەجەپ يارلىق بىزگە،
كەلمەي تۇرۇپ جاھان تېخى تارلىق بىزگە-
ئىش ئورنىدا دۈم ياتقىدەك خارلىق بىزگە،
بالىلاردىن، ئۆيدىن يەتمەي زارلىق بىزگە،
باشلىق بۇنى تۇيۇپ كەتتى، بارىكاللا.

تۇيۇقسىزلا كۆردۇق ئۇنىڭ يۈزىنىمۇ،
قۇلاق بىلەن ئاڭلاپ مۇھىم سۆزىنىمۇ،
سايە ئەمەس، ئېلىپ كەپتۇ ئۆزىنىمۇ،
ئېچىپ يەنە بۈگۈن باشلىق كۆزىنىمۇ،
پۇخرانىمۇ تونۇپ كەتتى، بارىكاللا.

بىزنىڭ باشلىق كۆرۈپ ئۇنى قېتىپ قالدى،
ئۆلمىدى-يۇ، ھەيرانلىققا پېتىپ قالدى،
ئىشتىنىغا چىقارغىنى يېتىپ قالدى،
چاپارمەنلەر بۇنى ئىلغا ئېتىپ قالدى،
پاقلانلارنى سويۇپ كەتتى، بارىكاللا.

بۇيرۇق يېتىپ ئارقا سەپنىڭ باشلىقىغا،
قىز-چوكانلار ئۈلگۈرگەنتى قاشلىقىغا،
كۆكسى «مەن»دەپ گۇۋاھ ئىدى شاشلىقىغا،
باشلىق كۆرسە يانار ئىدى ياشلىقىغا،
بىراق، قاپاق تۈرۈپ كەتتى، بارىكاللا.

زىياپەتنى راسلىغانلار داغدا قالدى،
كاۋاپ زىختا، قورۇمىلار ياغدا قالدى،
سۈت كورىدا، مېۋە شاختا-باغدا قالدى،
كەكلىك، ئۇلا، بۇغىلارمۇ تاغدا قالدى،
باشلىق يېمەي يۈرۈپ كەتتى، بارىكاللا.

سېھرىگەرلەر ساختا مەيدان ياسالمىدى،
دوكلات نەخلەپ، شۇئارلارنى ئاسالمىدى،
شۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنى باسالمىدى،
بىر-بىرىنى چىشلەپ يەنە قاسالمىدى،
رەسۋا بولۇپ تۇرۇپ كەتتى، بارىكاللا.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-6 20:47  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىقىزغىنلىقتىللاتۆھپەشۆھرەتيىغىشسەۋەبى
زەپەر + 5 + 3 + 5 + 2قوللايمەن!

ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5 تىللا + 3 تۆھپە + 5 شۆھرەت + 2  باھا خاتىرىسى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
739 سەر
تىللا
80 دانە
تۆھپە
360 سەر
شۆھرەت
409 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 21:32:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىقلارنىڭ  خىزمەت ئىستىلى داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى بولسا ، تۆۋەندە شەكىلۋازلىق تۈگىگەن بولاتتى . ياخشى يېزىپسەن دوستۇم . ئېسىل شېئىرلىرىڭ مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي........
ئەتەڭنى ئويلا،ئۆگۈنۈڭنى ئويلىما.چۈنكى، ئەتەڭ يەنە بىر ئەتىگە ھامىلدار!

Rank: 4

قىزغىنلىق
456 سەر
تىللا
111 دانە
تۆھپە
249 سەر
شۆھرەت
303 سەر

كومپىيۇتىر ماھىرى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 21:53:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز كەلىمىڭىز ئۈزلۈپ توختاپ قالماي ئىلھاملىرىڭىز تېخىمۇ قاناتلانسۇن

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
4435 سەر
تىللا
1058 دانە
تۆھپە
2729 سەر
شۆھرەت
2913 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىتۆھپىكار باشقۇرغۇچىبابقاش يازغۇچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 22:04:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاھىدىن ئاكا ياخشىمۇ سىز  سىزنىڭ بۇ شېئېرىڭىزدا  باشقۇرغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى خادىملارنىڭ  ياخشى يىما يىسىگە ئىرشىشتەك ياخشى خىسلىتى تۇلۇق ئەكىس ئىتىپتۇ. دىمەك مەن سىزنىڭ يۇقىرى سەۋيىلىك نادىر شىئېر يازمىلارنى يېزىپ جەمىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەرگە نىسپىتەن ئۆتكۈر تىللىرىڭىز ئارقىلىق زەربە بىرشىڭىزنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن . رەخمەت سىزگە
ئوقۇتقۇچىلىق -قۇياش ئاستىدىكى ئەڭ شانلىق كەسىپ

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3918 سەر
تىللا
510 دانە
تۆھپە
2355 سەر
شۆھرەت
2468 سەر

تىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىتۆھپىكار ئەزاجەۋھەر ئەزابايقاش شائىرىبايقاش مەلىكىسىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 22:14:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئالاھىدىن ئاكا رەھمەت ياخشى شېئىرلىرىڭىز بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا .

Rank: 1

قىزغىنلىق
129 سەر
تىللا
6 دانە
تۆھپە
85 سەر
شۆھرەت
98 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-6 22:41:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالاھىدىن ئەپەندى،ياخشى ئەسەرلەرنى ئەۋەتكىنىڭىزگەرەھمەت.
ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ، يوللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىشتىن بۇرۇن ئىنكاس ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. ئاپتۇماتىك ئىملا تەكشۈرۈش ئۈچۈن:بۇ يەرنى بېسىڭ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|ياردەم سوراش|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-10-21 11:25, Processed in 0.158608 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش