- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-22
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 16792
- نادىر
- 12
- تېما
- 382
- يازما
- 1534
 
قىزغىنلىق- 4382 سەر
تىللا- 1182 دانە
تۆھپە- 2413 سەر
شۆھرەت- 2839 سەر
          
| بۇرادەر، ياخشىمۇسىز؟ بايقاش مۇنبىرىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا! بۇ تېمىڭىزدا ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپلەرنى بېرىپسىز، يازمىڭىزدىن ياخشى كۆڭلىڭىز بىلىنىپ تۇرىدۇ، سىزمۇ بايقاش مۇنبىرىنىڭ تېخىمۇ روناق تېپىشىنى، سەرخىل ئەزالارنىڭ كۆپىيىپ، تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ئويلاۋېتىپسىز، مۇنبىرىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت. سىز ئوتتۇرا قويغان بۇ مەسىلىنى ئاتامان ۋە باشقۇرغۇچىلار كۆپ قېتىم مۇزاكىرىگە قويۇپ ئويلاشقان. بولسا سىز دىگەندەك، تورداشلىرىمىز خالىغان ۋاقىتتا تېما-ئىنكاسلارنى يوللىسا، تېما-ئىنكاسلار تەستىقسىز مۇنبەر يۈزىدە كۆرۈنسە، تورداشلار ئۆزلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ماتىرىياللارنى كۆرۈپ پايدىلانسا تېخىمۇ ياخشى بۇلاتتى، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز بۇلاتتى. لېكىن يېقىندىن بېرى بەزى ئىشلار بىز ئويلىغاندەك تېنچ بولمايۋاتىدۇ. ئاڭلىدىڭىزمىكىن، يېقىندىن بېرى بايقاش مۇنبىرىمىزنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كۆز قىزارتىۋاتقان بىر ئۇچۇم قارانىيەتچىلەر ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن، ئارقا-ئارقىدىن بايقاش مۇنبىرىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا رەزىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، مۇنبەرنىڭ ئارقا بەت باشقۇرۇش سۇپىسىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، بىردە مۇنبەردىكى مەشخۇلات تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرسا، بىردە بىر قىسىم ماتىرىيال، تېما-ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۋېتىپ بارىدۇ، يەنە بىردە مۇنبەرنىڭ چ چ توپىغا سوقۇنۇپ كىرىپ، قالايمىقان ئۇچۇر يوللاپ، ئاتامان، باشقۇرغۇچى ۋە تورداشلار ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلىدىغان بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. خېلى بۇرۇنلا مۇنبەرگە ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، بايقاش مۇنبىرىگە تىزىملىتىپ كىرگۈچى دوستلارنى ئۇيغۇرچە مەنىلىك ناملار بىلەن تىزىملىتىپ كىرىشنى، سان-سىپىر، ئىنگىلىزچە، روسچە ھەرىپلەر تىزمىسى ۋە شەرتلىك بەلگىلەر بىلەن تىزىملاتماسلىقنى، بولمىسا مۇنبەرگە ئەزا بۇلۇش ئىلتىماسى بىردەك تەستىقلانمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتۇق. يېقىندا مۇنبەردە ئىشەنچلىك ئەزالاردىن يۇقۇرى (ئىشەنچلىك ئەزا، باشقۇرغۇچى، ئالى باشقۇرغۇچى، ئاتامانلار) ئەزالارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش خىزمىتى ئاخىرلاشتى، ئەمدى يېقىندا ئىشەنچلىك ئەزالاردىن تۈۋەن بارلىق تورداشلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئىشلىمەكچى بۇلۇۋاتىمىز. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش ئىنتايىن مۇھىم، تورداشلارنىڭ سالاھىيىتى دەلىللەنسە تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى يوللاۋاتقان ماتىرىيال ۋە تېما-ئىنكاسلارغا بولغان مەس.ۇلىيەتچانلىقىنى ئۆستۈرگىلى ۋە قالايمىقان تېما-ئىنكاسلارنىڭ يوللىنىشىنى تىزگىنلىگىلى بۇلىدۇ. بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ بايقاش مۇنبىرىدىكى تورداشلار ئىشەنچىلىك ئەمەس دىگەنلىك ئەمەس! بەلكى مۇنبەرنىڭ تاقىلىپ قالماي، تېخىمۇ زور تەرەققى قىلىشىنى كۆزلىگەنلىك. ‹‹ئەزىز مېھمان›› دەرىجىسى بىلەن مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگەن نۇرغۇن تورداشلار يوللىغان تېما-ئىنكاسلىرى، يوللانمىلىرىنىڭ مەزمۇنى، مۇنبەرگە قوشقان تۆھپىسى ۋە مۇنبەردىكى سىتاجىغا قاراپ ئالى ئەزا، ئەتىرگۈل ئەزا، ئىشەنچىلىك ئەزا، باشقۇرغۇچى، ئالى باشقۇرغۇچى قاتارلىق دەرىجىلەرگە ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ. ھازىر مۇنبەردە ئىشەنچىلىك ئەزا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقۇرى ئەزالارنىڭ تېما-ئىنكاسلىرى تەستىقسىز چىقىدۇ. بۇرادەر: بەلكىم سىزمۇ بىلىسىز، ئىلگىرى نۇرغۇن شۆھرەت قازانغان، ئەلنىڭ مايىللىقىنى ئۆزىگە تارتقان داڭلىق تور بىكەتلىرى بولغان، كېيىنكى كۈنلەردە ئۇلار تور دۇنياسىدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولدى. ئۇلارنىڭ تۇيۇقسىز تاقىلىپ، غايىپ بۇلۇشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى شۇكى ئۇلار مۇنبەرگە سىياسىغا، ۋەزىيەت-ۋەزىپىلەرگە مۇخالىپ تېما-ئىنكاسلارنىڭ يوللىنىپ قېلىشىنى تولۇق تىزگىنلەپ بۇلالمىغان! دۈشمەن رەزىل، دۈشمەن رەھىمسىز. بايقاش مۇنبىرىنىڭ كەلگۈسى، تەرەققياتى ئۈچۈن ھۇششار ۋە ئېھتىياتچان بۇلۇش ئىنتايىن زۆرۈر! بايقاش مۇنبىرىدىكى بارلىق كونا-يېڭى تورداشلارنىڭ سالاھىيىتى تولۇق دەلىللىنىپ بولغان كۈنى بارلىق تورداشلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان تېما-ئىنكاسلىرى چوقۇم تەستىقسىز چىقىدۇ! يوللىغان تېمىڭىزغا كۆپ رەخمەت.
|
|